logo

trugen jacn

خىتاي ھۆكۈمىتى خوتەندە بىڭتۇەنگە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك بىر شەھەر قۇرۇشنى تەستىقلىدى

uyghur-bingtuan-ishlepchiqirish-qurulush

خىتاي دۆلەت كابىنېتى يېقىندا «شىنجاڭ بىڭتۇەنى» نىڭ خوتەندە تۇرۇشلۇق 14-دېۋىزىيەسى قارمىقىدا ناھىيە دەرىجىلىك بىر شەھەر قۇرۇش پىلانىنى تەستىقلىغان. دائىرىلەر مەزكۇر شەھەرگە «كۈنيۈ شەھىرى» دەپ نام قويغان.

بىڭتۇەن 14‏-دېۋىزىيەسىنىڭ تورىدىكى خەۋەردە، «خوتەن 3 خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپى، 3 خىل كۈچلەرنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىكى قوماندانلىق ئورنى، مەشىق مەيدانى ۋە كېلىش مەنبەسى» دېيىلگەن.

بىڭتۇەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇرلار مەركەزلەشكەن خوتەندە بىڭتۇەنگە قاراشلىق شەھەر قۇرۇلسا، بۇ «بۆلگۈنچىلىك» كە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش رولىنى ئوينايدىكەن. شۇڭا، دائىرىلەر، ئۇيغۇر رايونىدىكى بىڭتۇەنگە قاراشلىق ھەربىر دېۋىزىيەدە بىر شەھەر قۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي ئاخباراتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پىلانى 2020-يىلى ئۇيغۇر رايونىنىڭ شەھەرلىشىش نىسبىتىنى 70 % گە يەتكۈزۈشكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىنى قوزغاپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن.

مەزكۇر پىلان يەنە، ئۇيغۇر رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق خىتاي پۇقرالىرىدا ئوخشىمىغان ئىنكاسلارنى قوزغىغان.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جۈن، رايوندا زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى خىتاينىڭ سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ، شىنجاڭدىكى ناھايىتى غەلىتە ئەھۋال. ئۇ يەردە يەرلىك ھەم بىڭتۇەنگە قاراشلىق بىر-بىرىگە قارمۇ-قارشى نۇرغۇن شەھەر بار» دەپ تەكىتلىگەن. ئەمما جاۋ يۈەنپېي ئىسىملىك باشقا خىتاي پۇقراسى، «مەن بۇنى بىر زۆرۈرىيەت، دەپ قارايمەن» دېگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghurda-bingtuan-01222016165419.html

Share
1346 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.