logo

trugen jacn
21 فېۋرال 2014

خۇ جيا، ۋوئېسېر قاتارلىقلار، تورداشلارنى جەۋھەرنىڭ دادىسى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشقا چاقىردى

5 – يانۋار كۈنى ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن خۇ جيا، ۋوئېسېر، ۋاڭ لىشيۇڭ قاتارلىقلار ئىلھام ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە.

ئۇلار17 – يانۋار كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنى ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلىپ، ئىلھام توختى ئەپەندىنى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنى باشلىغان ئىدى. خۇ جيا ۋە ۋوئېسېر قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى 19 – ،20 – فېۋرال كۈنلىرى يەنە تۋىتېردا چاقىرىق قىلىپ،ئىلھام ئەپەندىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان دوستلارنى ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەرنىڭ دادىسى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە تۋىتېرغا يوللىغان چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشقا چاقىردى.

بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيا ۋە تىبەت ئۆكتىچى يازغۇچىسى ۋوئېسېر قاتارلىقلار بۈگۈن تۋىتېر تورىدا چاقىرىق ئېلان قىلىپ، تېخىمۇ جىق تورداشلارنى خىتاي دائىرىلىرى تۇتقۇن قىلغان ئۇيغۇر ئۆكتىچىسى ئىلھام توختى ئەپەندىنى قويۇپ بېرىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشقا دەۋەت قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى تەنقىدلىگەنلىكى ئۈچۈن بىر قانچە قېتىم خىتاي تۈرمىسىدە ياتقان، ئۈزلۈكسىز ھالدا تەقىپ ئاستىغا ئېلىنىپ كېلىۋاتقان ئاتاغلىق خىتاي ئۆكتىچىسى خۇ جيا 20 – فېۋرال تۋىتېردا تورداشلارنى 15 – يانۋار كۈنى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

خۇ جيا تۋىتېر تورىدا،«ھازىر بېيجىڭدا 20 – فېۋرال كېچە، نەچچە سائەتتىن كېيىنلا 2014 – يىل 21 – فېۋرال جۈمە كۈنى كىرىدۇ.جۈمە كۈنى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغىنىغا 37 كۈن تولىدۇ. ئەمما بېيجىڭ ۋە شىنجاڭدىكى ئاتالمىش دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرى ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە تېخىچە ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەتنى تاپشۇرمىدى. ئەتە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇش باشلىنىدۇ، ئەمما بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكىلەر مەكتەپ قوراسىدا ئىلھام ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلىرىنى كۆرەلمەيدۇ…تورداشلار ئىلھام ئەپەندىنى سۈرۈشتە قىلايلى!» دەپ چاقىرىق قىلغان.

خۇ جيا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەپ «ھەق – ناھەق ئاستىن ئۈستۈن قىلىنغان بۇ خىل تۈزۈم كىشىلەرگە ئازاپ – ئوقۇبەت ئېلىپ كەلمەكتە. ئاز سانلىقلار كۆپ سانلىقلارنى باستۇرىدىغان، ئېزىدىغان، ھاقارەت قىلىدىغان، قانۇنسىزلىق قىلىدىغان بۇنداق تۈزۈمدە ئۇلار ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭكىنى توغرا دەپ بىلىدۇ، مەيلى كۆپچىلىك ئۇلارنىڭ دېگىنىنى قوبۇل قىلسۇن، قىلمىسۇن، ئۇلار مەجبۇرلاش، قورقىتىش يوللىرى ئارقىلىق كىشىلەرنى بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. مانا بۇ، ھەقىقەت ۋە ئادالەتتىن مەھرۇم قىلىنغان جەمئىيەت» دېگەن جۈملىلەرنى يازغان.

خۇ جيا يەنە، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا دادىسى ئىلھام توختى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلغان جاسارىتى ئۈچۈن جەۋھەرگە مەدەت بېرىپ،«جەۋھەر، سىز دادىڭىز ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۇيغۇر ئانا تىلىڭىز، خىتاي تىلى ۋە ئېنگىلىز تىللىرىدا ئۆز مىللىتىڭىز ئۈچۈن ھەقنى سۆزلەيدىغان قەھرىمانغا ئايلانغىنىڭىزدا، دادىڭىز ئىلھام توختى سىزدىن پەخىرلىنىدۇ!» دەپ يازغان.

ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ قىزى جەۋھەر دادىسى ئىلھام ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارغا چاقىرىق قىلىش، ئامېرىكا ئاۋازى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى قاتارلىقلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش، تۋىتىر قاتارلىق ئاممىۋى تورلاردا ئىلھام ئەپەندىنىڭ پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش يوللىرى ئارقىلىق خىتاي دائىرىلىرىدىن ئىلھام توختى ئەپەندىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.

تىبەت ئۆكتىچى يازغۇچىسى ۋوئېسېر ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەرنىڭ دادىسى ئىلھام توختى ھەققىدىكى سۆزلىرىنى نەقىل ئېلىپ تىۋىتېرغا يوللاپ، تورداشلارنى ئىلھام توختى ئەپەندىنى قويۇپ بېرىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشقا دەۋەت قىلغان.

ۋوئېسېر : «ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ 19 ياشلىق قىزى جەۋھەر ئوقۇۋاتقان ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە. 16 – فېۋرال ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەخسۇس لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى. جەۋھەر دوكلات بېرىپ دادىسى ئىلھام توختى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلدى. تورداشلار، تېخىمۇ جىق كىشىلەرنى ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش تەلەپنامىسىگە ئىمزا قويۇشقا چاقىرايلى. چۈنكى ئىلھام توختى ئەپەندىگە ئوخشاش ھەق – ئادالەت ئۈچۈن سۆزلىگۈچىلەرنى قەدىرلەش، دائىرىلەردىن ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھەر بىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولماس بۇرچى» دېگەن.

15 – يانۋار كۈنى ئىلھام توختى ئەپەندى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، تىبەت ئۆكتىچى يازغۇچىسى ۋوئېسېر، خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ لىشيۇڭ، خۇ جيا قاتارلىقلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن،17 يانۋار ئىلھام توختى ئەپەندىنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە ئىمزا توپلاش پائالىيىتى باشلانغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە 20 – فېۋرال كۈنى بۇ چاقىرىققا ئىمزا قويغۇچىلار 2000 دىن ئاشقان.
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-02202014210546.html

Share
1851 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.