logo

trugen jacn

دائىرىلەر، ئىلھام توختىنى «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن رەسمىي قولغا ئالغانلىقىنى ئۇقتۇردى

tutuklama emriئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىمنىڭ 25-فېۋرال سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنىپ 41 كۈندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى گۈزەلنۇر خانىمغا يازما ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىپ، ئېرىنى «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن 20-فېۋرال رەسمىي قولغا ئالغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ۋاقتى 3 يېرىمدا، ئۇقتۇرۇشنى گۈزەلنۇر خانىمغا ئەكېلىپ بەرگەن بېيجىڭدىكى دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى گۈزەلنۇر خانىمدىن قولغا ئېلىش ئۇقتۇرۇشىغا ئىمزا قويۇشنى تەلەپ قىلغان.

گۈزەلنۇر خانىم بايانىدا، ئۆزىنىڭ ئۇقتۇرۇشتا يېزىلغان «ئىلھام توختى ‹دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى› بىلەن 20-فېۋرال قولغا ئېلىندى» دېگەن قۇرلارنى كۆرگىنىدە، قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىلھام ئەپەندىگە ئارتقان بۇ جىنايەتلىرىنىڭ تۆھمەت ئىكەنلىكىنى ۋە ئادۋوكات ئارقىلىق دائىرىلەرنىڭ بارلىق تۆھمەتلىرى ئۈستىدىن ئەرز قىلىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى.

سۆھبىتىمىز جەريانىدا گۈزەلنۇر خانىم يەنە، ئادۋوكات لى فاڭتىڭنىڭ ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارغانلىقىنى، ئەگەر ئادۋوكات لى فاڭتىڭ 26-فېۋرال چارشەنبە كۈنى ئىلھام ئەپەندى بىلەن ئوڭۇشلۇق كۆرۈشەلىسە، ئىلھام توختىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە باشقا ئىشلار ھەققىدە بىر قەدەر ئىشەنچلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا گۈزەلنۇر خانىم ئۆزىنىڭ بۈگۈن ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىمۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئېرىگە ئارتقان «‹دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى› بىلەن قولغا ئېلىندى» دېگەن تۆھمىتىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

 

ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان خەلقئاراغا تونۇلغان ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىي. ئۇ بۇ يىل 15-يانۋار كۈنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ئىلھام توختى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە. كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى تەنقىدلىگەن ئىدى. بىر ئايدىن بۇيان خەلقئارادا خىتاي دائىرىلىرىدىن ئىلھام توختى ئەپەندىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان ۋە ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرگەن سادالار كۈچەيگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ قەيەرگە قامالغانلىقى ھەققىدە ھېچكىمگە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن ئىدى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/ilham-toxti-02252014160554.html

Share
1947 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.