logo

trugen jacn

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرىزنامىنى قوبۇل قىلدى

 

تارىم

2020-07-07

غولام ئوسمان ئەپەندى پىرىزدىنتلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ۋە سالىھ خۇدايار باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئويغىنىش ھەرىكىتى گوللاندىيەد دەنھاخ شەھرىدىكى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىقا خىتاي ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرىزنامە قوبۇل قىلىندى. مەزكۇر خەۋەر ۋال كوچىسى، نىيويورك ۋاقتى قاتارلىق داڭلىق گىزىتلەردە ئىلان قىلىندى!

مەزكۇر ئەرىزنامىنى ئەنگىلىيەلىك ئادۋۇكات روندىي دىكسون تەييارلىغان بولۇپ، ئەرىزنامىدە خىتاينىڭ ئىنسانىيەت قارشىلىق ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىنغان. 80 بەتلىك بۇ ئەرىزنامىدە 30 غا يىقىن خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىسىم تىزىملىكىمۇ بار. ئەرىزنامىدە قىرغىنچىلىق، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، تۇغۇت چەكلەش، ئانا-بالىنى ئايرىۋىتىش، ئۇيغۇر تىلىنى مەكتەپلەردە چەكلەش، سەۋەبسىز قولغا ئىلىش ۋە قىيىن-قىستاققا ئىلىش، ئۇيغۇرلارنى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئىلىش، ئىسلامغا دۈشمەنلىق قىلىش، ئىچكى ئەزا سودىسى قاتارلىق جىنايەتلىرى سۆزلەنگەن.

خىتاي گەرچە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئىمزا قويغان دۆلەتلەر قاتارىدىن بولمىسىمۇ، بىراق خىتايغا ئۇيغۇرلارنى قايتۇرىۋەتكەن كامبودژا ۋە تاجىكىستان ئىمزا قويغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق خىتاينىمۇ ئەرىزگە چاتقان. مەزكۇر ئەرىزنامە يەنە بىرمانىڭ مۇسۇلمانلار مەسىلىسىنى ئۈلگە قىلغان بولۇپ، بىرما گەرچە ئىمزا قويغان دۆلەتلەر قاتارىدىن بولمىسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ قىرغىنچىلىقىدىن قىچىپ، بىنگالغا قىچىپ بارغان. بىنگال بۇ كىلىشىمگە ئەزا دۆلەتلەردىن بولغاچ، ئ‍ۆتكەن يىلى بىرما باش مىنىستىرى سوتقا تارتىلغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى نامىدىن مەزكۇر ئەرىزنامىنىڭ ئۇتۇق قازىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى سوتقا ئېلىپ چىقىشى ۋە جىنايىتىنىڭ بىكىتىلىشىگە تىلەكداشمىز!  بۇ ئەرىزگە كۈچ چىقارغان ھەممەيلەنگە سەمىمىي تەشەككۈر بىلدۈرىمىز!

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىدىن ئېلىندى.

مەنبە:

https://www.wsj.com/articles/representatives-of-chinas-uighurs-file-evidence-to-international-criminal-court-11594078290

Share
1395 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.