logo

trugen jacn

خەلقارا سىياسىي جەريانلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى

قەھرىمان غوجامبەردى

«دۇنيادىكى توقۇنۇشلار ئىنسانىيەت ئۈچۈن پايدىسىز،

چۈنكى بىر خاتا دۇنياۋىي ئاپەتكە ئېلىپ كېلىشى مۈمكىن.

شۇڭا ئۆز ئارا دى’ئالوگنى باشلاش كېرەك»

نۇرسۇلتان نازاربا’ئېۋ.

(پرېزىدېنتنىڭ «ئاستانا كلۇب»نىڭ يىغىنىدا قىلغان نۇتقىدىن. زاكون.كز)

ئەلمىساقتىن تارتىپ ھەركىم ۋە ھەرخىل مىللەت ھەر يېڭى يىلدا ياخشىلىقلارنىڭ يۈز بېرىشىنى، بەخىت-سا’ئادەتنى قۇچۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن بۈگۈنكى خەلقارا جۇغراپىيەلىك سىياسىي (گې’ئوپولىتىكىلىق) ۋەزىيەتنىڭ دۇنياۋىي كۈچلەرنىڭ رىقابىتىدىن دايىمىي ئۆزگىرىۋاتقان دەۋرىدە، سىياسەتشۇناسلىق نۇقتىيىنەزەردىن پەرەزەن مۇلاھىزە قىلىش ئەرزىمەيدىغان پا’ئالىيەت. ئەمما ئەكسى جەھەتتىن ئالغاندا، ھەرقانداق تەسادىپىيلىك خاراكتېردىكى سىياسىي-ئىجتىما’ئىي جەرياننىڭ تەبى’ئىيلىكى بولىدۇ. شۇنداقلا پەلسەپە ئىلىمى بويىچە زىددىيەتنىڭ قارىمۇقارشى تەرەپلىرىنىڭ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ھەم قارشى تەرەپكە ئۆزگىرىشى قانۇنلىق بولىدۇ. شۇڭا قارىمۇقارشىلىققا تولۇپ-تاشقان ۋەقەلەرنىڭ تەرەققىياتىدىن، ئۆزگىرىش جەريانىدىن مىللىتىمىزگە لازىم بولغان پايدىلىق ياكى زىيانلىق ئىچكى ۋە جۇغراپىيەلىك سىياسىي ۋەزىيەتلەرنىڭ ماھىيىتىنى ئۆگىنىش، ساۋاق ئېلىش ۋە ئوڭۇشلۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن، ئىلىم-پەڭە تايىنىپ بۇ ھادىسىلەرنى شەرھلەشكە چامىمىزنىڭ كېلىشىچە تىرىشىمىز.

2018-يىلى دۇنيادا يۈز بەرگەن ئاساسىي جۇغراپىيەلىك سىياسىي جەريانلارنىڭ ماھىيىتى ۋە ئاقىۋىتى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە ھەم ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىلىۋاتقان ۋە كەلگۈسىدە قىلىدىغان تەسىرى.

ئۆتكەن يىلى سادىر بولغان خەلقارا ۋەقەلەر پۈتكۈل ئادەمزات ئۆزىنىڭ خەۋپ-خەتەرلىك زامانىغا قاراپ، يەنى ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاراپ يۈزلەڭەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. دۇنىيادىكى كەسكىن جۇغراپىيەلىك سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ۋە جۇغراپىيەلىك ئىقتىسادىي رىقابەتنىڭ بىرلەشكەن تەسىرىدىن سادىر بولۇۋاتقان يۈكسەك جىددىي ۋەقەلەر، ئۇلارنى تىزگىنلەش ۋە بىر تەرەپ قىلىش خەلقارالىق مېخانىزملىرى، پرىنسىپلىرى ۋە ئىنستىتۇتلىرى قابىلىيەتسىزلىكىنى نامايان قىلغان چاغدا، كەلگۈسىدە يەر يۈزىدە يېڭى-يېڭى ئېغىر پاجى’ئەلەرنىڭ يۈز بېرىشى مۈمكىن.

ئەلھەق. 2013-يىلى سۈرىيە ھۆكۈمىتى دەمەشقتە كۈندىن-كۈڭە كۈچىيىۋاتقان تىنچلىق نارازىلىق نامايىشنى قوراللىق باستۇرۇپ دۆلەتتە گرازھدانلار ئۇرۇشىنى سادىر قىلدى. كېيىن بۇ جەريانغا ئىسلامنى قالپاق قىلىپ كىيگەن دىنىي ئەسەبىيچىلەرنىڭ (دا’ئىش. رۇسچە – ئىگىل) قاتنىشى بىلەن ۋەزىيەت ئاساسەن تېررورىستىك خاراكتېرگە ئۆزگەردى ۋە ئۇنىڭغا ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرلەشمە قوشۇنلىرىنىڭ، تۈركىيەنىڭ، ئىراننىڭ ۋە بەزى ئەرەپ دۆلەتلىرىنىڭ ھەم رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ (رف) قاتنىشىشىمۇ تا ھازىرغىچە بۇ تراگېدىيەلىك ئۇرۇشنى زېمىن ئىگىسى سۇرىيەلىكلەر ئۈچۈن تولۇق ئىجابىي ھەل قىلالمىدى. شۇنىڭ ئاقىۋېتىدىن پاجى’ئەگە غەرق بولغان بۇ ئەرەپ-مۇسۇلمان مەملىكىتى كەلگۈسىدە 2-3 پارچىغا بۆلۈنۈپ كېتىشى مۈمكىن. 2018-يىلنىڭ ئاخىرىدا ئاقش پرېزىدېنتى دونالد ترامپ تېررورىستلارغا قارشى ئۇرۇشتا غەلىبە قازانغانلىقىنى ۋە ئۆز ئەسكەرلىرىنى سۇرىيەدىن چىقىرىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىيىل، ئاقش بۇ پىلاننى 4-5 ئاي ئىچىدە ئىجرا قىلماقچى. بۇ ۋەقەدىن سۈرىيە كۇرتلىرى تېنەپ قالدى. ئەڭ مۇھىمى ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدە 20 دەك ھەربىي بازىلىرى بار. ئۇلارنى كىمگە قالدۇرۇدۇ؟ تېخى ئېنىق ئەمەس. ئىنسانىيەتنىڭ مەزكۈر قەدىمىي زېمىنىدا، 2019-يىلى پرېزىدېنت باشار ئاساد ئارمىيەسىنىڭ، ئەمەلىيەتتە تېررىتورىيەسىنىڭ يېرىمدەكى ئۇنىڭغا بېقىنمايدىغان دۆلەتنىڭ، شىمالىدىكى ۋە غەربىدىكى سىياسىي ئۆكتىچى، قوزغىلاڭچى ئەترەتلەر ھەم ئىگىل بىلەن بولغان ئۇرۇشى، ۋېنا، ئاستانا ۋە سوچىدا ئۆتكەن مۇزاكىرەلەرنىڭ ئىجابىي نەتىجىلىرىگە قارىماي، داۋاملىشىدۇ. مەزكۈر ھەربىي-سىياسىي جەرياننىڭ خەلقارالىق تىنچلىق ۋەزىيەتكە تەھدىت سېلىش ئېھتىمالى يۈكسەك. شۇنداقلا ئۇرۇش تەسادىپىي قايتىدىن كۈچىيىپ كېتىشى مۈمكىن. چۈنكى سۇرىيەدىكى 3-5 مىليون كۇرت ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ياردەم بېرىشى بىلەن ئىگىلغا قارشى شىددۆئۆئەتلىك ئۇرۇش قىلىپ، ئۆزلىرى زىچ ئولتۇراقلاشقان تېررىتورىيەللەردە ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى باشقۇرۇش ھالەتنى شەكىللەندۇردى. سۈرىيەدىكى كۇرت خەلقىنىڭ بىر-بىرىگە بېقىنماستىن مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىدىغان، خەلقارا ئاتالغۇلار بويىچە سدف، يپگ قاتارلىق 2-3 غوللۇق ھەربىيلەشكەن تەشكىلاتلىرى ۋە پيد ناملىق پارتىيەسى ئۆزلىرىنىڭ تېررىتورىيەلىرىنى كونترول قىلىۋاتىدۇ.

قېرىنداش تۈركىيە بۇ تەشكىلاتلارنى تېررورىستىك خاراكتېردىكى قۇرۇلما دەپ ھېساپلايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ سۇرىيەدىكى ئۇرۇشنى بىر تەرەپ قىلىش بويىچە خەلقارا سىياسىي پا’ئالىيەتلەرگە ئارىلىشىشىغا قارشى. مەزكۈر تەشكىلاتلاردا ئومۇمىي سانى 30 مىڭدىن ئارتۇق يېنىق قورال-ياراقلار بىلەن قوراللانغان جەڭگىۋار پىدايىلىرى بار. شۇنداقلا ئىراقتا ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل كۇردىستان تاپان تىرەپ تۇرىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتتا بەزى تەشكىلات رەھبەرلىرى ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى، تۈركىيە، ئىران ۋە رۇسىيە ئارىسىدىكى قارىمۇقارشىلىقلاردىن پايدىلىنىپ دەمەشق بىلەن ئالاقە ئورناتتى ۋە ئۇنىڭ ئارمىيەسى بىلەن ھەمكارلىشىشقا باشلىدى. ئەمما بەزى كۇرت تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى سۇرىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۆزلىرى نازارەت قىلىۋاتقان تېررىتورىيەدە كۇرت ئاپتونومىيەسىنى قۇرۇشقا رۇخسەت بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا. ھازىرچە دەمەشق ئۇلار بىلەن سىياسىي ئويۇن ئويناپ، قۇرۇق ۋەدىنى بېرىپ، ئېنىق قارار بەرمىدى.

لېكىن كۇرتلەرنىڭ ئاپتونومىيە مەسىلىسى سۈرىيە بىلەن چېگراداش، پەقەت 2009-يىلدىن بېرى 10 مىڭدىن ئارتۇق قاچاق ئۇيغۇرلارغا ئىقامەت بەرگەن، قېرىنداش ۋە ئۇنىتارلىق دۆلەت سىستېمىدىكى تۈركىيە ئۈچۈن زور خەۋپ تۇغدۇرماقتا. چۈنكى ئەنقەرە سۇرىيەدىكى كۇرت قوراللىق ئەترەتلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ پۇقرالىرى بولغان ۋە تۈركىيەدە ئاپتونومىيە قۇرۇش ئۈچۈن دايىمىي تېررورلۇق ۋەقەلەرنى سادىر قىلىۋاتقان كۇرتلەرنىڭ ئىشچى پارتىيەسى (پكك) بىلەن ھەمكارلىشىشىدىن، ئىچكى دۈشمەنلەرنى كۈچلەندۈرۈشىدىن قانۇنىي ئەندىشە قىلىدۇ. شۇڭا تۈركىيە سۈرىيەدە تېررورىستلارغا قارشى كۈرىشىۋاتىدۇ ۋە كۇرتلەرنىڭ ئاپتونومىيە قۇرۇشىغا قەتىي قارشى. ئەمما ئەنقەرە ئۇزاق مۇزاكىرىلەر ئۆتكۈزۈشنىڭ ۋە ئەۋرىشىم سىياسەت تۇتۇشنىڭ نەتىجىسىدە ئىراق ۋە كۇردىستان رەھبەرلىرى بىلەن ئورتاق تىنچلىق سىياسىي ۋەزىيەت ھاسىل قىلدى. شۇڭا كۇردىستان سۈرىيەدىكى قېرىنداشلىرىنى رەسمىي قوللىمىدى. ھازىرغىچە ئەنقەرە سۈرىيەدىكى جەڭگىۋار كۇرت تەشكىلاتلىرى سدف، يپگ قاتارلىقلار بىلەن دى’ئالوگ يۈرگۈزمىدى. قېرىنداش تۈركىيە دۆلىتى ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە ئىران بىلەن مۇزاكىرە قىلىش، مۇرەسسەگە كېلىش ئارقىلىق ئۆز ئەسكەرلىرىنى سۈرىيەنىڭ تۈركمەنلەر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەر تۇرىدىغان چېگراداش رايونلىرىغا كىرگۈزدى، بۇ يەرلەردە بىخەتەرلىك رايونلىرىنى قۇرۇشنى خالايدۇ ھەم ھازىر ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزىتىپ تۇرماقتا. لېكىن، دەمەشق ۋە ۋاشىڭتون بىلەن بولغان مۇرەككەپ دۆلەتلەرارا مۇناسىۋەتلەر ۋە سۈرىيە كۇرتلىرىنىڭ خەلقارا سىياسىي سەۋىيەسىنىڭ ھەم تەجرىبىسىنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن تاسادىپىي تۇغۇلىدىغان ۋەزىيەت ئەنقەرەنى سۈرىيەدە كەڭ كۆلەملىك ھەربىي يۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇرلاش ئېھتىمالى بار. سۈرىيەدە تېررورچىلارغا قارشى كۈرەشتە تۈركىيە ئامېرىكا بىلەن ئورتاق پىكىرگە كەلسە ۋە ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالسا، مەسىلە ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق ھەل قىلىشقا قاراپ يۈزلىنەتتى. ئەمما ئۇنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشى ناتايىن. چۈنكى مەسىلىنىڭ بۇنداق تەرەققىي قىلىشىغا دەمەشق قارشى. ئۇ تۈركىيەنىڭ ئۆز تېررىتورىيەسىدىن چىقىپ كېتىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. ئەندى دەمەشقنىڭ تىزگىنى تېھران بىلەن موسكۋادا. تۈركىيەگە چېگراداش ئىدلىب ئۆلكىسى مەسىلىسى بويىچە تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ۋە ئىران كېلىشىم تۈزگەن، شۇڭا ئۇلار ئەنقەرەنىڭ سۈرىيەنىڭ تۈركمەنلەر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەر تۇرىدىغان بۇ تېررىتورىيەنى نازارەت قىلىشىغا ھازىرچە قارشى ئەمەس.

قىسقىچە يەكۈنلىسەك، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە ۋەقەسىگە ئاكتىپ ھەربىي-سىياسىي ئىشتىراق قىلىشى ۋە 3 مىليوندىن ئارتۇق قاچاقلارنى ئۆز تېررىتورىيەسىدە بېقىشى ئۇنى ناھايىتى كۆپ مەبلەغنى خەشلەشكە، مەملىكەتكە ئىقتىسادىي پايدىسى يوق كۆپ چىقىم قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا ھەمدە دۆلەتتە ئېغىر ئىقتىسادىي-مالىيەۋىي ۋەزىيەت شەكىللەندۈرمەكتە. قاچاقلار مەسىلىسىدە ياۋروپا بىرلىكى (يب) تۈركىيەگە چەكلىك ماددىي-مالىيەۋىي ياردەم بېرىۋاتىدۇ. ئەمما تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان بەزى دىپلوماتىيەۋىي تىركىشىشلىرى ئۇنىڭ ماددىي-مالىيەۋىي ياردىمىدىن قۇرۇق قالدۇرۇۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىنىڭ تېخىمۇ جىددىيلىشىش خەۋپى مەۋجۇت.

موشۇنداق ۋەزىيەتتە ئەنقەرە بېيجىڭنىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» سىياسىي غەرەزلىك ئىستراتېگىيەسىنى قوللاش ئارقىلىق خىتاينىڭ كۆپلىگەن مىقداردا تۈركىيە ئىقتىسادىغا ئىنۋېستىتسىيە سېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە، كرېدىت ۋە ياردەم پۇل ئېلىشقا مەجبۇر بولماقتا. تۈركىيەنىڭ مەزكۈر ئىچكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىما’ئىي ئېغىر ۋەزىيەتتىن ئۆز مەنپە’ئەتىگە پايدىلىنىش ئۈچۈن دۇنيادا ھېلىگەرلىكتە تەڭدىشى يوق خىتاي، كېيىنكى ۋاقىتتا ئۇيغۇرىستان (شەرقىي تۈركىستان) مەسىلىسى دا’ئىرىسىدا ئەنقەرەگە سىياسىي، دىپلوماتىيەۋىي ۋە ھاكازا ھىيلە-نەيرىڭىنى ئىشلىتىپ، ئۆزى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا تۈرك-مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە جازا لاگېرلىرى ھەققىدە ئەنقەرەنىڭ رەسمىي پىكرىنى ئېلان قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالىدى. شۇنداقلا تۈركىيەنى يۈزلىگەن ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشقا ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنى مەلۇم دەرىجىدە چەكلەشكە ئىقتىسادىي-دىپلوماتىيەۋىي كۈچلۈك بېسىم ئىشلىتىپ مەجبۇرلىماقتا. مانا بۇ پاكىت سۈرىيە ئۇرۇشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئەكەلگەن ئەڭ چوڭ ئىككى زىيىنىڭ بىرى. قېرىنداش تۈركىيە دېموكراتىك بىر دۆلەت. ئوسمانلى تۈركلىرى تۈرك دۇنياسىدىكى ئەڭ ئېسىل خىسلەتلىك، پەزىلەتلىك، كۆيۈمچان مىللەت ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنى خان ياقۇپبەگ بەدەۋلەت دەۋرىدىن بېرى قوللىغان، ھازىرمۇ ۋە كەلگۈسىدىمۇ قوللايدۇ. ئەمما بۈگۈن تۈركىيە ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىي قوللىشىنىڭ مەزگىلىنى، شەكلىنى، ئۇسۇلىنى ۋە چېگراسىنى ئىچكى ئىقتىسادىي-سىياسىي ۋە خەلقارا جۇغراپىيەلىك سىياسىي ۋەزىيەت بەلگۈلىمەكتە. شۇڭا ئۇيغۇرىستان (شەرقىي تۈركىستان) تەشكىلاتلىرىغا، پا’ئالىيەتچىلىرىگە تۈركىيەدە ۋەتەن دەۋاسىنى يېڭى سىياسىي ئۇسۇل ۋە مېتودلار بىلەن بۈيۈك مىللىي مەجلىستىكى پارتىيەلەرنى مەركەز قىلىپ، قېتىرقىنىپ داۋاملاشتۇرۇشنى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان جۇغراپىيەلىك سىياسىي ۋە ئىچكى سىياسىي ۋەزىيەت ھەم ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ.

ئەلھەق، رۇسىيە 2014-يىلى قرىم يېرىم ئارىلىنى، شۇ يەردىكى دېڭىز ھەربىي بازىسىنى ئارقا تىرەك قىلىپ ۋە قوراللىق «سىپايە ئادەملەر»نىڭ نازارەت قىلىشىدا رېفېرېندۇم ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆزىگە قوشۇۋالدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن، رۇسىيەنى ئۇكرا’ئىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە پۈتۈنلۈگىگە دەخلى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاقش باщلىق غەرب ئۇنىڭغا ئىقتىسادىي سانكسىيەنى ئېلان قىلدى ۋە غەرب بۇ سىياسىتىنى كۈندىن-كۈڭە كۈچەيتمەكتە. رۇسىيە ئۆزىنى خەلقارا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەردىن ئايرىپ قويۇش ئاقىۋېتىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، سۈرىيەگە كىرىپ ئىگىلغا ۋە رۇسىيەنىڭ ھەم چېگراداش دۆلەتلەرنىڭ تېررورچىلارنىڭ تەركىۋىدە ئۇرۇش قىلىۋاتقانلارغا ئالدىن-ئالا زەربە بېرىش ۋە ئىتتىپاقداش ئاۋتورىتارلىق سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى قوللاش ھەمدە ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ شەرقىدە قوشۇمچە ھەربىي بازىنى قۇرۇش ۋە ئۆزىنىڭ زامانىۋىي قورال-ياراقلىرىنى دۇنياغا نامايان قىلىش ئۈچۈن، سۈرىيە ۋە ئىران بىلەن كېلىشىپ، تۈركىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ بۇ ئۇرۇشقا سەكرەپلا كىردى. شۇڭا موسكۋا دەمەشقتىكى قاتتىق قوللۇق ھۆكۈمەتنى ھېمىشەم ھەربىي ۋە سىياسىي كۈچ قوللىنىپ ھىمايە قىلىدۇ. چۈنكى موسكۋا سۈرىيەدىكى ۋەقەلەرنىڭ غەرب دۆلەتلىرىگە قارىتىلغان تەھدىتىنى ۋە ئۇنىڭ سەلبىي ئاقىۋېتىنى توختىتىشقا مەنپە’ئەتدار ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئوتتۇرا ۋە كىچىك مۇساپىلىق راكېتىلار توغرىلىق كېلىشىم بويىچە موسكۋا ۋاشىڭتون بىلەن ئورتاق پىكىرگە كېلەلمىسە، ئۇ چاغدا رۇسىيە قايتىدىن خەلقارا قورال-ياراق مۇسابىقىسىگە مەجبۇرلىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگە ئوخشاش قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭ سىياسىي تەقدىرىنى تەكرارلىشى مۈمكىن. شۇنداقلا رۇسىيەدە ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ھازىرقى شەكىلدىكى «پېنسىيە ئىسلاھاتى» دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى بۇزۇپ تاشلاش ۋە مىللى’ئونلىغان ئاممىنىڭ نامايىشلارغا چىقىش ھەم توقۇنۇشلارغا ئېلىپ كېلىش ئېھتىمالى بار. شۇڭا كۆپمىللەتلىك ۋە كۆپدىنلىق ۋە فېدېراتىپلىك سىستېمىدىكى رۇسىيەدە سىياسىي مۇقىمسىزلىق يۈز بېرىش ئېھتىمالى مەۋجۇت. ئەگەر رۇسىيەدە چوڭ مۇقىمسىزلىق سادىر بولسا، ئۇ پەيدىنپەي خوشنا دۆلەتلەرگە، شۇ جۈملىدىن قازاقىستانغا ھالقىپ كىرىپ، قازاقىستانلىقلارغا، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرۇش ئېھتىمالى بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىيىل ئۇكرا’ئىنىدا قرىم ۋە دونباسس مەسىلىرى دا’ئىرىسىدا گرازھدانلار ئۇرۇشى داۋاملىشىدۇ. شۇنداقلا بۇ مۇرەككەپ جەريان ئۇكرا’ئىنا بىلەن رۇسىيە، يەنى بىر سلاۋىيان مىللىتى ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇشقا ئېلىپ كېلىش ۋە ئۇنىڭغا غەربنىڭ بېۋاسىتە ئارلىشىشىدىن خەلقارا تىنچلىققا كۈچلۈك تەھدىت سالىدىغان زور توقۇنۇشلارنىڭ پەيدا بولۇشى مۈمكىن. ئۇكرا’ئىنا مەسىلىسى ئاقش باشلىق غەربنىڭ رۇسىيەگە قارىتىلغان سانكسىيەلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە ئېلىپ كېلىش ئېھتىمالى يۈكسەك. سانكسىيەلەر رۇسىيە ئىقتىسادىغا ۋە ئىجتىما’ئىي-سىياسىي، مەدەنىي سەھالىرىغا سەلبىي تەسىرىنى يەتكۈزمەكتە. ئامېرىكىنىڭ خەلقارالىق ماگنىتسكىي قانۇنى موسكۋا ئالىي ئەمەلدارلىرىنىڭ بېشىنى ئاغرىتماقتا. ئۇيغۇر مەسىلىسىدە، ئاساسەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەشكىللەۋاتقان خىتاي ئالىي ئەمەلدارلىرىغا قارشى كۈرەشتە ئامېرىكىنىڭ خەلىقارالىق ماگنىتسكىي ئەھدىنامىسى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ۋاشىڭتوننىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (دۇق) رەھبەرلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بۇ قانۇننى بېيجىڭغا قارشى قوللىنىشى ۋاقىتنىڭ ئىشى ۋە بىيىل يۈز بېرىشى مۈمكىن.

شۇنى ئەسلەپ ئۆتۈش مۇھىمكى، چار رۇسىيە چىڭ سۇلالىق خىتاي بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، 1871-يىلى ئىلى ئۇيغۇر سۇلتانلىقىنى ئىشغال قىلىپ، مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتىنى مۇنقەرز قىلغان. ئەندى سوۋېت ئىتتىپاقى 1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى گومىنداڭ خىتاي ئەسكەرلىرىگە ياردەم بېرىپ يوق قىلغان ھەمدە 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ماۋ رە’ئىسلىك كوممۇنىست خىتايغا تەسلىم قىلغۇزۇپ، ئۆزىگە ئىستراتېگىيەلىك خاراكتېردىكى جۇغراپىيەلىك سىياسىي خاتا سادىر قىلغان. شۇنداقلا ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقىدا قەتل قىلغان. شۇڭا رۇسىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە رې’ئال مەزگىلدىكى ۋەزىيەتكە قاراپ ئىككى بىسلىق سىياسەت تۇتۇشى مۈمكىنلىكى ئۈستۈن.

كوممۇنىستىك، مۇتلەقھاكىملىق خىتاي رەسمىي سۈرىيە ئۇرۇشىغا قاتناشمىدى. لېكىن ئۇ خىتايلارنىڭ ئەنەنىۋىي سىياسىي قۇۋلۇق-شۇملىقىنى ئىشقا سېلىپ، دۇنياغا سۈرىيەنىڭ تېررىتورىيەسىنىڭ پۈتۈنلۈكى، قاتتىق قوللۇق ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنلىقى توغرىلىق ئاخبارات تارقىتىپ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ تۇردى. بىراق سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە ھېچقانداق ئەمەلىي ياردەم بەرمىدى. ئەمما ئەمەلىيەتتە، ئاستىرتىن سۈرىيەدىكى ۋەزىيەتتىن خىتاي ئۈنۈملىك پايدىلاندى. ئۇ ئۆزىنىڭ جاسۇسلىرى، ئىران، پاكىستان دۆلەتلىرىنىڭ مەخسۇس خىزمەتلىرى ۋە پۇلغا سېتىلغان مۇسۇلمانلار ئارقىلىق سۈرىيەگە تېنەپ، ئالدىنىپ، جاھالەتلىكتىن ياكى باشقا سەۋەپلەردىن بېرىپ قالغانلارنى تۇتۇپ خىتايغا قايتۇرۇشنى ياكى قەتل قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى ۋە ئاشۇرۇۋاتىدۇ. ئەڭ دەھشەتلىگى خىتاي ھۆكۈمىتى سۈرىيە ئۇرۇشىغا باغلاپ بدت (ئۇنو، ئوئون) بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئاتالمىش «ئۇيغۇر تېررورىزمى» ھەققىدە ئويدۇرما، ئۆزى قويغان سپېكتاكىللارنى ھۆججەتلىگەن ماتېرى’ئاللارنى تەكرار-تەكرار تاپشۇردى. خىتاينىڭ بدتدا ئۇيغۇرلارنى پۈتۈن دۇنيا قارشى تۇرۇۋاتقان سۈرىيە تېررورىزمىغا غەرەزلىك باغلاپ قارار ئالدۇرۇشقا تىرىشىش پاكىتى – سۈرىيە ئۇرۇشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئەكەلگەن ئىككىنچى ئەڭ چوڭ زىيىنى. ئاللاھقا مىڭ شۈكرى! پەقەت تەسىرلىك ۋە دېموكراتىك ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى، خەلقارا ئىنسان ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىدىغان تەشكىلاتلار، دۇق ۋە ئۇنىڭ تەركىۋىدىكى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۆججەتلىك يېزىلغان دوكلاتلىرى ۋە دەلىل-ئىسپاتلىق ھەرىكەتلىرى بدتدا خىتاينىڭ تەشەببۇسى ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارشى قارار ئېلىشنىڭ ئالدىنى ئالدى. ھەل قىلغۇچ رولنى خىتاينىڭ ئالدامچى خالتىسىغا چۈشمىگەن ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى ئوينىدى. چۈنكى ئۇلار دۇق ۋە باشقا خەلقارا تەشكىلاتلار بەرگەن پاكىتلىق دوكلاتلارغا ۋە ئۆزلىرى ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ خىتاينىڭ ئىغۋاگەرلىك تەلەپلىرىنى رەت قىلدى.

بەخىتكە يارىشا، دۇقنىڭ 2018-يىلى 6-نويابىردە جەنۋە شەھىرىدىكى بدتنىڭ ئىدارىسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن نامايىشى ۋە بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئىدارىسىدە ئۆزى چاقىرغان خىتاينىڭ ئىنسان ھوقۇقى ۋەزىيىتىنى قاراش ۋە مۇھاكىمە قىلىش يىغىنى ھەمدە دۇق نىڭ تەشكىللىشىدە 8 – 10-نويابىر كۈنلىرى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىلغان شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مىللىي كېڭىشى پا’ئالىيەتلىرىنىڭ ئىجابىي ئاقىۋېتى، بۇ ۋەقەلەرنىڭ غەرب ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەرگە بولغان تەسىرى ۋە بۇ جەرياندا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە پەيدا بولغان خەلقارالىق ئاخبارات دولقۇنى، شۇنداقلا مىللىي كېڭىشتە مۇزاكىرە قىلىنغان ئاكتۇ’ئال مەسىلىلەر، مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشنىڭ ئۈچ باسقۇچلۇق ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىپ تولۇقلىنىشى، دۇق سىياسى’ئونلىرىنىڭ، ئالىملارنىڭ، دىنىي زاتلارنىڭ، شۇ جۈملىدىن ئۆلىمالارنىڭ ۋە 22 دۆلەتتىن كەلگەن 32 تەشكىلاتقا ۋەكىللىك قىلىدىغان مىللىي پا’ئالىيەتچىلەرنىڭ ئۆز ئارا بىرلىك-ئىتتىپاقلىقنى ئورنىتىشى ۋە ۋەتەن دەۋاسى ئۈچۈن ئورتاق پا’ئالىيەت خىتاپنامەسىنى قوبۇل قىلىشىنىڭ ئەمەلىي ئەھمىيىتى كوممۇنىستىك خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق چۆچىتىۋەتتى. شۇڭا، 2017-يىلقى دۇقنىڭ پەۋقۇلاددە قۇرۇلتىيدا، ئىچكى ئىختىلاپقا ۋە ئۇيغۇرىستاندىكى (شەرقىي تۈركىستاندىكى) پەۋقۇلاددە ۋەزىيەتكە جاۋابەن مۇھىم ئىسلاھاتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقارادا دۇققا قارشى ھىيلە-نەيرەڭ ۋە جاسۇسلىق ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن ئىدى. ئەمما يۇقىرىدىكى جەنۋە ۋە ميۇنخېن ۋەقەلىرىگە مۇناسىۋەتەن بېيجىڭ دەرھال خەلقارادا ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋاكالىتەن ئەدلىيەۋىي رەسمىي تونۇلغان ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان دۇققا، ئۇنىڭ تەركىۋىدىكى تەشكىلاتلارغا ۋە ئۇنى قوللايدىغان دۆلەتلەرگە، خەلقارا ئىنسان ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىدىغان تەشكىلاتلارغا قارشى دەھشەتلىك بېسىم ئىشلىتىش ۋە زەربە بېرىش كامپانىيەسىنى مەخپىي ۋە ئوچۇق دۇنيا مىقىياسىدا سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىشنى كەڭ قانات يايدۇردى. چەتەللىك تەتقىقاتچىلارنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە ۋە ئۇنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى بولغان دۇققا زەربە بېرىش، ئۇنى يوق قىلىش قانۇنسىز يوشۇرۇن ۋە ئوچۇق ھەرىكىتىنى، 2009-يىلدىن بېرى چەتەللەرگە قاچقان 15-20 مىڭدەك قاچاقلارنىڭ ئارىسىغا، تەخمىنەن نەچچە يۈزلىگەن جخم، دبم قاتارلىق مەخسۇس ئورگانلارنىڭ ماشكىلىرىنى، جاسۇسلىرىنى ھەمدە 1990-يىللىرىدىن بېرى چەتەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىغا سىڭىپ كىرگەن پايلاقچىلىرى ئارقىلىق دۇنيا مىقىياسىدا قاتتىق قوللۇق ۋە ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن بىر مەركەزدىن كەسپىي ئاساستا ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

خىتاينىڭ چەتەللەردىكى ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە قارىتىلغان زەربىسىگە بەردەشلىق بېرىشنىڭ، ئۇنىڭ ئاقىۋېتىنى تامامەن سۇسلاشتۇرۇۋېتىشنىڭ ئاساسىي ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە:

1. پۈتكۈل دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار، قايسۇ تەشكىلاتتا بولسۇن ياكى ھېچبىر تەشكىلاتتا بولمىسۇن كۈرەش تىغ ئۇچىنى مۇستەملىكىچى ۋە باش دۈشمەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋە ئۇنىڭ تەقىپلەش ئورگانلىرىغا قارىتىش؛

2. مەلۇمكى، تاسادىپىي ھەرخىل سىياسىي-ئىجتىما’ئىي ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ جەريانلاردىكى ئامىللار بىلەن دۆلەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشى يۈز بېرىدۇ ۋە ھازىرمۇ يۈز بېرىۋاتىدۇ. مەسىلەن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 15 دۆلەتكە پارچىلىنىشى ۋە كېيىنكى 27 يىلنىڭ ئىچىدە ئوندەك مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ دۇنياغا كېلىشى. ئاساسىي پرىنسىپ – مۇستەقىللىقنى سوراپ ئالمايدۇ. شۇڭلاشقا خىتاي ئورگانلىرى كېيىنكى ۋاقىتتا سەھنىگە غەرەزلىك مەقسەتتە چىقىرىپ قويغان سۈنىي “مۇستەقىللىق” مەسىلىسى ئەتراپىدە تورلاردا، شەخسىي ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئەۋجىگەن گەپ، دەلىل-ئىسپاتسىز مىللىي پا’ئالىيەتچىلەرارا ھاقارەت ۋە تۆھمەت “كۈرىشىنى” دەرھال توختىتىش؛

3. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا تۈرك-مۇسۇلمانلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىش سىياسىتىگە قارشى – ھەر تەشكىلات، ھەر كىم ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە ئۇلارنىڭ قانۇنلىرى دا’ئىرىسىدا، ئەمەلىيەت تەلەپ قىلغان يېڭى ئۇسۇل ۋە مېتودلار بىلەن ۋە مۈمكىنچىلىك بولسا باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، قېتىرقىنىپ پا’ئالىيەت ئېلىپ بېرىش؛

4. خىتاي ماشكىلىرىنىڭ، جاسۇسلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي پا’ئالىيەتچىلىرىگە قارشى پاش بولغان پاكىتلىق، ھۆججەتلىك ھەرىكەتلىرىنى تۇرۇۋاتقان دۆلەتنىڭ ھوقۇق قوغداش ئورگانلىرى ۋە سوت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش.

يۇقىرىدا مۇلاھىزە قىلىنغانلارنى تېزىسلىق يەكۈنلىسەك، سۇرىيەگە مەركەزلەشكەن مەزكۈر جۇغراپىيەلىك سىياسىي خاراكتېردىكى ھەربىي-سىياسىي جەريان 2019-يىلى دۇنياۋىي تىنچلىق ۋەزىيىتىگە تەھدىت سېلىشنى داۋاملاشتۇرۇدۇ ۋە خەلقارالىق ئۇيغۇر مەسىلىگە ئۆزىنىڭ زىيانلىق تەسىرىنى داۋاملاشتۇرۇدۇ.

ئامېرىكا – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى.

خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسى ئەمەلىيەتتە ئىككى يولدىن تەركىپ تاپقان: يىپەك يولىنىڭ ئىقتىسادىي بەلۋېغى ۋە دېڭىز يولىنىڭ ئىقتىسادىي بەلۋېغى. موشۇ ئىستراتېگىيەنى يادرو قىلغان خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا سىياسىي-ھەربىي ئىختىلاپ بار. بۇلار: جەنۇبى-خىتاي دېڭىزىدىكى ئاراللارنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى ۋە شىمالىي كورېيە، تەيۋەن مەسىلىلىرى، شۇنداقلا خىتاينىڭ بدت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە ئا’ئىت مەسىلىلەردە ئۇنى پات-پات قوللىشى ۋە ھاكازالاردىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتىن مەلۇمكى، خىتاي ئۈچۈن ئاساسىي دۈشمەن ئامېرىكا، ئەمما ئاقش ئۈچۈن رۇسىيە ئاساسىي جۇغراپىيەلىك سىياسىي-ھەربىي رەقىپ، خىتاي – جۇغراپىيەلىك ئىقتىسادىي رەقىپ. ئۇيغۇرلارنىڭ تراگېدىيەسى مانا موشۇ ئالاھىدىلىكتىن تېخىمۇ ئېغىرلاشماقتا. بېيجىڭ بۇ ۋە ياۋروپا بىرلىكى (يب) ۋە رف ئوتتۇرىسىدىكى قارىمۇ-قارشىلىقلاردىن ئەۋرىشىم پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا تۈرك- مۇسۇلمانلارنى رەھىمسىز تەقىپلەش ۋە جىسمانىي ھەم روھىي مەجبۇرىي ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىشنى تۈرلۈك ئۇسۇل، مېتود ۋە ۋاسىتىلەر بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

ئۆتكەن يىلى دۇنيادا دېموكراتىيەنى، ئىنسان ھوقۇقىنى ۋە لىبېرال ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى ئەڭ مۇھىم ئەۋزەللىكلەر سۈپىتىدە ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئامېرىكا بىلەن ئالاھىدە كوممۇنىستىك ھاكىممۇتلەقلىق سىستېمىدىكى ۋە ئۇيغۇرىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى قارىمۇ-قارشىلىقلار كۈچەيدى. ئىقتىسادىي ئىستراتېگ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتايغا قارشى رەسمىي ئىقتىسادىي سانكسىيەنى 2018-يىلى 6-ئايدا ئېلان قىلدى. بۇ ئىقتىسادىي چەكلىمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا-سېتىق مۇناسىۋەتلىرىدە 2017-يىلى چىقىمنىڭ كىرىمدىن $375 ملرد. دوللاردىن ئېشىپ كېتىشى تۈرتكۈلۈك سەۋەپ بولدى. شۇنداقلا ئامېرىكا تەرەپ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە 5 ماددىلىق تەلەپ قويدى. ئۇلار: 1. خىتاي ئۆزىنىڭ باج سېلىقىنى ئامېرىكىنىكىگە ئوخشاش قىلىش؛ 2. ئاقشنىڭ خىتاي ئىقتىسادىنىڭ مەنپە’ئەتدار بولغان ساھالىرىغا ئىنۋېستىتسىيە قۇيۇشنى مەنىي قىلىشنى ئېلىپ تاشلاش؛ 3. خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ كومپىيۇتېرلىرىنى كىبېر-بۇزۇشنى ۋە شۇ ئارقىلىق ئوغرىلىق قىلىشنى توختىتىش؛ 4. خىتايدا ئامېرىكىنىڭ ئەقلىي مۈلكىنى ھىمايە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ 5. يۈكسەك تېخنولوگىيەلىك (ئىت) ئىلمىي-تېخنىكىلىك ساھانى دۆلەت تەرەپىدىن قوللاشنى ۋە پۇل سېلىشنى قالدۇرۇش قاتارلىقلار. ئەمما دونالد ترامپ بىلەن كوڭرېسستىكى دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ تىركىشىشى، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى ئىككىنچى سانكسىيەنى مارتقىچە توختىتىپ قويۇپ، بۇ مەسىلە بويىچە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر قىلدى. خىتاي بارلىق سىياسىي-دىپلوماتىيەۋىي ئۇسۇللار بىلەن بەزى مەسىلىلەردە چېكىنىش ئارقىلىق ئامېرىكىنى ئۆزىگە مايىل قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. چۈنكى ئاقش خىتايغا قارشى يەنە 2-3 زور مىقدارلىق سانكسىيە ئەمەلگە ئاشۇرسا، ئۇ چاغدا خىتايدا كەڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي كرىزىس يۈز بېرىدۇ ۋە ئاقىۋىتى سىياسىي بوھرانغا ئايلىنىپ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ (خكپ) تەختتىن غۇلىشىغا ئېلىپ كېلىش ئېھتىمالى زور. كرىزىسلىق ۋەزىيەت شەكىللەنسە، بېيجىڭ جازا لاگېرلىرىنى تاقاشقا، ھەتتا تۈرمىلەردىن بىرقىسىم مەھبۇسلارنى چىقىرىشقا مەجبۇر بولىدۇ. خىتايدا سىستېمىلىق ئىقتىسادىي-سىياسىي كرىزىس يۈز بەرگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ، تىبېتلىكلەرنىڭ، موڭغۇللارنىڭ ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ ئوشۇقى ئالچۇ چۈشىدۇ. بېيجىڭدا سىياسىي سەھنىگە خىتاي دېموكراتلىرى چىققان زاماندا، ئۇلار تەختكە چىقىدۇ، دۇقنىڭ يېتەكچىلىگىدە، غەرب ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ قوللىشى بىلەن ھەم بدت ۋە باشقا نوپۇزلۇق خەلقارا تەشكىلاتلارنىڭ ئەدلىيەۋىي ياردىمى ۋە نازارىتى ئاستىدا ئۇيغۇرىستاندىكى ئۇيغۇرلار، شۇنداقلا تىبېتلىكلەر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلەش جەريانىدا مۇستەقىل دۆلەتلىرىنى قۇرۇش مۈمكىنچىلىكى رې’ئاللىققا ئايلىنىشى مۇقەررەر. خىتاي رەھبەرلىرى مەزكۈر جەرياننىڭ يۈز بېرىشىدىن دەھشەتلىك قورقىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دۆلەت قۇۋىتىنى سەرپ قىلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا رەھبەرلىرى خىتاينىڭ يوشۇرۇن ئىستراتېگىيەسىنىڭ ماھىيىتىنى روشەن چۈشەندى دېسەك مۇبالىغا بولمايدۇ. مەسىلەن، خىتاينىڭ ھەقىقىي تاشقى ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە ئاقش سېناتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «رىقابەتلىك دۇنيادا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش» ناملىق گۇۋالىق بېرىش يىغىنىدا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ رە’ئىسى كارل گېرشمان مۇنداق دېدى: «خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتى تاكامۇل ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى سىياسىي تەسىرىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنماقتا. ئۇلارنىڭ ئاداققى مەقسىتى بولسا ئامېرىكىنىڭ دۇنياۋىي يېتەكچى ئورنىنى ئېلىش» (رفا. ئۇيغۇر تەھرىراتى، دېكابىر، 2018). خىتاينىڭ دۇنياۋىي ئىستراتېگىيىلىك مەقسىتىدىن ۋاشىڭتون ۋە غەرب توغرا خۇلاسە چىقىرىشقا باشلىدى. ئەمما ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ ئۆز ئارا ھوقۇق تالىشىش رىقابىتىنىڭ ئاقىۋېتىدىن، ۋاشىڭتون بېيجىڭ بىلەن يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان مەسىلىلەردە، ئاساسەن سانكسىيەدە مۇرەسسەگە كەلسە، ئۇيغۇر مەسىلىسى يېڭى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ.

ياۋروپا بىرلىكى. ئامېرىكىنىڭ خىتايغا تۇتقان كېيىنكى سىياسىتىگە ئۇنىڭ يب بىلەن بولغان بەزى ئىقتىسادىي، سىياسىي مەسىلىلەردىكى قارىمۇقارشىلىقلىرى بىراز سەلبىي تەسىر قىلماقتا. شۇنداقلا يب ئەزالىرىنىڭ ئىچىدىمۇ مەركەزدىن چېكىنىش ئەنەنىسى شەكىللەنمەكتە ھەمدە يب ئەزالىرىدا ئىقتىسادىي-مالىيەۋىي مەسىلىلەردە تىركىشىشلەر مەۋجۇد. مەسىلەن، ئەڭلىيە برېكسىت ئارقىلىق يب دىن چېكىندى ۋە بىيىل ئەدلىيەۋىي چىقىپ كېتىشى مۈمكىن. برېكسىت ۋە قاچاقلار مەسىلىسى يب نىڭ سىياسىي سىستېمىسىغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزدى. پارىزھدىكى «سېرىق زھىلېتلىكلەر» ھەرىكىتىنىڭ نامايىشلىرى فىرانسىيەنى زىل-زىلگە سېلىپ، يب دە تەشۋىش پەيدا قىلدى. شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرقتىن، ئافرىكىدىن ياۋروپاغا كەلگەن 2 مىللى’ئوندىن ئارتۇق قاچاقلار گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى پات-پات مىللەتلەرارا مەسىلىگە دۇچ قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا سادىر بولغان، 2019-يىلىمۇ بولىدىغان جەريانلارنىڭ ئاقىۋېتىدىن غەرب دۇنياسى ۋە ناتو خىتاينىڭ يەر شارىغا ئۆزىنىڭ “يۇمشاق كۈچى” ئارقىلىق تەسىرىنى كۈچەيتىشىگە قارشى ئىزچىللىقنى ۋە بىرلىكنى تولۇق نامايان قىلالمايدۇ. بۇ فاكتورمۇ غەربنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈچلۈك ۋە ئەركىن قوللاشقا توسالغۇلۇق قىلىدۇ. شۇڭا دۇق رەھبەرلىرىگە، سىياسىي پا’ئالىيەتچىلەرگە ئىتتىپاقلىقنى نامايان قىلىش، خەلقارادا ناھايىتى زور قېتىرقانلىق پا’ئالىيەت ئېلىپ بېرىش ھازىرقى داۋالغۇچ ۋەزىيەت تەقەززاسىدۇر.

رۇسىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى.

ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ رۇسىيەگە قارشى سانكسىيەلىرى، ئۇنىڭ خىتاي بىلەن سىياسەتتە، سودا-سېتىقتا تېز يېقىنلىشىشىغا، مىليونلىغان خىتايلارنىڭ رۇسىيەگە سىڭىپ كىرىشىگە ۋە دۆلەتلەرارا مۇناسىۋەتنى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىككە كۆتىرىشكە ئىمكان ياراتتى. ئەمما بۇ ئىككى دۆلەت تېخى ئىتتىپاقداشلار ئەمەس. پەقەت خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئارا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىش شەكىللىنىشكە قاراپ يۈزلەندى ۋە ئامېرىكا باشلىق غەربنىڭ بېسىمى بىلەن بۇ جەريان تېخىمۇ تېزلىنىدۇ. خىتاي بولسا رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتىگە نىسبەتەن، ماۋ زېدۇڭ قېلىپلاشتۇرغان «ئەقىللىق مايمۇن دەرەقتە ئولتۇرۇپ يەردىكى ئىككى شىرنىڭ سوقۇشىنى بايقاپ تۇرۇدۇ» دېگەن ئەمەلىي پرىنسىپىگە رى’ئايە قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. شۇڭا، يېقىندا ھۆكۈمەتنىڭ قول ئاستىدىكى «شىنخۇ’ئا» ئاگېنتلىقى موسكۋاغا نىسبەتەن سىلىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئۇنىڭ ئامېرىكا، غەرب ۋە ياپونىيە بىلەن بولغان مۇزاكىرەلەردە ئورتاق پىكىرگە كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھەرىكەت قىلدى. بېيجىڭنىڭ يوشۇرۇن مەقسىتى – رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا ۋە غەرب بىلەن تىركىشىشىنى دايىمىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دىققىتىنى ئۆزىدىن سىرتقا بۇراش. ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن ئەڭ قولايلىق ۋەزىيەت ئۇ، ۋاشىڭتون بىلەن موسكۋا ئۆز ئارا تىنچلىق، دوستلۇق مۇناسىۋەتنى ئورنىتىشى ۋە رۇسىيەنىڭ خىتايغا نىسبەتەن بېتەرەپلىك پوزىتسىيەگە ئۆتۈشى. ئۇنداق ۋەزىيەتتە ئامېرىكىنىڭ ھاكىممۇتلەقلىق خىتايغا قارشى زور ئىقتىسادىي چەكلىمىلىرى ھەمدە قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر، تىبېت قازاق، قىرغىز ۋە باشقا خەلقلەرنى سىياسىي ۋە ئەدلىيەۋىي ھىمايە قىلىشى كۈچىيىدۇ. تەبى’ئىيكى، بۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەڭ قولايلىق شەرت-شارا’ئىت.

ئىسلام دۇنياسى ۋە ئۇيغۇرلار.

كېيىنكى يىللىرى مۇقەددەس ئىسلام دىنىنىڭ سۈننىي مەزھىبىنىڭ لىدېرى سە’ئۈدىيە ئەرەپستانى بىلەن ئۇنىڭ شى’ئىي مەزھىبىنىڭ يولباشچىسى ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئىدې’ئولوگىيەلىك ۋە جۇغراپىيەلىك سىياسىي قارشى تۇرۇشلار، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى سوغاق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا ئېلىپ كەلدى. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ جىددىي تىركىشىشى پۈتۈن مۇسۇلمان دۇنياسىنى ئىككىگە بۆلۈۋەتتى ۋە ئۆز ئارا رىقابەتكە سېلىپ قويدى. شۇنداقلا ئۇلارنى ئىسلام دۇنياسىنىڭ سىرتىدىن ئىتتىپاقداشلارنى ئىزدەشكە مەجبۇرلىدى. بۇ ۋەزىيەتتىن خىتاي ئۈنۈملىك پايدىلانماقتا. ئۇ ئىران، پاكىستان، سە’ئۇدىيە ئەرەپستانى، مىسىر، ئافغانىستان قاتارلىقلار بىلەن سودا-سېتىق ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىرى ئارقىلىق زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدىكى ۋە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ خىتايغا قايتۇرۇشنى ياكى قەتل قىلىشنى مەخپىي ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتىدۇ. ماددىي ياردەم ۋە ئىمتىيازلىق سودا-سېتىق مۇناسىۋەتلەر بىلەن بىرتالاي مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى خىتاي ئۆزىگە مايىل قىلىۋالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلەردىكى سىياسىي تۈزۈمنىڭ ماھىيىتى دىكتاتورلۇق خىتاي تۈزۈمىگە يېقىنىراق بولىشىمۇ سەلبىي رول ئوينىماقتا. شۇڭا مالايشىيە، ھىندونېزىيە، كۇۋەيىت قاتارلىقلاردىن سىرت ئىسلام دۇنياسى، شۇ جۈملىدىن خەلقارا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىگە، ئۇيغۇرلارغا، ئومۇمەن مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت ساقلىماقتا. شۇڭا ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ما’ئارىپ ۋە ھەمكارلىشىش جەمىيىتىنىڭ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مالايشىيەدىكى پا’ئالىيەتلىرى، ئۇلارنىڭ دۇق بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىسلام دۇنياسىنى ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەن دەۋاسى بويىچە پا’ئالىيەت مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش داۋالغۇچ ۋەزىيەت تەقەززاسى.

مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار.

مەلۇمكى، مەركىزىي ئاسىيادىكى يېڭى مۇستەقىل دۆلەتلىرى نېفىت، گاز، رەڭلىك ۋە كام ئۇچرايدىغان قىممەت مېتاللارغا، ئاشلىق، پاختا ۋە مېۋە-چېۋە ۋە ھاكازا مەنبەلىرىگە باي ھەم رۇسىيە ئۇيغۇرىستان ئارقىلىق خىتاي بىلەن چېگراداش. شۇڭا رۇسىيە ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى تەشكىلاتى ئارقىلىق بۇ تەۋەدىكى ئەزا دۆلەتلەرگە تەسىر دا’ئىرىسىنى كېڭەيتىشكە تىرىشماقتا. ئەندى خىتاي بولسا «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق ئىقتىسادىي ۋە نوپۇسىي سىڭىپ كىرمەكتە ۋە بۇ دۆلەتلەرنى يوشۇرۇن ئىندەككە كەلتۈرۈش سىياسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشماقتا. بېيجىڭ بۇ تەۋەدە مۈلۈكلەرنى سېتىۋېلىش، يېڭى ئوبيېكتلارنى سېلىش، مەبلەغ سېلىش، كرېدىت بېرىش ۋە گرازھدانلىقنى ئېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىما’ئىي تەسىر دا’ئىرىسىنى كۈچەيتمەكتە. مەزكۈر ۋەزىيەتتىن پەيدا بولۇۋاتقان سەلبىي جەريانلار يەرلىك زىيالىلارنى، ياشلارنى، بەزىدە خىتايلار بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان ئىشچىلارنى، ئەندى ئۇيغۇرىستاندىن ئورالمان سىياسىتى بويىچە قازاقىستانغا كۆچۈپ كەلگەن قازاقلارنى ياكى ئۆزلىرى كۆچۈپ كەلگەن قىرغىز ۋە باشقا خەلقلەرنى خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلىشقا دەۋەت قىلىۋاتىدۇ. قازاقىستان ۋە باشقا تۈرك-مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم مەسىلە دۆلەتچىلىكنى مۇستەھكەملەش، مىللەتلەرارا مۇناسىۋەتنى ۋە ئۇمۇمىي ۋەتەنپەرۋەرلىكنى كۈچەيتىش، سىياسىي مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە ئۇمۇمىي تەرەققىياتنى كۈچەيتىشكە ھۇل سېلىشنى تېزلەشتۈرۈش. قازاقىستاندا مىللەتلەرارا، دىنلارارا كەڭ قورساقلىق، تۆزۈملىك ۋەزىيەتنى ساقلاپ قېلىش ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. مەركىزىي ئاسىيادىكى قېرىنداش دۆلەتلەردىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا تۈرك-مۇسۇمان خەلقلەرگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت ساقلىماستىن، ئەڭ بولمىغاندا ئىنسان ھوقۇقى مەسىلىسى دا’ئىرىسىدا پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

خىتاي ئۇيغۇرىستانغا قوشنا پاكىستان ۋە ئافغانىستان بىلەن ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشكە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇ خىتاي – پاكىستان (قەشقەر-گۋادار) ئىقتىسادىي كارىدورىغا، سىياسىي مۇقىمسىز، سۈرىيەدىن قېچىپ كەلگەن ئىگىل ۋەكىللىرى ۋە تالىپلار تېررورلۇق ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئافغانىستاننى باغلاشقا ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ مەقسىتى بۇ ئىككى دۆلەت بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش پروگراممىسى دا’ئىرىسىدا ئۇيغۇرستاننىڭ چېگراسىنى كونترول قىلىش ۋە قاچاق ئۇيغۇرلارغا قارشى كۈرەشكە ئۇلارنى جەلىپ قىلىش. ئەمما يېقىندىن بۇيان پاكىستاندىكى بەزى ئۆكتىچىلەرنىڭ، شۇنداقلا بالۇچىستان ئۆلكىسىدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ خىتايغا قارشى نارازىلىقى پەيدا بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ئۆتكەن يىلى پاكىستاندىكى بەزى قۇرۇلۇشلارغا بېرىدىغان مەبلەغنى توختاتتى، بۇ ۋەقە بەزى ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ ۋە خەلقنىڭ نارازىلىقىنى پەيدا قىلدى. مۇسۇلمان دۆلەت پاكىستاندىكى ۋەزىيەت ئۇيغۇر مەسىلىسىگە نىسبەتەن سەلبىي دەرىجىدىن ئىجابىي تەرەپكە قاراپ يۈزلىنىش ئېھتىمالى بار. بۇنىڭدا پاكىستاندىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پاكىستانلىق زىيالىلار مۇھىم رول ئوينايدۇ.

بۈگۈنكى زاماننىڭ ئاساسىي قارىمۇ-قارشىلىقى دېموكراتىيەنى، مۇستەقىللىقنى ۋە مىللىي دۆلەتچىلىكنى تولۇق ساقلاپ قېلىش تەرەپدارلىرى بىلەن ھاكىممۇتلەقلىق، دىكتاتورلۇق سىستېمىدىكى دۆلەتلەر ۋە خەلقارا مالىيە ئولىگارخلىرىنىڭ مەنپە’ئەتىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئالەمشۇمۇللاشتۇرۇشلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتىن ئىبارەت. 2019-يىلى ھاكىممۇتلەقلىق، دىكتاتورلۇق سىستېمىدىكى دۆلەتلەرگە، شۇ جۈملىدىن خىتايغا ۋە ئالەمشۇمۇللاشتۇرۇش جەريانىغا قارشى تۇرۇش كۈچىيىدۇ. دۇنيا يېڭى ئۆتكۈنچى دەۋرگە كىرىشكە باشلىدى. بۇ دەۋردە كونا سىياسىي سىستېمىلار، ۋە خەلقارا مۇناسىۋەتلەر يېڭىلىنىدۇ، ئۆزگىرىدۇ. ھاكىممۇتلەقلىق، دىكتاتورلۇق سىستېمىدىكى دۆلەتلەر، شۇ جۈملىدىن كوممۇنىستىك تۈزۈمدىكى خىتاي يېڭى-يېڭى قىيىنچىلىقلارغا، توسالغۇلارغا دۇچ بولىدۇ ۋە كەلگۈسىدە ئېغىر كرىزىسلارغا پېتىپ پارچىلىنىش ئېھتىمالى يۈكسەك. ئامېرىكىنىڭ بەزى بدت ئورگانلىرىدىن چىقىشى، ئۇنى سۈپەتلىك ئىسلاھات قىلىشنى تەكلىپ قىلىشى بۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇ. مەسىلەن، ئاقش بدت ئىنسان ھوقۇقى كېڭىشىدىن، يۇنېسكودىن 2019-يىلى چىقىپ كېتىدۇ. يېڭىلىنىش دەۋرىدە ئۇيغۇرىستان (شەرقىي تۈركىستان) مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇش ئېھتىمالى يۈكسەكلىشىدۇ.

قەھرىمان غوجامبەردى

سىياسەتشۇناس

ئالمۇتا، 2019.01.19

Share
1437 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.