logo

trugen jacn

دائىرىلەر خوشۇت ناھىيەسىنىڭ «تۆت خىل كونترول قىلىش ئەندىزىسى» نى تەشۋىق قىلماقتا

image

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر خوشۇت ناھىيەسىنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان كۆچمە نوپۇسنى باشقۇرۇش بويىچە «تۆت خىل كونترول قىلىش ئەندىزىسى» ياراتقانلىقىنى تەقدىرلىگەن

مەلۇم بولۇشىچە، خوشۇت ناھىيىسى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئاتالمىش «تۆت خىل كونترول قىلىش ئەندىزىسى» ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىن كېلىدىغان ئۇيغۇر يولۇچىلارنى مەزكۇر ناھىيە تەۋەسىدە كونترول قىلىش چارىسىنى كۆرسىتىدىكەن

ئىگىلىنىشىچە، «تۆت خىل كونترول قىلىش ئەندىزىسى» تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن

بىرىنچى، قاتناش يوللىرى ئارقىلىق كونترول قىلىش. يەنى خوشۇت ناھىيەسىدىن كېسىپ ئۆتكەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول ئېغىزلىرىغا توسۇق قۇرۇپ ئاپتوبۇس، كىچىك ئاپتوموبىل ۋە يۈك ئاپتوموبىللىرىنى تەكشۈرۈش ھەمدە گۇمانلىق كىشىلەرنى تۇتۇش

ئىككىنچى، قاتناش بېكەتلىرى ئارقىلىق كونترول قىلىش. يەنى خوشۇت ناھىيىسى تەۋەسىدىكى ئاممىۋى قاتناش بېكەتلىرىدە 24 سائەت نۆۋەتچى قويۇپ ئۆتكەن-كەچكەن گۇمانلىق ئاپتوموبىل ۋە كىشىلەرنى نازارەت قىلىش.

ئۈچىنچى، كەسپىي ئورۇنلار ئارقىلىق كونترول قىلىش. يەنى خوشۇت ناھىيەسىدىكى تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئارقىلىق سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان گۇمانلىق خېرىدارلارنى نازارەت قىلىش.

تۆتىنچى، ئىجارە ئۆي ئىگىلىرى ئارقىلىق كونترول قىلىش. يەنى خوشۇت ناھىيىسى تەۋەسىدە ئۆي ئىجارە بەرگۈچىلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق گۇمانلىق كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرىغا ئېرىشىش

دائىرىلەرنىڭ خوشۇت ناھىيىسىدە يولغا قويغان بۇ خىل كۆچمە نوپۇسنى كونترول قىلىش چارىسى خەلقئاردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى چەكمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xoshut-nahiyesi-11242014154628.html

Share
1541 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.