logo

trugen jacn

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتنىڭ 26 تۈرلۈك ئىپادىسى

gherip-uyghur-musulmanlarيېقىندا مەرىپەت تور بېكىتىدە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتنىڭ 26 تۈرلۈك ئىپادىسى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت دەپ بەلگىلىگەن ماددىلارنىڭ ھەممىسىنى ئەينەن بايان قىلىپ ئۆتكەن.

ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

  1. دىندىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە كاشىلا پەيدا قىلىش، مەمۇرىيەت، ئەدلىيە، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ۋە مىراس بۆلۈشۈش ھەم دۆلەت مەنپەئىتىگە ھەمدە پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرى.
  2. باشقىلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئارىلىشىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىش، روزا تۇتۇش، ناماز ئۆتەشكە زورلاش ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا مەجبۇرلاش، روزا تۇتۇشنى باھانە قىلىپ ئاممىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىگە ئارىلىشىش، ئاياللارنى مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئۆتەشكە، چۈمبەل تارتىشقا زورلاش قىلمىشلىرى.
  3. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي تەشكىلات تەكلىپ قىلمىغان، دىن دەرسى ئۆتۈش سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى يوق خادىملارنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، رىياسەتچىلىك قىلىش، دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈش قىلمىشلىرى.
  4. تەستىقلاتماي تۇرۇپ دىنىي پائالىيەت سورۇنىدىن باشقا يەرلەردە دىنىي پائالىيەت تەشكىللىگەن دىنىي خادىملار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئامما، دىنىي پائالىيەت سورۇنىدىن باشقا يەردە دىننى تەشۋىق قىلغان، تويىن دىنى ئەقىدىلىرىنى سۆزلىگەن، توپلىشىپ دىنىي پائالىيەت قىلغان قىلمىشلار.
  5. تەستىقلاتماي تۇرۇپ باشقا جايدىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دىنىي خادىملارنى تەكلىپ قىلغان جۈملىدىن ئىچكى ئۆلكىلەردىن دىنىي خادىملارنى ئاپتونوم رايونىمىزغا تەكلىپ قىلىپ، دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزگەن قىلمىشلار.
  6. ئۆزىنى دىنىي ئەھكاملارنى تەرغىب قىلغۇچى دەۋېلىپ، ئۆز مەيلىچە مۇرىت يېتىشتۈرگەن، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن پوپ بولۇۋېلىپ، چەت ئەل دىنىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەزلىرىنى قوبۇل قىلغان قىلمىشلار.
  7. قانۇنسىز دىن ئۆگىتىش سىنىپى (نۇقتىسى)، موناخ، تېئولوگىيە سىنىپى ئاچقان، تەستىقلاتماي تۇرۇپ شەخسىي دىن ئۆگەتكەن قىلمىشلار.
  8. تەستىقلاتماي تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلەر ۋە غەيرىي مائارىپ ئاپپاراتلىرىدا دىن دەرسى تەسىس قىلغان ياكى دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان قىلمىشلار.
  9. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى مەكتەپلەردە ناماز ئۆتەشكە، روزا تۇتۇشقا زورلىغان، كۈشكۈرتكەن، قانات ئاستىغا ئالغان، ئوقۇشتىن ۋاز كېچىشكە زورلىغان قىلمىشلار.
  10. نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسى ئالماي تۇرۇپ «نىكاھ» ئوقۇتۇشتەك دىنىي مۇراسىم ئارقىلىق توي قىلغان، نىكاھتىن ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى قانۇن بويىچە ئۆتىمەي «ئۈچ تالاق» قىلىش ئۇسۇلى بىلەن نىكاھتىن ئاجرىشىشقا ئارىلىشىش قىلمىشلىرى.
  11. بىكار قىلىنغان دىنىي، فېئوداللىق ئىمتىياز ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، «پوپ» لارنى ۋارىسلىق قىلدۇرغان، ئالماشتۇرغان، ئاخۇنلارنى ئەۋەتكەن، دىنىي دەرس ئۆشرە-زاكىتى يىغقان قىلمىشلار.
  12. دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىغا يۇقىرى ئاۋازلىق كاناي ئورنىتىپ دىنىي پائالىيەت قىلغان، دائىم دىنىي پائالىيەتلەرگە ئارىلاشقان قىلمىشلار.
  13. توي، دەپنە مۇراسىمى ۋە ئائىلە يىغىلىشلىرىغا ھەمدە «مەشرەپ» لەرگە قاتنىشىشتىن پايدىلىنىپ «تەبلىغ» قىلغان، دىنىي ئەقىدىلەرنى تەرغىب قىلغان قىلمىشلار.
  14. «ھالال» بىلەن «ھارام» نى دەستەك قىلىپ، دىنىي رادىكال ئىدىيەلەرنى تەرغىب قىلىپ، نورمال دىنىي پائالىيەتلەرگە ئارىلاشقان قىلمىشلار.
  15. ئىچكىرىدىكى قانۇنسىز دىنىي تەشكىلاتلارغا خادىم ئەۋەتىپ، غوللۇق خادىملارنى تەربىيىلەش ۋە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنى ئۆز يېنىغا تارتقان، مەخپىي كۈچلەرنى تەربىيىلەپ، قانۇنسىز دىنىي تەشكىلات قۇرغان قىلمىشلار.
  16. تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن «ئەرۋاھى ئالماشقان لاما» نى ئىزدىگەن ھەمدە رايون ئاتلاپ ئەرۋاھى ئالماشقان بالىنى ئىزدىگەن، بېكىتكەن قىلمىشلار.
  17. ئوخشاشمىغان دىنلار ئارىسىدا قەستەن خىرىس پەيدا قىلىپ، ئوخشاشمىغان مەزھەپلەر ئارىسىدا ماجىرا شەكىللەندۈرۈپ، چاتاق چىقارغان قىلمىشلار.
  18. تەستىقلاتماي تۇرۇپ قانۇنسىز دىنىي نەشر بۇيۇملىرى ۋە ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى تەھرىرلىگەن، تەرجىمە قىلغان، نەشر قىلغان، باسقان، كۆپەيتكەن، ئىشلىگەن، تارقاتقان، ساتقان، تەرغىب قىلغان قىلمىشلار.
  19. تەستىقلاتماي تۇرۇپ رەقەملىك نەشر، ئىنتېرنېت، يانفون، زاپاس شارائىتلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ دىننى تەشۋىق ھەم تەرغىب قىلغان قىلمىشلار.
  20. سۈنئىي ھەمراھ قوبۇللىغۇچى ئەسلىھەلەردىن قانۇنسىز پايدىلىنىپ، چېگرا سىرتىدىكى دىنىي رادىئو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى ئاڭلاش، كۆرۈش، تەرغىب قىلىش قىلمىشلىرى.
  21. مەملىكەت خاراكتېرلىك دىنىي ئۆمەكنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تەشكىللىگەن ھەم ھەج تاۋاپ قىلىشقا مەسئۇل بولغان قىلمىشلار.
  22. تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ۋە چېگرا ئىچىدىكى قانۇنسىز دىنىي تەشكىلاتنىڭ دىنىي خاراكتېرلىك ئىئانىسىنى قوبۇل قىلغان قىلمىشلار. مەسىلەن: تارقاق ھەج
  23. تەستىقلاتماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى دىنىي تەشكىلاتنىڭ تەربىيىلەش ھەم تۈرلۈك يىغىنلىرىغا قاتناشقان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دۆلەت (چېگرا) سىرتىدىكى دىنىي تەشكىلات بىلەن ئالاقىلىشىپ، دىنىي پائالىيەت ۋە بېرىش-كېلىش قىلغان، چېگرا ئىچىدىكى قانۇنسىز دىنىي تەشكىلاتنىڭ تەربىيىلەش ھەم تۈرلۈك يىغىنلىرىغا قاتناشقان قىلمىشلار.
  24. چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلات ھەم شەخسلەر بىلەن تىجارەت، ساياھەت، دىن ئۆگىنىش، ئوقۇشقا بېرىش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا ۋە ئوقۇشقا ئىئانە بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش قاتارلىق ناملار بىلەن دىننى تەرغىب قىلغان قىلمىشلار.
  25. تىزىملاتماي ياكى تەستىقلاتماي ئۆز ئالدىغا پائالىيەت نۇقتىسى تەسىس قىلغان، تەستىقلاتماي دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى سالغان، كېڭەيتكەن، ئۆزگەرتىپ سالغان ياكى باشقا قۇرۇلۇشلارنى دىنىي پائالىيەت سورۇنىغا ئۆزگەرتكەن، مەبلەغ سېلىشنى باھانە قىلىپ، ئىبادەتخانا، مەسچىتلەرنى كېڭەيتكەن قىلمىشلار.
  26. تەستىقلاتماي تۇرۇپ دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ سىرتىغا چوڭ تىپتىكى دىنىي ھەيكەللەرنى تۇرغۇزۇش قىلمىشلىرى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/uyghurda-din-02112014170236.html

Share
2196 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.