logo

trugen jacn

خۇ جىيا: ئىلھام توختى ئىككىنچى ليۇ شاۋبو بولۇپ قالمىسۇن

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي پايتەختى بېيجىڭدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيا ئەپەندى، ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتى بارغانچە يامانلىشىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە، ئۈرۈمچى 1-تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتايدىكى دىپلوماتلىرى بىلەن ھەر قېتىم كۆرۈشكىنىدە ئىلھام توختى مەسىلىسىنى تەكىتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«مەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئەڭ كۆپ تىلغا ئالىدىغان ئىككى كىشىنىڭ بىرى ئىلھام توختى بولسا، يەنە بىرى خىتاي ئادۋوكات گاۋ جىشىڭ. مەن بۇ ئىككىيلەننىڭ مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىش تولىمۇ مۇھىم دەپ قارايمەن. چۈنكى، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، دائىرىلەر ليۇ شاۋبوغا زىيانكەشلىك قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن بۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشى مۇمكىن دېگەن ئەندىشە مەندە كۈچلۈك. چۈنكى كوممۇنىست ھۆكۈمەت نەزىرىدە گاۋ جىشىڭ تەھدىت ئېلىپ كېلىش مۇمكىنچىلىكى ئەڭ يۇقىرى كىشىلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. يەنە بىرى بولسا مېنىڭ نەزىرىمدە كەلگۈسىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى دەپ قارىلىدىغان ئىلھام توختى. ئېغىر جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرمىتى، ئېتىراپ قىلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. خىتاي دېموكراتىيەلەشكەن ئەھۋالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ دەپ قارايمەن. ئىلھام توختى ئۇيغۇر مىللىتى ئىچىدە خەلقئارادا تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك شەخسلەرنىڭ بىرى، ئۇ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرىدە ئەڭ كۆپ مۇكاپاتقا ۋە ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن باھاغا ئېرىشكەن بىر بىلىم ئىگىسى. ئۇ ئىلگىرى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىن بىر ئاۋازى بولغان ئىدى. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۈمىدلىرىنىڭ ئۇرۇقى بولغان ئىلھام توختىنى ھايات ساقلاپ قېلىش ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسئۇلىيەتنىڭ بىرى».

خۇ جىيا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق يەنە دېدى: «شۇڭا مەن بىر خىتاي پۇقراسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مېنىڭ قىلالايدىغان ئەڭ چوڭ ئىشىم، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىلھام توختىنىڭ يەنە بىر ليۇ شاۋبوغا ئايلىنىپ قالماسلىقى، ئۇنىڭ تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قولۇمدىن كېلىشىچە چاقىرىق قىلىۋاتىمەن. مەن نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشكىنىمدەك ئەڭ جىق ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان مەسىلە ئىلھام توختى مەسىلىسى، ئامېرىكا باش ئەلچىسىگىمۇ بۇ ھەقتە كۆپ سۆزلىگەن ئىدىم».

خۇ جىيا ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تۈرمىلىرىدىكى ئۆكتىچىلەر ھەققىدە تاشقى دۇنياغا بەرگەن بايانات-مەلۇماتلىرىنىڭ ئىشەنچسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار باياناتچىسىنىڭ تۈرمىدىكى سىياسىي مەھبۇسلار ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىنى ئىشەنچلىك دېگىلى بولمايدۇ. مەسىلەن خىتاي باياناتچىسى غەرب دىپلوماتلىرىغا، تۈرمىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ساۋ شۈنلى خانىم ئۆلۈپ كېتىشتىن 20 كۈن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، ساۋ شۈنلىنىڭ تۈرمىدىكى شارائىتى ۋە سالامەتلىكى ياخشى، دېگەن ئىدى. ئەمما بايانات بېرىلىپلا ساۋ شۈنلى خانىمنىڭ ئېغىر كېسەل سەۋەبىدىن جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە ئۆلگەنلىك خەۋىرى دۇنياغا تارقالدى. ئۇلار ليۇ شاۋبونىڭ جىگەر راكىغا گىرىپتار بولغانلىق خەۋىرىنىمۇ ئەڭ ئاخىرقى مەزگىلدە ئاشكارىلىدى. مانا بۇنىڭدىن سىز بۇ مىساللاردىن ئۇلاردىن ئالغان خەۋەرنىڭ يالغان بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرىلىقىنى پەرەز قىلالايسىز».

خۇ جىيا ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئەڭ قاتتىق ھالەتتە قامال قىلىشىدىن قەتئىي نەزەر ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالىنى داۋاملىق سۈرۈشتە قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەمما مۇشۇنداق بولغان ئەھۋالدىمۇ غەرب دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالىنى داۋاملىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك، چۈنكى بىزنىڭ قارىشىمىزچە، خىتاينىڭ سىياسىي نۇقتىئىنەزىرىدىن ئالغاندا ئىلھام توختىغا كېلىدىغان خەۋپ -خەتەر ئەڭ ئېغىر دېيىش مۇمكىن. خىتاي ھۆكۈمىتى ليۇ شاۋبونى جىگەر راكى بىلەن ئۆلدى دېگىنىدەك ئۇنى يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلدى دەپ ئېلان قىلىشىمۇ مۇمكىن. ئەنە شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئىلھام توختى مەسىلىسى داۋاملىق ئاڭلىتىلىشى، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئۇنى جەمئىيەتنىڭ ئىلھام توختىنى داۋاملىق سۈرۈشتە قىلىشى ھازىرقى شارائىتتا تېخىمۇ مۇھىم».

ئامېرىكىدىكى «خىتايدا ئۆزگىرىش تەشكىلاتى» نىڭ ساھىبى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ساۋ ياشۆ خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز ئەندىشىسىنى بىلدۈردى.

ساۋ ياشۆ خانىم بايانىدا، بۇلتۇر ليۇ شاۋبونىڭ ئۆلۈم خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقىلى 3 يىلدىن ئاشقان ئىلھام توختى ھەققىدە دائىرىلەرنىڭ ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمەسلىكى جىددىي ئەندىشە قوزغايدىغان ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ساۋ ياشۆ خانىم بايانىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام توختى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى داۋاملىق قامال قىلىپ، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى دۇنيادىن يوشۇرۇۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە ئىلھام توختىنىڭ خەلقئارادا داۋاملىق تىلغا ئېلىنىشى ئۈچۈن، ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئىدىيەسىنى ھەم ئۇنىڭ يازمىلىرى ئارقىلىق ئۇنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئىلھام توختىنى «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا كۆرسىتىشنىڭ ئۇنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئەھۋالىنى ياخشىلاشتا زور ئۈنۈمى بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىزمەتلەرنى داۋاملىق ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيەدىكى ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خۇ جىيا ئەپەندىنىڭ ئىلھام توختىنى قوغداپ قېلىشتا ۋە ئۇنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىنى ياخشىلاشتا خەلقئارانىڭ بېسىمىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدىكى پىكىرىنى قوللايدىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىلھام توختى مەسىلىسى ھەققىدە گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپا بىرلىكى قاتارلىق ھۆكۈمەت ۋە ئورگانلارغا داۋاملىق تەلەپنامە سۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بايانىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تۈرمىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن نوبېل مۇكاپات ساھىبى ليۇ شاۋبونىڭ ئايالى ليۇ شا ئۆتكەن ھەپتە گېرمانىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا قىلغان بېسىمى بىلەن ئەركىنلىككە ئېرىشىپ گېرمانىيەگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەزكۇر گۇرۇپپا گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئەنگىلا مېركىل خانىمغا، ئۇنىڭدىن ئىلھام توختى مەسىلىسىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلىپ مەخسۇس مەكتۇپ يوللىغان.

Share
21569 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.