logo

trugen jacn

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەمسىتىش سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ئەيدىزنى چەكلەشتە زور توسالغۇ

0

ئىرادە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتىۋاتقان بىر مەسىلە. ئۇلار، بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بۇنداق كەڭ يامراپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئامىللارنى مۇلاھىزە قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم ۋە كەمسىتىش سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەيدىزنى كونترول قىلىشقا زور توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىدە 1995-يىلى تۇنجى ئەيدىز بىمارى بايقىلىپ تاكى 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى 94 ناھىيە (شەھەر، رايون) دوكلات قىلغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە بىمار سانى جەمئىي 43555 غا يەتكەن. يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەيدىز كېسىلىنىڭ يامراش دەرىجىسى ئېغىر ھەم شۇنداقلا خىتاي بويىچە تارقىلىش سۈرئىتى ۋە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان 5 رايون ئىچىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلدى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىزنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى ۋە كۆلىمىدىكى بۇ يۇقىرى رەقەملەر چەتئەللەردىكى تەتقىقاتچىلار ۋە بۇ ساھەدە پائالىيەت كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان تۈرلۈك ئورگانلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئامېرىكىدىكى تونۇلغان تور ژۇرناللىرىدىن بىرى بولغان «ئۈمىدسىزلىك ۋە ئۈمىد» تور بېتىدە يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدا ئەيدىزنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق كەڭ يامراپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى مۇلاھىزە قىلىنغان بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. «خىتاينىڭ غەربىدىكى يوشۇرۇن ئەيدىز ۋىرۇسى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ ماقالە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا ئائىت رەسمىي ستاتىستىكىلار ۋە مەخسۇس بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بارغان تەتقىقاتچىلارنىڭ نەتىجىلىرىگە ئاساسەن تەييارلاپ چىقىلغان. ماقالىنىڭ ئاپتورى كەيسىي خالتېر ئۇيغۇر ئېلىدا ئەيدىزنىڭ كەڭ يامراپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللارنى مۇلاھىزە قىلغاندا، ئالدى بىلەن 2015-يىلى 1-ئايدا قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقان ئۇييغۇر ئەيدىز پائالىيەتچىسى ئەكبەر ئىمىننىڭ مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان.

بېيجىڭدىكى دۆلەتلىك تەرەققىيات تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولغان ئەكبەر ئىمىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەيدىز يۇقۇملىنىش مەسىلىسى ئۈستىدە ئاكتىپ پائالىيەت كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئەمما ئۇ بۇ يىل 1-ئايدا تۇيۇقسىز قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. ھازىرغىچە ساقچى تەرەپ ئۇنىڭ نېمە جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى ئۈستىدە ھېچقانداق بىر رەسمىي بايانات بەرگىنى يوق. ماقالە ئاپتورى ئەكبەر ئىمىنگە ئوخشاش بىر خەلقنىڭ ساغلاملىق خىزمەتلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىۋاتقان بىر كىشىنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى، نېمە ئۈچۈن ھېچكىمنىڭ بۇ ھەقتە گەپ قىلمايۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىزنىڭ كېسىلىنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان سىياسىي ئامىللارنى بىر -بىرىگە باغلاپ چۈشەندۈرگەن.

ئاپتور كەيسى خالتېر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خۇددى تىبەتكە ئوخشاشلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق ھەربىي باستۇرۇشلىرى ۋە مىللىي كەمسىتىش ۋە خىتاي كۆچمەن يەرلەشتۈرۈش سىياسەتلىرى ئىجرا قىلىنىپ كەلگەن بىر جايلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى گرەگ فېينىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىز مەسىلىسىگە قارىتا ھۆكۈمەتنىڭ باشتىن بېرى پاسسىپ بىر پوزىتسىيە تۇتۇشىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ بىر ئىپادىسى، دەپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭدا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئاننا ھېيسنىڭ سۆزىگە يەر بېرىلگەن. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىغا ئائىت ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ كۆلەملىك سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشىشنىڭ قېيىنلىقىنى، ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان «رەسمىي» رەقەملەرنىڭ ھازىرقى ئەمەلىيەتنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاننا ھېيسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سىستېمىسى يوق بولغاچقا، ئىقتىسادىي ناچار كىشىلەرنىڭ ھايات قېلىش يولىمۇ ئىنتايىن چەكلىك. ئۇلار ئاساسلىق تىلەمچىلىك، ئوغرىلىق ۋە تېنىنى سېتىشقا ئوخشاش يوللار ئارقىلىق ھايات كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. مانا بۇ سەۋەبتىن خېروئىن تىجارىتىمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقا يول ئارقىلىق پۇل تېپىش خىيالىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ۋاستىىسى بولۇپ قالغان. ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ خىروئىن ساتىدىغانلار ئالدى بىلەن ئىشنى ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست-بۇرادەرلىرىدىن باشلاپ، ئۆزىگە خېرىدار يىغىدۇ.

ئاننا خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە 1996-يىللىرىدا زەھەرلىك چېكىملىككە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغاپ، بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ زەربە بېرىش ئاساسلىق زەھەر چەككۈچىلەر ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنى قولغا ئېلىش، ئۇلارنى زەھەر تاشلاش ۋە ياكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىغا سولاپ قويۇش بىلەنلا بولدى قىلىپ، مەسىلىنىڭ يىلتىزىغا چۆكمىگەنلىكتىن، بۇ زەھەر چەككۈچىلەر ئۇسلۇب ئۆزگەرتىپ يەنە قايتىدىن باش كۆتۈرگەن.

ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنە بىر مۇھىم مەسىلە بولسا، ئۇيغۇر ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ داۋالىنىشتا مىللىي كەمسىتىلىشكە ئۇچراش مەسىلىسىدۇر. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ياكى ئەيدىزگە بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈشكە ئوخشاش تۈرلۈك پروگراممىلىرىدىن بەھرىمەن بولغانلار ئاساسەن خىتاي مىللىتىدىن تەشكىل تاپقان. 2012-يىلىدىكى بىر تەتقىقات نەتىجىسىىدىن قارىغاندا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنىڭدىن ساقلىنىشقا ئائىت ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى پەقەتلا خىتاي تىلىدا نەشر قىلىنغانلىقتىن، تۈركىي تىللاردا سۆزلەيدىغان ئۇيغۇرلار بۇ جەھەتتىكى مەلۇماتلارغا ئېرىشىشتىمۇ كېيىن قالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2000-يىلى دۇنيا بانكىسى ۋە كېيىن ئاۋستراليىدىكى خەلقئارا تەرەققىيات ئورگىنى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە بىر قىسىم خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارغان. بۇ خىزمەتلەرمۇ ئۈنۈم بېرىپ، نەتىجىدە 2011-يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى 2002-يىلىدىكى 52 پىرسەنتتىن 14 پىرسەنتكە تۆۋەنلىگەن. ئەمما تەتقىقاتچى ئاننا خانىمنىڭ ئاپتورغا بايان قىلىشىچە، يۇقىرىدىكى بۇ تەدبىرلەر ھەممىسى بەك كەچ قالغان. ئاننا خانىم سۆزىدە : «ئېلىنغان تەدبىرلەر ئاساسلىق زەھەر چەككۈچىلەر، جىنسىي مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ۋە قان سېلىش ئارقىلىق يۇقۇملىنىشقىلا قارىتىلدى. ئەمما ئۇ چاغدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئاللىقاچان جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملىنىشقا ئۆزگىرىپ بولغان ئىدى» دېگەن.

ئاپتور ماقالىسى داۋامىدا، ئەيدىزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئۈنۈملۈك كونترول ئاستىغا ئېلىنالماسلىقىدىكى سەۋەبنىڭ بىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت ھەرقانداق بىر مەسىلە ئۈستىدە مۇنازىرىلىشىشنى سىياسىيلاشتۇرۇپ، ئۇنى قاتتىق چەكلىشىگە باغلىقلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇنىڭغا غۇلجىدا باشلانغان «مەشرەپ ھەرىكىتى» نىڭ چەكلىنىشىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي يىغىلىش ئۇسۇلى بولغان مەشرەپ ئارقىلىق زەھەرنى چەكلەشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاىسل قىلغانلىقىنى، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىغىلىشنى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىگە تەھدىت دەپ قاراپ ئۇنى قاتتىق باستۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن:
-خىتاي ھۆكۈمىتى ئەكبەر ئىمىننى قولغا ئېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىگە ھۆكۈمەت، ئۇيغۇرلارغا تەسىر كۆرسىىتىۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشقىمۇ يول قويمايدۇ، دەيدىغان كۈچلۈك بىر سىگنالنى بەردى. ئەكبەر ئىمىننى قولغا ئېلىش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بۇنداق پائالىيەتلىرىگە تۇنجى قېىتم زەربە بېرىشى ھېسابلانمايدۇ… ئەكبەر ئىمىننگە ئوخشاش مىللەتنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلار دەرھال جازالىنىدۇ ۋە ياكى جىمىقتۇرۇلىدۇ.

ئاپتور ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە قارشى تۇرۇش ۋە تەربىيىلەش خىزمەتلىرىنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا بۇ كېسەللىكنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە مۇھىت ئامىللىرىغا ئوخشاش يىلتىز ئامىللارنى ئوڭلاشقا ئەھمىيەت بەرمەيۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ بۇ ئەھۋالنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىققا تەلپۈنۈۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تېخىمۇ ئېغىرلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ تەتقىقاتچى گرەگ فېينىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ تۇرۇپ «ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەيدىزنىڭ يامرىشىنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغان بۇ كىشىلەر كەلگۈسىدە پەيدا قىلىدىغان ئىقتىسادىي بېسىمنىڭمۇ زور بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ «يېپىق قازان ئېچىلىشى كېرەك» دېگەن. ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا «خىتاي قاچان يېپىق قازاننى ئاچقۇچە، مىللىي كەمستىشكە قارشى كۈرەش قىلغان ئەيدىز پائالىيەتچىسى ئەكبەر ئىمىن ئۇيغۇرلارنىڭ قېيىنچىلىقلىرىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە تۈرمىدە يېتىشى مۇمكىن» دېگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/muhit-salametlik/uyghurda-eydiz-08052015165153.html

Share
1782 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.