logo

trugen jacn

خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىكى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى

image

 ئىرادە

بۇ ھەپتە ئۇيغۇرلار ھەققىدە رويتېرس، بىرلەشمە ۋە ب ب س قاتارلىق خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى، شۇنداقلا تاشقى سىياسەت ۋە ۋاقىت ژۇرنىلى قاتارلىقلارنىڭ خەۋەر ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى.

بۇ ھەپتە بېشىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە 8 نەپەر ئۇيغۇرنى بېيجىڭدىكى 2013-ئۆكتەبىردە تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم ۋەقەسىگە چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۇرۇپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشى ۋە ئۇنى ئىجرا قىلغانلىق خەۋىرى چەتئەل ئاخباراتلىرىدا كەڭ خەۋەر قىلىندى. دائىرىلەر ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان بۇ 8 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ، بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى ئاپتوموبىل ھۇجۇمى دېلوسى ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدا ئىلگىرى-كېيىن يۈز بەرگەن 5 قېتىملىق ھۇجۇم دېلولىرى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. بىراق خەلقئارا مەتبۇئاتلار خەۋەرلىرىدە بۇنىڭغا گۇمان بىلەن قارىغان. ۋاقىت ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ ئۈن-تىنسىز تېررورلۇق ئۇرۇشى» ناملىق خەۋەردە ئاپتور يۇقىرىدىكى بۇ 8 كىشى تيەنئەنمېندىكى ۋەقەگە چېتىشلىق بولسا قانداق چېتىشلىقى بار، ئۇلار ۋەقەنى پەيدا قىلىشتا قانداق رول ئوينىغان، قانداق ھەرىكەتلەرنى قىلغان؟ دەپ سوئال قويغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كونكرېت سوئاللارغا قارىتا ھېچقانداق پاكىت كۆرسەتمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيىبنامىسىنى توغرا دەپ جەزملەشتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس، دېگەن.

ماقالىدە ئاپتور خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قانداق بىر ۋەقە يۈز بەرسە دەرھال ئۇنى دىنىي رادىكاللىق، تېررورلۇققا چېتىپ قويسىمۇ، ئىشنىڭ ئارقىسىدىكى ئەمەلىيەتنىڭ مۇرەككەپلىكىنى ئېيتقان. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ماكانى بولغان بۇ ماكانلار 1949-يىلى كوممۇنىست خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر جەھەتتە بېسىمغا ئۇچراپ كەلگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى سىياسەتلىرىدىن نارازى ئىكەنلىكىدىن مەلۇمات بەرگەن. ئۇ يەكەندە يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ ئەسلى تەپسىلاتى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل ۋەقەلىكنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ تۇرۇپ «بىز بەلكىم ئۇ يەردە زادى نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. چۈنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ناھايىتى تېزلىك بىلەن رايونغا كىرىشنى چەكلىدى ۋە بۇ ھەقتىكى ئىنتېرنېتلاردىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى تازىلىۋەتتى. خىتاينىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىش خاتىرىسىنىڭ ناچارلىقىنى ۋە بولۇپمۇ بۇ مەسىلىنىڭ ئىنتايىن سەزگۈرلۈكىنى نەزەردە تۇتقاندا، ۋەقە ئۈستىدىن ئادىل سوت ئەمەس، ئەڭ قىسقىسى بىر تەرەپسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشىنى كۈتۈشمۇ مۇمكىن ئەمەستەك كۆرۈنمەكتە» دېگەن. ئاپتور مۇلاھىزىسىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىل سوتلىنىش مەسىلىسىگە دىققەت قىلىپ «تيەنئەنمېندىكى ۋەقەنى پەيدا قىلغۇچىلارنىڭ كىملىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى خۇددى 10 ئايدىن كېيىن ئاڭلىغاندەك، بەلكىم يەكەن ۋەقەسىنى پەيدا قىلغانلارنىڭ كىملىكى ھەققىدىكى خەۋەرنىمۇ ئون ئايدىن كېيىن ئاڭلىشىمىز مۇمكىن. بېيجىڭ، كۈنمىڭ، ئۈرۈمچى ۋە يەكەندىكى ۋەقەدە ئۆلگەنلەر ھېچ بولمىغاندا ئادالەت ئالدىغا چىقىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى. بىراق بۇ يەردىكى مەسىلە، ئۇ ئادالەت زادى قانداق ئادالەت؟» دەپ سوئال قويغان.

بۇ ھەپتە ئىچىدە يەنە، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىنىڭ ئاقسۇدىن بەرگەن خەۋىرى ھەرقايسى خەلقئارا ئاخباراتلار تەرىپىدىن بېسىپ تارقىتىلدى. مۇخبىر خەۋىرىگە خىتاي ھۆكۈمىتى «ئادەتتىكى ئۇيغۇرلارنى، ئۇلارنىڭ بۇرۇتىنى، ياغلىقىنى نىشان قىلماقتا» دەپ ماۋزۇ قويغان. ئۇ خەۋىرىنىڭ بېشىدىلا مۇخبىرلارنىڭ ئاقسۇدىكى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئىمامدىن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇرۇتى يوق، دەپ سوئال سوراۋاتقاندا، بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ ئەتراپتا كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقان ساقچىلارغا جىددىيلەشكەن ھالدا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئىمامغا «نېمىشقا ھەقىقەتنى دېمەيسەن» دەپ ۋارقىرىغانلىقى ۋە «چۈنكى، ھۆكۈمەت بۇرۇت-ساقال قويۇشقا رۇخسەت قىلمايدۇ» دېگەنلىكىنى، شۇ چاغدا دەرھال بىر ئۇيغۇر ساقچىنىڭ ئۇ ياشنى «ئاغزىڭدىن چىقىۋاتقان گەپكە دىققەت قىل!» دەپ ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بايان قىلغان. مۇخبىر ئۇ ياش بىلەن ساقچى ئارىسىدا سېكۇنت ئىچىدە بولۇپ ئۆتكەن بۇ جىددىيلىكنىڭ رايون ۋەزىيىتىنى ئىنتايىن ياخشى سۈرەتلەپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. مۇخبىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈنلەي بىر كىشىنىڭ شەخسى تاللىشى ھېسابلىنىدىغان بۇرۇت-ساقال قويۇش ۋە ياغلىق چىگىشنى سىياسەتكە چېتىۋېلىپ، ئۇنى قاتتىق كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا بولغان نارازىلىقنىڭمۇ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. مۇخبىر خەۋىرىدە، ئەنگلىيەدىكى نيۇكەسېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇتەخەسسىسى جوننى سىمىس فىنلىينىڭ مۇلاھىزىسىنى نەقىل قىلغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە «سەن ئۇنى قانچە چەكلىگەنسېرى كىشىلەر دىنغا شۇنچە ئېسىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچقاچان تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى بولۇپ باقمىغان بىر يەردە ھازىر ئۆز قولى بىلەن تېررور تەھدىتى پەيدا قىلماقتا. بۇ يەردىكى ئىسلامغا قاراپ، يۈزلىنىشنى خىتاي ئۆزى پەيدا قىلدى» دېگەن. مۇخبىر ئۇيغۇر ئېلىدا ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستانلاردا ئاياللار كىيىدىغان قارا رەڭلىك جىلباپ كىيىش ئادىتىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردا يوقلۇقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ ئادەتنىڭ تېخى يېقىنقى يىللاردا شەكىللەنگەنلىكىنى، ئادەتتىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نورمال كىيىنىپ يۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ۋە يەنە يۇقىرىدىكى تەتقىقاتچىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ «ئۇيغۇرلار بۇنداق كىيىملەرنى ۋە بۇرۇت-ساقالنى كېيىنكى يىللاردىكى يۈزلىنىش جەريانىدا ئۆزلەشتۈرۈشكە باشلىدى. ئۇ ھەم بىر جەھەتتىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشىلىق كۆرسىتىشنى سىمۋول قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىجتىمائىي باراۋەرلىكنى قولغا كەلتۈرۈشكە بولغان ئارزۇسىنى سىمۋول قىلىدۇ» دەپ مۇلاھىزە قىلغان. تەتقىقاتچى يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر بىز ياخشى مۇسۇلمان بولساق، خۇدايىم بىزنى بۇ ئەھۋالدىن قۇتقۇزىدۇ» دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

مۇخبىر ماقالىسى داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويغان تۈرلۈك كەمسىتىش خاراكتېرىنى ئالغان چەكلىمىلەر، كوچا-كويلارغا ئورنىتىلغان كامېرالار، ھەر يەردە قاتراپ يۈرگەن ساقچى ۋە ساقچى ئاپتوموبىللىرى ئۈستىدە تەپسىلىي توختىلىپ، ھازىر كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسەتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

تاشقى سىياسەت ژۇرنىلى بولسا بۇ ھەپتە ئەسلى خوڭكوڭدىكى مىڭپاۋ گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەر ماقالىسىنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان. بۇ خەۋەردە، خوڭكوڭغا چىققان بىر ئۇيغۇر قاشتېشى سودىگىرىنىڭ بېشىغا كەلگەنلەر توغرىسىدا يېزىلغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا ئۇچراۋاتقان كەمسىتىشلەرنى ياخشى سۈرەتلەپ بەرگەن. خەۋەرنى يازغان مۇخبىر ئۇيغۇر قاشتېشى سودىگىرىنىڭ ھاياتىدا چوڭ قۇرۇقلۇقتىن تۇنجى قېتىم ئايرىلىشى ئىكەنلىكىنى، چۈنكى ئۇيغۇلارنىڭ پاسپورت ئېلىشىنىڭ ئىنتايىن تەسلىكىنى بايان قىلغان. بۇ ئۇيغۇر مۇخبىرغا يەنە ئادەتتە ئۆزىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ياتاق ئالالمايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئامال يوق خىتاي تونۇشلىرى ئارقىلىق ياتاق ئېلىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدا ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرۇۋەتكەن پۇقراچە كىيىنىۋالغان ساقچى-پايلاقچىلارنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكىنى، ھازىر ھېچكىمگە ئىشەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى، پۇقراچە كىيىنىۋالىدىغان ساقچىلارنىڭ ھەر خىل قىياپەتلەرگە كىرىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىدىغانلىقىنى مىسال بىلەن سۆزلەپ بەرگەن. مۇخبىر بۇ ئۇيغۇرنىڭ خوڭكوڭدىكى قىسقىغىنە ساياھىتى جەريانىدىمۇ چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كۆپ ئەركىن نەپەس ئېلىش شارائىتىغا ئېرىشكەنلىكىنى، ھېچ بولمىغاندا نامىزىنى ئەركىن ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى، بىراق ئۇيغۇر ئېلىدا بولسا دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/saqal-burut-08292014192652.html

Share
2425 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.