logo

trugen jacn

خۇ جيا: ئىلھام توختىنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلىكىدىن سۆيۈندۈم

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خۇ جيا ئەپەندى ئۆز پىلانىدا، «ياۋروپا كۈنى» پائالىيىتىدىكى ئۇچرىشىشتا ئىلھام توختى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى

ۋاشىنگتون ۋاقتى 10-ماي كۈنى ئەتىگەن بېيجىڭدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيا ئۆزىنىڭ يەنە نەزەربەندكە ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن ياۋروپا پارلامېنتى ئىشخانىسىنىڭ بېيجىڭدا ئۇيۇشتۇرغان «ياۋروپا كۈنى» پائالىيىتىگە قاتنىشالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خۇ جيا ئەپەندى بۇنىڭدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆز پىلانىدا بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئىلھام توختى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى

خۇ جيا مۇنداق دېدى: «مەن تۈنۈگۈن ‹ياۋروپا كۈنى› پائالىيىتىگە تەكلىپ قىلىنغان ئىدىم، بۇ خىل پائالىيەتلەر ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىن كەلگەن سىياسىي ئەربابلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدىغان پۇرسەت ئىدى. ئەمما ئۆيدە نەزەربەندتە بولغىنىم ئۈچۈن بارالمىدىم. ئۇلار مېنى ئۆيگە نەزەربەند قىلىش ئارقىلىق بۇنداق ئۇچرىشىشلاردىن توسۇپ كەلمەكتە. ئەگەر ئۇچرىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولسا، مەن بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا بۇ جايدا بارغانچە يامانلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ مۇھىمى، ناھەق تۈرمىگە تاشلانغان ئىلھام توختى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى ئىدىم.»
بىز خۇ جيا ئەپەندىدىن ئەگەر ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشەلىگەن بولسا، تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ھەققىدە نېمىلەرنى دېمەكچى ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن ئۇلار بىلەن ھەر قېتىم كۆرۈشكىنىمدە ئىلھام توختى مەسىلىسىنى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتىمەن. ئەلۋەتتە، ئۇلار بىلەن بولغان سۆھبەتلەر ئادەتتە يېپىق شەكىلدە بولىدۇ. بۇ قېتىم ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولغان بولسا، مەن ئىلھام توختىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسەتكەن غەربتىكى دۆلەت ئەربابلىرى ۋە پروفېسسورلارغا رەھمەت ئېيتاتتىم. ئۇلارنىڭ ئىلھام توختىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسەتكەنلىكىدىن سۆيۈنگەنلىكىمنى بىلدۈرەتتىم. ئەمما تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇلاردىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىكى شارائىتىنى ياخشىلاش، ھەتتا ئۇنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەلەپ قويۇشى ۋە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلاتتىم

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇلى ئەنۋەرجان ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلىشىدە خۇ جياغا ئوخشاش بىر قىسىم خىتاي پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز قوللاش خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى

خۇ جيا ئەپەندى بايانىدا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىدەك بىر مۆتىدىل ئۇيغۇر زىيالىيسىنى ئادالەتسىزلىك بىلەن تۈرمىگە قامىشى ۋە تەشۋىقاتىدا ئۇيغۇرلارغا «تېررورلۇق قالپىقى» كىيگۈزۈشى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈشىنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى ئاگاھلاندۇردى

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن شۇنداق دېمەكچى: خىتاي ھاكىمىيىتى ئىلھام توختىنى تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىگە تاشلىغىنىدا ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى ئۈچۈن بىر پرېزىدېنت ياراتقانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟! ئەلۋەتتە، مەن بۇ گەپلەرنى مۇشۇنداق ئۇدۇللا ئۇلارغا دەيمەن ۋە ئىلگىرىمۇ بۇنداق گەپلەرنى قىلغان ئىدىم. مەن ئۇلارغا سىلەر مۇشۇنداق مۆتىدىل بىر زىيالىينى، يەنى خىتايدەك بۇنداق بىر چوڭ ئائىلىدە مىللەتلەر باراۋەرلىكىنى تەلەپ قىلغان، ئۆز خەلقىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىززەت-ھۆرمىتىنى تەلەپ قىلغان بىر زىيالىينى تۇتقۇن قىلساڭ، ئۇ ھالدا سەن ئۆزۈڭ تەكىتلەۋاتقان ‹بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسى› گە ئاساس سالغۇچى بۇ يولىنى ئېچىپ بەرگەن بولمامسەن، دەيمەن. مەن يەنە ئۇلارغا سىلەر تەكىتلەۋاتقان ‹ئۈچ خىل كۈچ› كە زەربە بېرىش تەشۋىقاتى ئەمەلىيەتتە مىللىي ئۆچمەنلىكنى ئۇلغايتىش ئەمەسمۇ، قانلىق توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىل ئەمەسمۇ، دەيمەن. ئىلھام توختى ئەسلى سىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭلاردىكى بىر كۆۋرۈك ئىدى. ئەمما سىلەر ئۇنى قەپەسكە سولىدىڭلار. بۇ كۆۋرۈكنى بۇزدۇڭلار. مەن ئۇلارغا ئەگەر سىلەر بۇ خىل باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرساڭلار، شىنجاڭ مۇقەررەر ھالدا بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتىدۇ، دېگەن گەپلەرنى قىلماقچى»

خۇ جىيا ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپلىمە ھالدا ئۇيغۇرلارنى «تېررورلۇق» تەشۋىقاتى ئارقىلىق قارىلاپ، ئۇلارنى باستۇرۇش قىلمىشىغا قارىتا خىتاي زىيالىيلىرىنىڭمۇ ئوتتۇرىغا چىقىپ سۆزلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «كومپارتىيە تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنى رادىكال قارشىلىق يولىغا ماڭدى دېگەن تەشۋىقاتنى كۈچەيتمەكتە. كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسى ۋەقەسىگە ئوخشاش ۋەقەلەرنى چوڭايتىپ تەشۋىق قىلماقتا. ئادۋوكات پۇ جىچياڭ بۇ خىل تەشۋىقاتنى تەنقىدلىگىنى ئۈچۈنلا ‹مىللىي قۇتراتقۇلۇق›جىنايىتى ئارتىلىپ تۈرمىگە تاشلاندى. كومپارتىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى رادىكال قىلىپ كۆرسىتىدىغان بۇ خىل تەشۋىقاتلىرى سەۋەبلىك ھازىر بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرىدا ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇش ۋەزىيىتىگە قارىتا سۈكۈت قىلىش، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە يانتاياق بولۇشتەك ۋەزىيەت شەكىللەنمەكتە. كومپارتىيەنىڭ تەشۋىقاتى ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتىدۇ. شۇڭا مەن ھازىرقى شارائىتتا زىيالىيلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى زۆرۈر دەپ قارايمەن. بۇ سەۋەبتىن مەن ئىلھام توختى مەسىلىسىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويدۇم، ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسەتنى ئۈزلۈكسىز تەنقىدلەپ كېلىۋاتىمەن.»

ئەنۋەرجان ئەپەندى خۇ جيا ئەپەندىنىڭ ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قوللىغۇچىسى بولۇش بىلەن بىرلىكتە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ خۇ جيا ئەپەندىگە ئوخشاش ھەقىقەتنى ياقلايدىغان تېخىمۇ كۆپ خىتاي زىيالىيلىرىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇش ۋەزىيىتىنى پۈتكۈل خىتاي خەلقىگە ئاڭلىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/Ilham-Toxti-Nobel-Kandidati-05112018193952.html

Share
5493 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.