logo

trugen jacn

خەلقى ئۈچۈن ياشاۋاتقان تەۋەرۇك ئىنسان -ئۇستاز رەھمەتۇللا ئىنايەتۇللا تۈركىستانىي

خەلقى ئۈچۈن ياشاۋاتقان تەۋەرۇك ئىنسان -ئۇستاز رەھمەتۇللا ئىنايەتۇللا تۈركىستانىي

مۇھەممەت يۈسۈپ
بىر_ بىرىنى قەدىرلىمىگەن مىللەتنى باشقىلارمۇ قەدىرلىمەيدىكەن. ئۆزىدىن چىققان ئىقتىدارلىق ئەزىمەتلەرنى قەدىرلىيەلمىگەن مىللەتنى باشقىلارمۇ قەدىرلىمەيكەن. بۇنداق مىللەت باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىدىنمۇ ئوڭايلا چۈشۈپ قالىدىكەن ۋە خۇددى پادىچىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقتىن گاڭگىراپ قالغان پادىلارغا ئوخشاش ئۆزلىرىنىڭ يول باشچىلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدىكەن. بىز ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئىناقلىقنىڭ ۋە ئېسىل پەزىلەتنىڭ ئۈلگىسى بولۇب كەلگەن، ئۆتمۇشلەردە دۇنيا مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بولغان چېۋەر مىللەتمىز. بىزدىن يېتىشىپ چىققان ئۈلگىلىك زاتلارمۇ ئاز بولمىغان ۋە ھازىرمۇ بار. ئەپسۇسكى، يېقىنقى تارىخىمىزدىن بېرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئالىيجانابلىق بىلەن ئىناقلىقنىڭ ئورنىنى مەنمەنچىلىك بىلەن ئىناقسىزلىق ئالغانلىقتىن بېشىمىزغا كەلگەن تەلەيسىزلىكلەر كۈنسېرى ئاشماقتا.
مىللىتىمىزنىڭ جانكۈيەر ئەزىمەتلىرىنى قەدىرلەش، بۇلارنىڭ تۆھپىلىرىنى خەلقىمىزگە ۋە باشقىمۇ ئەللەرگە تونۇشتۇرۇش ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىمىزنى ھۆرمەتلىگەنلىك ۋە ئۆزىمىزنى تونۇتقانلىق دەپ ئويلايمەن. شۇ مەقسەت بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ زامانىمىزدىكى ئىزگۇ نىيەتلىك، جانكۇيەر ئەزىمەتلىرىدىن بىر قانچىسىنى خەلقىمىزگە تونۇتماقچى بولۇپ، ئالدى بىلەن مىللىتى ئۈچۈن ئۆزىنى ئونۇتقان، پاك دىيانەت بىلەن چىن ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ بىردىنبىر ئۈلگىسى بولۇپ كەلگەن قەدىردان ئۇستازىمىز رەھمەتۇللا ئىنايەتۇللا تۈركىستانىينىڭ ماڭا تونۇشلۇق بولغان بەزى تەرەپلىرىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇشتىن ئۆزۈمنى بەختلىك ھېس قىلىمەن.
دىلىدا ئىمان ئېتىقاد، بويىدا ئەقىل پاراسەت، يۈرىكىدە جاسارەت ۋە ئىرادە مۇجەسسەملەنگەن ئىنسانلارنىڭ دىن ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن ۋە خەلقى ئۈچۈن كېچە ـ كۈندۈز ھارماي ـ تالماي قىلىۋاتقان ئەمگەكلىرىگە ئاپرىن ئېيتماي مۇمكىن ئەمەس. ئۇستاز رەھمىتۇللا ئىنايەتۇللا تۈركىستانىي ئەنە شۇنداق قىممەتلىك ئىنسانلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان، دېسەم ھېچ مۇبالىغە قىلمىغان بولارمەن، ئەلۋەتتە.
ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىي پاكىستاندا تۇغۇلغان بولۇپ، ئاتا ـ ئانىسى شەرقىي تۈركىستاندىن مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىش ئۈچۈن كەلگەن بولسىمۇ، بەزىبىر سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇلار ئانا ۋەتەنگە قايتىپ كېتەلمەيدۇ. ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىي ئەمدىلا ئۇچ ياشقا كىرگەن چاغلىرىدا ئاتا ـ ئانىسى بىلەن بىرلىكتە سەئۇدىي ئەرەبىستانغا كۆچۈپ بارىدۇ ۋە بۇ مۇقەددەس زېمىندا ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ. ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىي باشلانغۇچ مەكتەبنى كىچىك يېشىدىلا باشلىغان بولۇپ، ئۇ ئەمدىلا ئون بەش ياشقا قەدەم باسقاندا دادىسى ۋاپات بولىدۇ. شۇنىڭدىن بېرى ئائىلىنىڭ تېرىكى ۋە پەرۋىشچىسى بولغان مەرھۇم ئاتىسىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن ئائىلە مەسئۇلىيىتى ۋە ھەر قانداق ئائىلىدە كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان بەزىبىر قىيىنچىلىقلار، توسقۇنلار ئۇنىڭ ئىلىم تەھسىل قىلىش يولىدىكى ئىرادىسىنى ھېچ بوشاشتۇرالمايدۇ، بەلكى ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ، مۇقەددەس دىنى ھەم ئەزىز مىللىتى ئۈچۈن ياراملىق ئادەم بولۇشتىن ئىبارەت ئىزگۈ نىيىتى ۋە قەتئىي ئىرادىسى بىلەن ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بىر تەرەپتىن ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن تەر تۆكۈپ ئىشلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇشىنى ئەلا دەرىجە بىلەن ئوقۇپ پۈتتۈرىدۇ.
ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىينىڭ كىچىكىدىنلا قەلەم ماھارىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ يۈكسەك تالانت ـ قابىلىيىتىنى ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىن باشلاپلا نامايان قىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىمۇ سەئۇدىي ئەرەبىستانىنىڭ مەشھۇر گېزىت، ژۇرناللىرىدا ئۇنىڭ ئىلمىي قىممەتكە ئىگە ماقالىلىرى ئېلان قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزىقىشىنى جەلب قىلىپ كېلىدۇ. ئۇ 1981ـ يىلىغىچە سەئۇدىي ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ. شۇ يىلى سەئۇدىي ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئالتە كىشىلىك مەخسۇس ھەيئەت تەركىبىدە ئۆزىنىڭ ئانا ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىينىڭ يوقۇرى بىلىم قابىلىيىتى ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىكى پەۋقۇلئاددە ماھارىتىگە قايىل بولغان ھەيئەت ئۇنى ئىسلام دۇنياسى ئىتتىپاقىغا ئىشقا كىرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. شۇنىڭدىن بېرى ئۇستاز رەھمەتۇللاھ تۈركىستانىي شۇ جايدا ھەرخىل بۆلۇم باشلىقلىقى خىزمەتلىرىنى ئاتقۇرۇش بىلەن بىرگە، سەئۇدىي ئەرەبىستان تەۋەسىدە ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى قاتارلىق ئەللەردە ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك شەخسلەردىن بولۇپ كەلمەكتە. ھازىر ئۇ ئىسلام دۇنياسى ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلتاي ئىشلىرى مۇدىرى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە. ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىي ئىككى ئوغۇل، بىر قىز ئۇچ بالىنىڭ دادىسى.
ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىي كىچىگىدىن ئانا ۋەتەننىڭ ھەسرىتىدە ئۆسكەن ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىگاھى بولغان ئۇلۇغ مەككە مۇكەررەمە شەھرىدە ئوقۇپ تەربىيە ئالغانلىقتىن، ئۇنىڭ قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان سەمىمىي ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ھەقىقىي دىندارلىق ئۇنىڭدا ۋايىغا يەتكەن. ئۇ پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىپ دىنىي جەھەتتىكى ئئھتىياجلىرىنى ھەل قىلىش يولىدا ئەجىر سىڭدۈرۈش بىلەن بىر قاتاردا، ئانا ۋەتىنىمىز تۈركىستاننىڭ مۇجادىلىسىدە ئالاھىدە ئۆلگىلىك خىزمەتلەرنى ئاتقۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىي ئۆزىنىڭ مول بىلىمى ۋە كۈچلۈك قەلەم قۇۋۋىتى بىلەن ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ، جۈملىدىن دۇنيادىكى ئېزىلگەن مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ دەۋاسى ۋەتەن ھەققىدە ھەرخىل تەخەللۇسلار بىلەن نەشىر قىلىنغان نەچچە ئونلىغان قىممەتلىك ئەسەرلەرنىڭ ۋە كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلارنىڭ ئاپتورى بولدى. ھازىرمۇ ئۇ ئىزچىل تۈردە قەلەم كۈرىشىنى داۋام قىلدۇرماقتا.
ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىي ئۆزىنىڭ ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى ۋە ئۇنىڭ مەكتەپ تىلى بولغان ئەرەب تىلىنى مۇكەممەل بىلگەننىڭ سىرتىدا، تۈرك، ئېنگىلىز، فرانسۇز ۋە ئوردۇ تىللىرىنىمۇ ياخشى بىلىدۇ ھەم بىمالال سۆزلەيدۇ. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇنىڭ ھەرخىل ساھە بىلىملىرىدىن ۋە دۇنيانىڭ ۋەزىيىتىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇش پۇرسىتى كۆپ بولماقتا.
چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان ئازاتلىق تەشكىلاتلىرىمۇ ئۇستاز رەھمەتۇللانىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن يارـ يۈلەك بولۇشى سايىسىدا غەلىبىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ كەلمەكتە. چەتئەللەردە تۈركىستان دەۋاسىغا قەدەم قويغان ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قانداقلا بىر پەننى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئوقۇشقا چۈشمەكچى بولغان تۈركىستانلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەڭ ئاۋۋال ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىي بىلەن تونۇشىدۇ ۋە ئۇنىڭ ياردىمىگە ۋە قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. قىسقىسى، ئانا ۋەتەندىن ئەمدىلا چىققان بىر تۈركىستانلىق چەتئەللەردىكى ھەمشەھەرلەردىن ئەڭ ئاۋۋال ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىينىڭ نامىنى ئاپلايدۇ ۋە تونۇيدۇ.
ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىينىڭ ئەمگەكلىرى ناھايىتى كۆپ، ئۆزۈمگە بىرقەدەر تونۇشلۇق بولغان ئۇلۇغۋار ئەمگەكلىرىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتۈشنى خالايمەن.
ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىي دىن ۋە ۋەتەن يولىدا ياخشى ئىشلارنىڭ باشلامچىسى بولۇپ كەلدى.
ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىينىڭ پائالىيەتلىرى
ئىسلام ئەللىرىدە خۇسۇسەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە قانچىلىغان دىنىي ۋە مىلىيي مۇئەسسەسەلەر ھەم تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىدە باشلامچى ۋە كۆپلىگەن ياخشى ئىشلارنىڭ ئاساس سالغۇچىسى بولدى. ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىينىڭ كۇتۇپخانىسىدىكى ئەرەبـچە، ئېنگىلىزچە، تۈركچە، ئوردۇچە، فرانسۇزچە، پارسچە ۋە باشقا ھەرخىل تىللاردىكى كىتاب، ژۇرنال ۋە گېزىتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان رۇس، ئۇيغۇر، ئۆزبېك، قازاق، تاتار، قىرغىز ۋە باشقا تىللاردىكى كۆپلىگەن كىتابلارنىڭ بىرىنچى بېتىگە يېزىلغان ھۆرمەتلىك رەھمەتۇللا تۈركىستانىي سىزنىڭ باشچىلىقىڭىز ۋە ياردىمىڭىز بىلەن باشلىغان خەيرلىك ئىشلىرىمىز مېۋە بەرمەكتە. رەھمەت سىزگە دېگەن ئاپتور يازمىلىرى بۇ دېگەنلىرىمنىڭ جانلىق ئىسپاتىدۇر. ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىي سەئۇدى ئەرەبىستاندا شەرقىي تۈركىستان ئوقۇغۇچىلىرى فوندىنىڭ تەسىس قىلىنىشىدا باشلامچىلىق رول ئوينىدى. ئۇنىڭ ھارماي ـ تالماي ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە تەسىس قىلىنغان مەزكۇر فوندىنىڭ ماددىي ياردىمى سايىسىدا مىڭلارچە شەرقىي تۈركىستانلىق ياشلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەرخىل پەنلەردە ئوقۇپ بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى، يۈزلەرچىسى ئوقۇشلىرىنى تاماملاپ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا دىن ۋە مىللەتكە خىزمەت قىلىش سېپىگە قوشۇلدى. ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىي ئۆزىنىڭ ۋەتەن دەۋاسى ۋە دىنىي دەۋەتكە بولغان سەمىمىي ئىخلاسىنىڭ تۈرتكۈسى بىلەن قازاقىستان،قىرغىزىستان، گېرمانىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ۋەتەن دەۋاسىنى قىلىۋاتقان ۋە ئىسلام دەۋىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان نەچچە ئونلىغان گېزىت ۋە ژۇرناللارغا ماددىي ھەم مەنىۋى ياردەملىرىنى قىلىپ كەلدى. ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىي شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىغا ئاتىدارچىلىق قىلىشتەك ئالىيجاناپ پەزىلىتى بىلەن كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان، تۈركىيە، يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆزى بىۋاسىتە كۈچ چىقىرىپ ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىي ھەر قايسى ئىسلام ئەللىرىدە ئوقۇشلىرىنى تاماملىغان قانچە ئونلىغان شەرقىي تۈركىستانلىق ياشلارنى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ھەر قايسى دۆلەتلەرگە ئوقۇتقۇچى سۈپىتىدە ئەۋەتىپ، ئۇلارنى دىنىمىزغا خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ سېپىگە قوشتى. قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ھازىرمۇ شۇنداق ئىشلەپ كېلىۋاتقان ياش ئالىملار بۇنىڭ مىسالى. ئانا ۋەتەندىكى خەلقىمىزنىڭ دىنىي كىتابلارغا بولغان زور ئېھتىياجىنى سەزگەن ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىي مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى دىنىي كىتابلار بىلەن تەمىنلەشكە تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆزى دەسلەپ قىلىپ ئىلىم ۋە ئىمان ناملىق كىتابىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى بىلەن يېزىپ چىقىدۇ. ئۇستازنىڭ مەزكۇر كىتابى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان تۇنجى دىنىي كىتاب سانىلاتتى. چۈنكى 80_ يىللارنىڭ شاتائىتىدا مۇنداق بىر دىنىي كىتابنىڭ يېزىلىشى ئالاھىدە چوڭ ئىش ئىدى. ئۇستازنىڭ مەزكۇر كىتابى ئۆز ۋاقتىدا دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقىنىڭ مەتبەسىدە بېسىلىپ تارقىتىلغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ئۇلۇغۋار ئىشى چەتئەللەردىكى قەلەم قۇۋۋىتى بار شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى دىنىي كىتابلارنى يېزىش ۋە ئانا ۋەتەنگە ئەۋەتىپ خەلقىمىزنىڭ دىنىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ياردەم قىلىش روھىنى ئويغىتىۋەتتى. نەتىجىدە، زامانىمىزغا قەدەر يۈز پارچىدىن ئارتۇق دىنىي كىتاب يېزىلدى. ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ئالدىدىكى يۇقىرى ئابرويى ۋە شان ــ شەرىپى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك شەخسلەر بىلەن بولغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە ياخشىلىقى سەۋەبتىن سەئۇدى ئەرەبىستان تەۋەسىدە خېلى كاتتا شەخسلەرنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان خېلى ئىشلارنىمۇ ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىي ئۆزى يالغۇز ھەل قىلىپ كەلمەكتە. ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىي ئانا ۋەتەندىكىلەرنىڭ ئارزۇسىغا بىنائەن، سەئۇدى ئەرەبىستان مەككە مۇكەررەمە رادىيو ئىستانسىسى تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ كۈندىلىك بىر سائەتلىك ئاڭلىتىشىنى ئىككى سائەتكە چىقىرىش ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى راۋان سۆزلەيدىغان ياشلارنى ئىشقا كىرگۈزۈش ئارقىلىق تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ۋە ياخشىلىنىشىغا كۆپ ھەسسە قوشتى. تۈركىستان بۆلۈمىگە قابىلىيەتلىك ياشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش بۇ يەردىكى بارلىق تۈركىستانلىقلارنىڭ بىردەك ئارزۇسى بولغان بولسىمۇ، ھېچكىم ئەمەلگە ئاشۇرالماي كەلگەن بۇ ئىشنى ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىي ئۆزى ھۆكۈمەتكە بىۋاسىتە يول مېڭىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇردى. نەتىجىدە، مىسىر ئەزھەر ئۇنىۋېرستېتىنى ۋە واكىستان فەيسەل ئىسلام ئۇنىۋېرستېتىنى پۈتتۈرگەن ياشلارنى مەزكۇر ئورۇنغا ئىشقا كىرگۈزدى. ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىي ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇجادىلىسى يولىدا قەلەم كۈرۈشىنى ئۈزمەي داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇ بىر قانچە ئون يىلدىن بېرى ھەرخىل تەخەللۇس بىلەن كۆپلىگەن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقتى. ئۇ ھازىرمۇ ئىزدىنىش ۋە يېزىش يولىدا ئىزچىل ئىشلەپ كەلمەكتە. ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىي بۇرۇندىن تا ھازىرغىچە، ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىردىنبىر كۆيۈمچان ئاتىسى ۋە مېھىر_ شەپقەتلىك ئۇستازى بولۇپ كەلمەكتە. ئۇ چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانداقلا بىر مۈشكىلاتى بولسا جىددىيلىك قاراپ دەرھال ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى قىلىپ كەلمەكتە ۋە ماددىي ھەم مەنىۋى جەھەتتىن ياردىمىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. ھەممە ئۇنىڭ بۇ ئالىيجاناپ خىسلىتى ۋە ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى، ئۆمرىنى خەلقى ئۈچۈن بېغىشلاشتىن سائادەت ھېس قىلىدىغان ئۇلۇغۋار روھىنى بىلگەنلىكتىن، چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ۋە ئوقۇغۇچىلار دۇچ كەلگەن مۇشكىلاتلىرى توغرۇلۇق ھەممە ئۇنىڭغىلا مۇراجىئەت قىلىدۇ. ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىيغا مۇراجىئەت قىلغانلار ھازىرغىچە نائۈمىد بولۇپ باقمىدى.
ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىينىڭ ئەخلاق- پەزىلىتى
ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىينىڭ ئەخلاق_پەزىلىتى ۋە ئالىيجانابلىقى راستتىنلا ئادەمنى قايىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ئۇنىڭ ئۈلگىلىك ئىش ـ ئىزلىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن.
دىيانەت
دىيانەت سۆزى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىسىدە، ئىسلام پەرزلىرىدىن بولغان شۇ چەكلىك زاھىرىي ئىبادەتلەر، خۇسۇسەن بەش ۋاخ ناماز بىلەنلا ئۆلچۈنىدۇ. كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە بەش ۋااخ ناماز ئوقۇغان، تەقۋا قىياپەتتە يۈرگەن ئادەم دىيانەتلىك ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئىسلام دىنىدا دىيانەت ــ قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ روھى بويىچە ئەمەل قىلىش، دىننىڭ ئەقىدە، ئەخلاق، ئىبادەت، ھالال_ھارام پىرىنسىپلىرىغا تولۇق ئەمنەل قىلىش، ئىچكى دۇنياسى تاشقى كۆرۈنۈشىدىن گۈزەل ۋە پارلاق بولۇش دېگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. زامانىمىزدا نۇرغۇن كىشىلەر ئىبادەت قىلىشتا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، ئەمما ئۇلار مۇئامىلە، ئەخلاق ۋە يۈرۈش_ تۇرۇش جەھەتتە نۆل دەرىجىدە تۇرىدۇ. مۇنداق كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ساختا قىياپىتى بىلەن تەقۋا، دىيانەتلىك كۆرۈنگىنى بىلەن ھەقىقىي دىندارلىقتىن ئەلۋەتتە يىراقتىدۇر.
مېنىڭ ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىينى دىيانەتلىك دېگىنىم ئىسلام دىنىدا كۆزدە تۇتۇلغان ھەقىقىي دىيانەتنى مەخسەت قىلىدۇ. مەن ئۇ كىشىدە ھەقىقىي دىيانەتنىڭ ئۈلگىلىرىنى كۆرگىنىم ئۈچۈن شۇنداق دەيمەن.
كەمتەرلىك
ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىي ئۆزى كەمتەر، ئىللىق چىراي، چىقىشقاق ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت سەۋىيىسى پەۋقۇلئاددە يوقىرى بولۇپ، ھەر ساھە كىشىلىرى بىلەن بولغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ كەلمەكتە. ئۇ ھەركىمگە ئۇنىڭ مەقامىغا يارىشا ئۈلگىلىك مۇئامىلە قىلىدۇ، ئاددىي_ ساددا ياشاشنى، ھەركىمنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىشنى ياقتۇرىدۇ، ھەركىمگە كەمتەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىنمۇ، ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىي نۆۋەتتىكى تۈركىستان مۇجادىلىسىنى داۋام قىلدۇرۇش ۋە باشقىلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان ۋەتەنگە ھەم مىللەتكە پايدىلىق كۆپلىگەن ئىجابىي ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كەلمەكتە.
جىددىيلىك
ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىي بالىلىق چېغىدىن باشلاپلا تىرىشچان ۋە مەسىلىگە جىددىي قارايدىغان خىسلەتكە ئىگە بولغانلىقتىن، باشقىلارنىڭ مەسىلىسىنىمۇ خۇددى ئۆزىنىڭ شەخسى ئىشىدەك بىلىپ دەرھال ھەل قىلىشقا كىرىشىدۇ ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلمىغۇچە تۇرمايدۇ، ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىشلىرىنى بولسا ۋاقىتلىق ئونۇتىدۇ. ئادەتتە، ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىيدەك، خىزمەت ئورنى يۇقىرى، ئىشى ئالدىراش ۋە ۋاقتى ئاز كىشىلەرنىڭ ھەركىمنىڭ يازغان قالايمىقان خەتلىرىگە بىر _ بىرىلەپ يېزىپ ئولتۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئەمما ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىيغا خەت يازغان ھەر قانداق ئادەم خېتىنىڭ جاۋابىنى ۋاقتىدا ئالىدۇ. ھەتتا ئۇ ئوقۇغۇچىلاردىن كەلگەن ئەبجەش خەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ۋاقتىدا جاۋاپ بېرىپ، تەلەپ قىلغانلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىپ كەلمەكتە.
مەسئۇلىيەتچانلىق
ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىي چوڭقۇر مەسئۇلىيەتچان بىر كىشى بولۇپ، ئۇلۇغ دىنىمىزغا، ئانا ۋەتەنگە ۋە مىللەتكە قارىتا مەسئۇللىيىتىنى ھەر دايىم ھېس قىلىغانلىقتىن، ئۆز ۋىجدانى ئۇنىڭغا يۈكلىگەن بۇ مەسئۇلىيەتلەرنى كۈتۈللگەندىنمۇ ئاشۇرۇپ ئورۇنلاپ كەلمەكتە.
راسچىللىق
ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىي ئۆزىنىڭ راسچىللىقى ۋە چىنلىقى بىلەن باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ گۈزەل ئەخلاقىي ھەركىمنى قايىل قىلماي قالمايدۇ.
ۋەدىگە ۋاپا قىلىش
ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىي بىرەر ئىشقا ۋەدە قىلسا چوقۇم ئۇنى ئورۇنلايدۇ. ئۇنى تونۇيدىغانلاردىن ھېچكىم ئۇنىڭ بىرەر ئىشنى ئورۇنلاشقا ياكى بىرەر كىشى بىلەن ئۇچرىشىشقا ۋەدە بېرىپ قويۇپ، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇستازنىڭ بۇ گۈزەل ئەخلاقىنى ئۇنى تونۇيدىغان ھەر قانداق كىشىنى ئوبدان بىلىدۇ.
تىرىشچانلىق
ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىي كىچىكىدىنلا مەسئۇلىيەتكە قارىتا تىرىشچانلىقى بىلەن ئەخلاقلانغان بولۇپ، خىزمەت ئورنىنىڭ يوقىرىلىقى، مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىرلىقى، ئىشىنىڭ كۆپلىكى ۋە ۋاقتىنىڭ تارلىقىغا قارىماي ھەر ئىشنى ئۆز ۋاقتىدا ۋە جايىدا ئورۇنلاپ كەلگەننىڭ سىرتىدا، ئانا ۋەتەن مۇجادىلىسى ھەققىدە ئىزدىنىش ھەم يېزىشنىمۇ توختاتماي كەلمەكتە.
ئىلىمگە بېرىلىش
ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىي ئۈچۈن كىتاب ئەڭ قىممەتلىك بايلىقتۇر. سەئۇدى ئەرەبىستان شارائىتىدا باشقىلار بار كۈچى بىلەن مال _ دۇنيا توپلاش ئاۋارىچىلىقىدا يۈرسە، ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىي كېرەكلىك كىتاب ۋە گېزىت _ ژۇرناللارنى توپلاش يولىدا يىلىغا مىڭلارچە دوللار پۇل سەرپ قىلىش بىلەن ئالدىراش. كۈندۈزى ئىشخانىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئىشىنى قىلىپ، ئاخشاملىرى كەچ سائەتلەرگىچە ئۆيىدىكى مەخسۇس ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپ كىتاپ كۆرىدۇ، ئىزدىنىدۇ ۋە يازىدۇ.
ۋاپادارلىق
دۇنيادا ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ ئۆز ۋەتىنىگە، دىنىغا ۋە خەلقىگە ئۆتەشكە تېگىشلىك مەلۇم ۋاپا بۇرچى بولىدىغانلىقى ئېنىق تۇرسىمۇ، كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ ئۇلۇغۋار بۇرچنى ھېس قىلمايدۇ. ئەگەر دۇنيادا ھەممىلا ئادەم ۋاپادار بولىدىغان بولسا ئىدى، ھازىرقى بۇ دۇنيانىڭ ۋەزىيىتى باشقىچە بولغان بولاتتى. شۇنداقتىمۇ جانابى ئاللاھ تائالا ئۆز رەھمىتى بىلەن ھەر مىللەتتىن بىر قانچە نادىر شەخسلەرنى چىقىرىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئەمگەكلىررى بىلەن شۇ مىللەتنى يۆلەيدىكەن. ئۇستاز رەھمەتۇللا ئىنايەتۇللا تۈركىستانىي ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ زامانىمىزدىكى بىردىنبىر ۋاپادار ئوغلى دېسەم بەلكى مۇبالىغە قىلمىغان بولارمەن.
ۋاقىتنى قەدىرلەش
ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانىي ۋاقىتنىڭ قەدرىنى ھەممىدىن ياخشى بىلىدىغان، بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ ئىسراپ قىلمايدىغان ئالاھىدە ئىنسانلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويۇشنى چوڭ بىر خاتالىق دەپ بىلىدۇ. ئۇنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە روياپقا چىقىرىۋاتقان كاتتا خىزمەتلىرى ۋە ئەمگەك مېۋىلىرى بۇ دېگەنلىرىمنىڭ مىسالىدۇر.
ئاخىرىدا، قەدىردان ئۇستازىمىز رەھمەتۇللا تۈركىستانىغا زور تەن ساقلىق ۋە بەرىكەتلىك ھەم ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەميمەن، ئۇنىڭغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن.
مەنبە: سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىدىن ئۇستاز مۇھەممەت يۈسۈپ
ئىلاۋە: مەن سۈرگۈندە ياشاۋاتقان ئۇزۇن يىللىق ھاياتىمدا شەرقى تۈركىستان داۋاسى ۋە جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ئەمەلى ئىش قىلغانلىقىغا شاھىت بولغان بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ھايات ھىكايىسىگە قىزىقىپ ئارخىپلاشتۇرۇپ مېڭىۋاتقان ئىدىم.
رەھمىتۇللا ئىنايەتتۇللا ئۇستازنىڭ www.turkistanlibrary.comناملىق تور بېتىدىن پايدىلنىشتىن سىرت تالاي ئىجابى ئىش-ئىزلىرىنى يېقىندىن بىلگەن بولغاچقا،ئۆز ئېغىزىدىن تەرجىمىھالىنى ئاڭلاپ يېزىشقا تىرىشقان بولساممۇ،بەلكىم كەمتەرلىكىدىن بولسا كېرەك تەرجىمىھالىنى تۇرغۇزۇشقا قەتئى قايىل قىلالمدىم،ئاخىرى مۇھەممەت يۈسۈپ ئۇستاز رەتلىگەن مۇشۇ مەلۇمات بىلەن كۇپايىلىنىشكە توغرا كەلدى.

Share
2388 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.