logo

trugen jacn

خىتاي ۋە رۇسىيە مەركىزىي ئاسىيادا ئىتتىپاقداشلارمۇ ياكى رىقابەتچىلەرمۇ؟

3894bcdc-0d9a-4e74-8591-a92695c8c94f

ئويغان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېقىندىن بۇيان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالىلەردە خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي تەسىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي بۇ رايوندىكى تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە كېيىنكى ۋاقىتلاردا، بولۇپمۇ ئافغانىستان ۋە تاجىكىستان بىلەن بولغان ئالاقىلىرىگە كۆپرەك دىققەت بۆلگەن.

15-مارتتا رۇسىيەنىڭ «نېزاۋىسىمايا گازېتا» گېزىتىدە ئورۇن ئالغان «خىتاي مەركىزىي ئاسىيادا ھەربىي ئىتتىپاق قۇرۇشقا كىرىشمەكتە» ناملىق ماقالىدە خىتاينىڭ كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ نەتىجىلىكىگە ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كېلەچىكىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقى ھەققىدە ئېيتىلغان. ماقالە ئاپتورى مەركىزىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق بويىچە مۇتەخەسسىس ئالېكساندىر كنيازېف، بېيجىڭدا تاجىكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى رامازون رەھىمزادە بىلەن خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى گو شىنكۇننىڭ ئۇچراشقانلىقىنى ۋە ئىككى كۈندىن كېيىنلا تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىدە خىتاي، تاجىكىستان ۋە پاكىستاننىڭ باش شتاب رەھبەرلىرىنىڭ كۆرۈشكەنلىكىنى، بۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىنلا خىتاي ۋەكىلىنىڭ كابۇلغا يۈرۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ۋە تاجىكىستان دۈشەنبىدە تېررورلۇققا قارشى بىرلەشكەن مەركەز قۇرماقچى ھەم بۇ جەھەتتە خىتاي ئافغانىستان بىخەتەرلىك كۈچلىرىگە چوڭ ھەربىي ياردەم كۆرسەتمەكچى ئىكەن. كېلىشىم شەرتلىرى بويىچە، سىياسىي ھەمكارلىقتىن تاشقىرى، خىتاي تاجىكىستان، ئافغانىستان ۋە پاكىستان بىلەن كېلەچەكتە قوراللىق كۈچلەرنى بىرلىكتە ئىشلىتىشنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۆزلىمەكتە. ئا. كنيازېفنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ مەملىكەتلەردىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىنى قوغداش مەقسىتىدە ھەربىي كۈچلىرىدىن پايدىلىنىش كېلىشىمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا. ئۇ، مەسىلەن، پاكىستاننىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن بولغان چېگراسىدىكى ئىككى تەرەپلىمىلىك ئىقتىسادىي بوشلۇقىنى قوغداش مەقسىتىدە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ باشلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

16-مارتتا «سېنتىر ئازىيا» تور بېتىدا ئېلان قىلىنغان تاتيانا بايكوۋانىڭ «خىتاي مەركىزىي ئاسىيادا رۇسىيەنى قىستىماقتا» دېگەن ماقالىسىدە، خىتاينىڭ ھىمايىسى ئاستىدا قۇرۇلۇۋاتقان مەزكۇر ئىتتىپاق ھەققىدە موسكۋادا ئۆتكەن رۇسىيە پرېزىدېنتىنىڭ ئافغانىستان بويىچە مەخسۇس ۋەكىلى زامىر كابۇلوف ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئافغانىستان بويىچە مەخسۇس ۋەكىلى دېن سىزيۇن ئارىسىدا بولغان ئۇچرىشىشتا مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى ئېيتىلغان. رۇسىيە ۋەكىلى بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «گەپ پەقەت چېگرىنى كونترول قىلىش، تېررورچىلارنىڭ كىرىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە بولماقتا. بۇ، خىتاينىڭ قوراللىق كۈچلەرنى ئىشلىتىش نىيىتىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بىزگە قوشۇلۇشنىڭ ھاجىتى يوق. بىزنىڭ كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى دائىرىسىدە ئۆز پىلانلىرىمىز بار. بولۇپمۇ بىز خىتاي بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دائىرىسىدە بۇ مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىۋاتىمىز.»

ماقالە ئاپتورى مۇنداق دەپ يازىدۇ: «موسكۋا خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەتتىن تەشۋىشلىنىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىدۇ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى بۆلگۈنچى قوشۇنلار ھەرىكەت قىلىۋاتقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇقىملىقى بېئارام قىلماقتا. ھەمكارلىشىش ئۈچۈن ئەنە شۇنداق مەملىكەتلەرنى قوبۇل قىلىشنىڭ سەۋەبى مۇشۇنىڭ بىلەن چۈشەندۈرۈلىدۇ.» ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرقى ئافغانىستان بويىچە مۇتەخەسسىس ئاندرېي سېرېنكو بولۇپمۇ تاجىكىستان بىلەن ھەمكارلىشىش مەسىلىسىدە رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ توقۇنۇشقا باشلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېگەن: «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا، يېقىن شەرق بىلەن بەند بولۇشى شۇنىڭغا ئېلىپ كەلدىكى، بىز مەركىزىي ئاسىيادىكى مەۋقەلىرىمىزنى يوقىتىۋاتىمىز. خىتاي كۈنلۈكى ئاستىدا مۇنداق ‹مەركىزىي ئاسىيا ناتوسى› نى قۇرۇش جەريانىدا رۇسىيە چەتتە قېلىشى مۇمكىن.»

خىتاي ۋە رۇسىيە مەركىزىي ئاسىيادا ئىتتىپاقداشلارمۇ ياكى رىقابەتچىلەرمۇ؟

قازاقىستان پرىزېدېنت يېنىدىكى قازاقىستان ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسسىلىرىدىن كونستانتىن سىرويېژكىن بۇ ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدا ئېنىق رىقابەتچىلىك بولمىسىمۇ، بۇنىڭ يوشۇرۇن تۈردە بايقىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، بۇ تۆرت مەملىكەت تەرىپىدىن ھەربىي ئىتتىپاقنىڭ قۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ھازىرچە مۇنداق ۋەزىپە قويۇلمايۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، خىتاينىڭ ھەربىي نەزەرىيىسى، ھەممىسى ئۆزگىرىۋاتىدۇ.» ك. سىرويېژكىننىڭ پىكرىچە، رۇسىيە ۋە خىتاي ھازىر كۆپىنچە سىياسىي ساھەدە ھەمكارلىشىۋاتقان بولۇپ، ئىقتىسادىي ساھەدە بولسا، بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. ئۇ شۇنداقلا خىتاينىڭ رۇسىيەنى بارلىق ساھەلەردە قوللاۋاتقانلىقىنى، ئىقتىسادىي ئېمبارگولار سەۋەبىدىن ھازىر رۇسىيەنىڭ ئېغىر كرىزىسنى باشتىن كۈچۈرۈۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بولسا بولۇپمۇ مەبلەغ جەھەتتىن «ئويۇن قائىدىلىرى» نى ھېسابقا ئېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ «ئويۇن قائىدىلىرى» نى خىتاي ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىنىڭ مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سىياسەتشۇناس ۋە جەمئىيەت ئەربابى راسۇل جۇمالى رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيادا بىرىنچى نۆۋەتتە رىقابەتچىلەر ئىكەنلىكىنى، ئىتتىپاقنىڭ كۆپىنچە رىقابەتلىشىشتىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى، ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى چېرچىلنىڭ سۆزلىرى بىلەن ئېيتقاندا، سىياسەتتە مەڭگۈلۈك ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئەمەس، بەلكى مەڭگۈلۈك مەنپەئەتلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ھەم دۇنيا مىقياسىدا، ھەم ئىككى تەرەپلىمىلىك دائىرىدە رۇسىيە ۋە خىتاي باشتىنلا رىقابەتچى مەملىكەتلەردۇر. كېيىنكى 20 يىل ئىچىدە بۇ دۆلەتلەر ئارا كۆپىنچە ئىشەنچ، ھەمكارلىق بەلگىلىرى بايقالماقتا. ھەر ئىككىسى مۇنداق مۇناسىۋەتكە موھتاج. شۇنداق بولسىمۇ ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدا مۇنداق ھەمكارلىقتىن كۆپرەك پايدا ئېلىش غەرىزى بولۇپ، خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى تەسىر دائىرىسىنىڭ كۈچىيىشى موسكۋانى دائىم تەشۋىشلەندۈرۈپ كەلگەن.»

راسۇل جۇمالى رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىگە نىسبەتەن تۇتقان ئىلگىرىكى باسقۇنچىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن خىتاينىڭ ئەنسىرىۋاتقانلىقىنى، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بىر-بىرىگە گۇمان، قىزغىنىش بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ شۇنداقلا خىتاي، تاجىكىستان، پاكىستان ۋە ئافغانىستان ئارىسىدا بىرەر ھەربىي ئىتتىپاقنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئوخشاش تەشكىلاتلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا دائىم مۇنداق كۆپ تەرەپلىمىلىك تەشكىلاتلاردىن يىراقلىشىشقا تىرىشىپ كەلگەن. خىتاي ئۆزىنىڭ تاشقى سىياسىتى بىلەن كۆپىنچە ئىككى تەرەپلىمىلىك دائىرىدىكى ھەمكارلىشىشلارنى ئەۋزەل كۆرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ھەر بىر ئايرىم دۆلەتنى ئۆزىدىن كىچىك كۆرۈپ، ئۇلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقتىن ئۆزىگە مۇناسىپ پايدا ئىزدىگەن. مەسىلەن، چېگرا مەسىلىسىدە ئۇ مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمكارلىقى ئەزالىرىغا بېسىم كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ھەر قايسى بىلەن ئايرىم ئولتۇرۇپ، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان.» ر. جۇمالى يېقىنقى 7-10 يىل ئىچىدە خىتاينىڭ قانداقتۇر بىر ھەربىي-سىياسىي ئىتتىپاقلارنى قۇرۇش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى، ھازىرقى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئۈچۈن ھەم ئىقتىسادىي، ھەم سىياسىي مەنپەئەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/rusiye-xitay-03172016155556.html

Share
1570 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.