logo

trugen jacn

دائىرىلەر ئىلھام توختىنىڭ 850 مىڭ يۈەن پۇلىنى يۆتكەپ كەتكەن

image

 

ئۆكتەبىر28- دىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ 850 مىڭ يۈەن پۇلىنى يۆتكەپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئايالى دائىرىلەرنىڭ ئەمدى ئۇلارنى تۇرۇۋاتقان ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى

مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى بۇ يىل 23-سېنتەبىر «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان ئىدى.

دائىرىلەر ئەينى چاغدا ئىلھام توختىغا ئۇنىڭ تۇرالغۇ ئويىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسىمۇ بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان

ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر سەيشەنبە كۈنى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئېرىنىڭ ھېسابىدىكى 850 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىنىڭ ئىككى كۈن ئاۋۋال يۆتكەپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى

خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى ئىلھام توختىنىڭ بانكا ھېساباتىنى توڭلاتقان، ئۇنىڭ تۈرمە سىرتىدىكى ئايالى ۋە ئىككى بالىسى بىر ئادەمنىڭ ئازغىنە مائاشىغا قاراشلىق بولۇپ قالغان ئىدى.

گۈزەلنۇر خانىم مۇنداق دېدى: ئەمدى قانداق كۈن كەچۈرىدىغانلىقىمىزنى بىلمەيمەن. ئەگەر ئۇلار ئويىمىزنى تارتىۋالسا بارىدىغان يىرىمىزمۇ قالمايدۇ

ئىلھام توختى بۇ يىل 15-يانۋار بېيجىڭدىكى تۇرالغۇسىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېتىلگەن ئىدى.

نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئادۋوكاتلىرى سوت ھۆكۈمى ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇلغانلىقى، ئىككىنچى قېتىملىق سوتنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-10292014161343.html

Share
1652 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.