logo

trugen jacn

خىتاي ھەيئىتىنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرى داۋام قىلماقتا

7123668299rkin

مىڭ جىيەنجۇ باشچىلىقىدىكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەيئىتىنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرى داۋاملاشماقتا.

  تۈنۈگۈن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكان ئالا بىلەن كۆرۈشكەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي ئىشلار بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى مىڭ جىيەنجۇ، بۈگۈن مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئەلى باباجان بىلەن كۆرۈشتى.مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئەلى باباجان خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى مىڭ جىيەنجۇ بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى رەھبەرنىڭ ئايرىم ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلدى. يېپىق ھالەتتە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىشى ۋە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان يېڭى قۇرۇلۇش لايىھەلىرىدە قىلىنغۇسى شېرىكچىلىك مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.مىڭ جىيەنجۇ باشچىلىقىدىكى خىتاي ھەيئىتىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكان ئالا بىلەن ئۆتكۈزگەن تۈنۈگۈنكى ئۇچرىشىشغا خىتاي دۆلەت جامائەت خەۋپسىزلىك نارازىتىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇ لىيۇجۈن قاتارلىقلارمۇ قاتناشقان بولۇپ، تۈركىيە – خىتاي ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىش قەدەملىرى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلغانىدى.

ئارقىدىن دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىغا بارغان خىتاي ھەيئىتىنى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى باش كاتىپى ۋالىي سەيفۇللاھ ھاجىمۈفتۈئوغلۇ قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇ يەردە ئۆتكۈزۈلگەن يېپىق ئۇچرىشىشتا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە خەۋپسىزلىك ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنىڭ كۈچەيتىلىشىگە دائىر مەسىلىلەر كۈنتەرتىپكە كەلگەنىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
1516 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.