logo

trugen jacn

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: خىتاي دۇنيادا ئۆلۈم جازاسى ئەڭ كۆپ دۆلەت

indir

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ 2014‏-يىلدىكى مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. بىراق دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئۆلۈم جازاسىنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى، دەپ يوشۇرغاچقا، ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلى قانچە ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى ئېنىقلاشقا مۇمكىن بولمىغان.

مەركىزى ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانى-دىئالوگ فوندى جەمئىيىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، 2014‏-يىلى خىتايدا تەخمىنەن 2400 دەك ئادەم ئۆلۈمگە بۇيرۇلۇپ ئىجرا قىلىنغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئەگەر بۇ سان توغرا بولسا، 2014‏-يىلى خىتايدا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان ئادەم سانى، شۇ يىلى دۇنيادا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان ئادەملەرنىڭ توپلام سانىدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر ئورگاننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي بىلەن شىمالىي كورېيەنى قوشمىغاندا 2014‏-يىلى دۇنيادىكى 55 دۆلەتتە 2466 ئادەم ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان. ئۇنىڭ ئىچىدىكى 607 كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى خىتايدا ئۆلۈم جازاسى ئازايغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەنىلا دۇنيادىكى ئۆلۈم جازاسى ئەڭ كۆپ دۆلەتكەن.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا «تېررورلۇق»قا قارشى تۇرۇش نامىدىكى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەچكە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن مەھبۇسلار قوشۇنىدىكى سالمىقى ئارتقان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/olum-jazasi-04012015175711.html

Share
1562 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.