logo

trugen jacn

دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىشى خەلقئارادا جىددىي ئىنكاس قوزغىدى

57df0a28-2225-4232-a047-6cad928a0ba4

مېھرىبان 

2014-u0731-pmm.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق – ھوقۇقلىرىنى تىنچ يول بىلەن تەلەپ قىلغان ئىلھام توختىنى «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىشى، خەلقئارادا جىددىي ئىنكاس قوزغىدى. 30 – ئىيۇل كۈنى خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە، بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىگە يوللانغانلىقى خەۋەر قىلىندى. بۇخەۋەر ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىمنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپلا قالماستىن، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئىنكاس قوزغىدى.

چارشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ تور بېكىتىدە، خەلقئاراغا تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئاتالمىش«دۆلەتنى پارچىلاش»، «قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايەتلىرى بىلەن رەسمىي ئەيىبلىنىپ، ئۈرۈمچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە يوللانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئارقا – ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئىلھام توختى مەسىلىسىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئامېرىكا، ئىلھام توختىنىڭ ئەيىبلەنگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرگە تۇنجى قېتىم ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلىگەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. 30 – ئىيۇل چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارىيە ھارف سۆزىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىنىڭ ئەيىبلەنگەنلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇتقۇن قىلىنغان 6 ئوقۇغۇچىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

مارىيە ھارف باياناتىدا يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي تەرتىپ بويىچە سوتلانغان – سوتلانمىغانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقوق جەھەتتە خەلقئاراغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قانۇنى ھەق – ھوقوقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ ئۆز باياناتلىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچ يول بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق – ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىنى «دۆلەتنى پارچىلاش، قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىشىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

30 – ئىيۇل چارشەنبە كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام ئەپەندىنى ئەيىبلىگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىنلا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت كۆپلىگەن خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خەلقئارا جامائەتچىلىكنى ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىپ،خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ 30 – ۋە 31 – ئىيۇلدىكى خەۋەرلىرىدە ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئەيىبلەنگەنلىكىگە قارىتا جىددىي ئىنكاسلار بېرىلدى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ئامېرىكا ئاۋازى، گېرمانىيە ئاۋازى، فرانسىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىقلاردا ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم، ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ قاتارلىقلارنىڭ سۆزلىرى نەقىل ئېلىنىپ، خىتاي قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئىلھام توختى دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا خەلقئارا قانۇنلارغىلا خىلاپلىق قىلىپ قالماستىن، ھەتتا خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قانۇن نىزاملىرىغىمۇ خىلاپلىق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى ئەيىبلىشىگە قارىتا خەلقئارادا بۇ قەدەر جىددى ئىنكاسلارنىڭ قايتۇرۇلۇشى، ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش چاقىرىقىنىڭ كۈچىيىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختى ھەققىدە مەخسۇس بايانات بېرىشكە مەجبۇر قىلدى.

31 – ئىيۇل خىتاي ھۆكۈمىتى بايانات بېرىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختى مەسىلىسىدىكى قارىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى پەيشەنبە كۈنى يەنە بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختى ئەپەندىگە «دۆلەتنى پارچىلاش» نامىدىكى جىنايەتنى ئارتىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي باياناتچىسى چېن گاڭنىڭ ئىلھام توختى مەسىلىسىدىكى سۆزلىرىگە رەددىيە بەردى. دىلشات رىشىت ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا قىلغان سۆزىدە،«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى نامىدىكى بۇنداق ئېغىر قالپاقنى كىيگۈزۈشى، مەلۇم سىياسىي مۇددىئانى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بولۇۋاتقانلىقى»نى تەكىتلىدى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىدەك تىنچ يول ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق – ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىغا بۇنداق ئېغىر جىنايەتنى ئارتىپ ئۇنى جازالاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭمۇ جازالىنىدىغانلىقى ھەققىدە سىگنال بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى خختياي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىنى جازالاشتىكى مۇددىئاسىغا دىققەت قىلىشقا چاقىردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-07312014213802.html

Share
1631 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.