logo

trugen jacn

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرنى يوقىتىش تاكتىكىلىرى ھەققىدە

 

ئەركىن سىدىق

2019-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى

 

ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرگە قانداق زۇلۇملارنى سېلىۋاتقانلىقىنى چەت ئەلدىكى قېرىنداشلار ئاساسىي جەھەتتىن بىلىدۇ. ئەمما، مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە بىر قىسىم قېرىنداشلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ھال-ئەھۋالىنى چەت ئەللىك خەلقلەر ۋە ھەر خىل چەت ئەل ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا چۈشەندۈرۈۋاتقان بىر قىسىم قېرىنداشلار خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر يولغا قويغان سۇيىقەستلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، ھەمدە ئاشۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان تاكتىكىلار قايسى ئىكەنلىكى ھەققىدە تولۇق ۋە توغرا چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس. شۇنداق بولغاچقا مەن مەزكۇر يازمامدا ئۆزۈمنىڭ كۆزىتىشى ۋە ئىزدىنىشى ئارقىلىق بايقىغان ۋە توپلىغان بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى خۇلاسىلەپ ئۆتىمەن.

 

مېنىڭ بەزى چەت ئەللىك تونۇشلىرىم مەندىن تېخى بىر قانچە كۈن ئالدىدىلا «ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداقراق؟ سېنىڭچە ياخشىلىنىش بولىدىغاندەكمۇ؟» دەپ سورىدى. مەن ئۇلارغا «ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار، ئومۇمىي مەنزىرە ئىنتايىن پاجىئەلىك، بۇنىڭدىن كېيىن قانداق بولىدىغانلىقى بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تىرىشچانلىقىمىزغا باغلىق»، دەپ جاۋاب بەردىم.

 

يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى تۈپ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى بىر مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىۋېتىش بولۇپ، ئۇ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن مېيىپلاشتۇرۇپ يوقىتىش، تەبىئىي كۆپىيىشىنى توختىتىپ يوقىتىش، ۋە ئۆلتۈرۈپ يوقىتىش قاتارلىق 4 چوڭ ئاساسىي تارماقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۆۋەندە مەن ئاشۇ 4 چوڭ تارماقنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر بىر تارماقتا قوللىنىۋاتقان تاكتىكىلارنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمەن.

 

 

  1. ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش

 

قېرىنداشلار بۇ جەھەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ھەممىدىن ياخشى بىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئىشنى كەم دېگەندە مۇنداق 4 جەھەتتىن ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ:

 

(1) ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دىنى، تىلى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە ئۇيغۇرلۇققا ۋەكىللىك قىلىدىغان، ياكى ئۇيغۇرلۇقنى نامايان قىلىدىغان باشقا بارلىق نەرسىلەرنى چەكلەپ يوقىتىش.

(2) شەرقىي تۈركىستانغا كۆپلەپ خىتاي نوپۇسىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ، ئۇيغۇرلارنى نوپۇس جەھەتتە ئۆز ماكانىدا بىر ناھايىتى كىچىك مىللەتكە ئايلاندۇرۇپ قويۇش.

(3) ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت بېرىش باھانىسى بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ياشىتىپ مېڭە يۇيۇش.

(4) يۇمشاق ۋە قاتتىق «ئىنسان ئىنژېنېرلىقى» ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇپ، ئۇلارنىڭ باشقا بارلىق روھىي دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلۇق ئېلېمېنتلىرىنى تازىلاپ چىقىرىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتايلارغا تەۋە ئېلېمېنتلارنى قاچىلاش.

 

بۇ يەردىكى ئالدىنقى 3 ساھە قېرىنداشلارغا بىر قەدەر ئايدىڭ بولۇپ، مەن بۇ يەردە 4-ساھە ئۈستىدە ئازراق توختىلىمەن. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى قامالمىغان ئۇيغۇرلار ۋە يېتىم بالىلار مەركەزلىرىگە سولانغان ئۇيغۇر بالىلىرىنى مېڭە يۇيۇش ئارقىلىق ئۆزگەرتىشتە ئاساسەن خىتاي تىلى ۋە خىتاي مەدەنىيىتىنى مەجبۇرىي ئۆگىتىش، سىياسىي ئۆگىنىش قىلدۇرۇش، خىتايچە ناخشا ئېيتقۇزۇش، خىتايچە ئۇسسۇل ئوينىغۇزۇش، ۋە خىتايلار بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇشقا مەجبۇرلاش قاتارلىق يۇمشاق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىۋاتىدۇ. تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا سولانغان ئۇيغۇرلارنى ئۆزگەرتىشتە بولسا يۇقىرىدىكى يۇمشاق ۋاسىتىلەردىن باشقا يەنە ئىنتايىن ۋەھشىي تەن جازالىرىدىن ئىبارەت قاتتىق ۋاسىتىلەرنىمۇ قوللىنىۋاتىدۇ.

 

ئەنگلىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس جوئان سىمىت فىنلېي خانىم ئۆتكەن يىلى، يەنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسەتلىرى ئەڭ ئەۋجىگە چىققان مەزگىلدە ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان غەرب ئالىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، يېقىندا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان بىر پارچە ماقالە ھەققىدە خەۋەر بەردى. خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ (نەقىل):

 

فىنلېي خانىمنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەكشۈرۈشىنى ئاياغلاشتۇرۇپ ئىيۇلنىڭ بېشىدا ئەنگلىيەگە قايتقاندىن كېيىن، ئەنگلىيەلىك يازغۇچى جورجى ئورۋېلنىڭ «1984» ناملىق رومانىنى ئوقۇش مەجبۇرىيىتىنى ھېس قىلغان.

 

جورجى ئورۋېلنىڭ مەزكۇر ئەسىرىدە ھۆكۈمەت «غوجا ئاكا» دەپ قارىلىدىغان، ئادەتتىكى ئاۋام-پۇقرانىڭ ھېچقانداق ئۆز ئالدىغا پىكىرى قىلىش ئەركىنلىكى بولمىغان، ئۇلارنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى، مەخپىي تىڭشىغۇچ ۋە ھەتتا تېلېۋىزورلار بىلەن تەقىب قىلىنىپ تۇرىدىغان بىر زۇلمەتلىك جەمئىيەت تەسۋىرلىنىدۇ.

 

ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا بۇ تۇيغۇلىرىنى مۇنداق ئىپادىلىگەن: «بۇ مەشھۇر ئەسەر بىلەن نۆۋەتتە شىنجاڭنى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئالغان ‹ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىش› ۋە ‹ئىدىيە ئۆزگەرتىش› ھەرىكەتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي جىپسىلىشىدىغانلىقى ھەيران قالارلىق ئىدى. كىتابنىڭ ئاخىرقى قىسمىدىكى باش پېرسوناژنىڭ سوراقچىسى مۇنۇلارنى ئاشكارىلىغان ئىدى. ‹بىز دۈشمەنلىرىمىزنى پۈتۈنلەي تارمار قىلمايمىز، بەلكى بىز ئۇلارنى ئۆزگەرتىمىز. ئۇ بىدئەتلەر بىزگە قارشى تۇرىدىكەن، بىز ئۇلارنى ۋەيران قىلمايمىز. ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىمىز، ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئەسىر ئالىمىز، ئۇلارنى قايتا ياساپ چىقىمىز… سېنىڭ ئىچىڭ كاۋاكلىشىدۇ. سېنى ئىچىڭدىن سىقىپ چىقىرىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزىمىزنى توشتۇرىمىز. ›» [1] (نەقىل تۈگىدى)

 

يۇقىرىدىكى مەزمۇن ھازىر ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە ۋە «ئىدىيە ئۆزگەرتىش» نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئوبرازلىق تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. مەن جورجى ئورۋېلنىڭ «1984» دېگەن رومانىنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۇنى ئامازون تورىدىن سېتىۋالدىم.

 

 

  1. روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن مېيىپلاشتۇرۇپ يوقىتىش

 

بىز بۇرۇن جازا لاگېرىدا بىر مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇلۇپ، كېيىن قويۇپ بېرىلگەن، ھەمدە چەت ئەلگە ئوڭۇشلۇق چىقىۋالالىغان بىر قانچە قېرىنداشلىرىمىزدىن جازا لاگېرلىرىدا قانداق تەن جازالىرى ۋە قىيناشلارغا ئۇچرىغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. ئۇلار دەپ بەرگەن ئىشلارنىڭ ئىچىدە بىر خىل دورا ئىچۈرۈش، ئۇيقۇسىز قالدۇرۇش، «يولۋاس ئورۇندۇقى» دا ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرغۇزۇش، توك ئارقىلىق قىيناش، زەنجىر-كىشەنلەردە باغلىنىپ، مىدىرلىيالماس قىلىپ قويۇلغان بىر خىل ھالەتتە تۈنلەرنى ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئۇلاردىن بەزىلىرى «بۇنداق قىينىغۇچە مېنى ئۆلتۈرۈۋەتسىمۇ بولۇپتىكەن» دېگەن ئىستەكلەردىمۇ بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

 

بۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا ۋەتەندىن كەلگەن مۇنداق بىر ئۇچۇر چىقتى: جەنۇبتىكى مەلۇم بىر جازا لاگېرى مۇددىتى توشقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىپ سىنىغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆز ئۆيىنى تېپىپ كېتەلمىگەنلەرنى قويۇپ بېرىپ، ئۆز ئۆيىنى تېپىپ بارالىغانلارنى تۇتۇپ، جازا لاگېرىغا قايتىدىن سولىغان.

 

بۇ يىل 3-يانۋاردا «www.ozy.com» دېگەن تور ژۇرنىلىدا بىر پارچە ئىنگلىزچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ئۇ ماقالىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: قازاقىستان گىراژدانى ئابەل ئامانتاي ئۆتكەن يىلى شەرقىي تۈركىستانغا بارغاندا، ئۇ تۇتۇلۇپ، بورتالانىڭ جىڭ ناھىيەسىدىكى بىر جازا لاگېرىغا سولىنىدۇ. ئۇنىڭ دادىسى نۇرغۇن يول مېڭىپ، ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىدۇ. ھەمدە ئوغلىنىڭ جازا لاگېرىدىن چىقىپ، بىر زاۋۇتتا ئىشلەيدىغانلىقىنى، ئېيىغا 650 سوم مائاش ئالىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. ئابەل ئامانتاي ھازىر ھەر ئىككى ئايدا بىر قېتىم قازاقىستاندىكى ئايالىغا تېلېفون قىلىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئايالى مۇخبىرغا مۇنداق دەيدۇ: «ئېرىم ئانچە كۆپ گەپ قىلماي، پەقەت ‹نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋاتىمەن›، دەيدۇ. ئەمما، ئۇ ھەر قېتىم تېلېفون قىلغاندا ‹بالىلىرىمنىڭ ئىسمى نېمە، قانچە ياشقا كىردى، قانچىنچى سىنىپلاردا ئوقۇيدۇ؟› دەپ سورايدۇ. قارىغاندا ئۇ ھازىر ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدىكى ئېسىنى يوقىتىش ھالىتىدە ئوخشايدۇ.» [2]

 

بىز لاگېر ياكى تۈرمىلەردىن قويۇپ بېرىلىپ، ئۆيىگە بېرىپ بىرەر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىرىدىن ناھايىتى كۆپلىرىنى ئاڭلىدۇق. مەن يېقىندا ئامېرىكىدا ئىككى ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، ۋەتەنگە قايتىپ كەتكەن مۇتەللىپ نۇرمەمەت ئىنىمىزنىڭ بىر جازا لاگېرىدىن چىقىپ 10 كۈن ئۆتكەندە لاگېردىكى ۋاقتىدا ئۇچرىغان ئېغىر تەن جازالىرىنىڭ زەخمىسىدىن 41 يېشىدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئۆزۈمنىڭ فېيىسبۇك (يۈز دەپتىرى) تېمىغا يازدىم. مۇتەللىپ ئۇكىمىز كالىفورنىيەدە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا بىز بىر رايوندا تۇرغان، ھەمدە ئاكا-ئۇكىدەك ياخشى ئۆتكەن ئىدۇق. ئۇ ئىنتايىن بەستلىك، ئىنتايىن قاۋۇل، ۋە ئىنتايىن ساغلام بىر يىگىت ئىدى. ھازىر بۇ خىلدىكى ئەھۋال ۋەتەندە كەڭ كۆلەمدە يۈز بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بىزنىڭ بىلىدىغانلىرىمىز ئىنتايىن ئاز. ئىشقىلىپ جازا لاگېرلىرىدا ئۆلۈپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خەۋەرلىرىنىڭ ئاخىرى ئۈزۈلۈپ باقمىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋەتەندىن چىققان، خىتاي ساقچىلىرى جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا بەدەننى قىينايدىغان تەن جازاسى بېرىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر ئىنتايىن ۋەھشىي بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە ئادەم قاراشقىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا بىز ئۆز-ئۆزىمىزدىن «ھازىر جازا لاگېرلىرىدا تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ قانچە پىرسەنتى جىسمانىي جەھەتتىن پۈتۈن ئادەم بولۇپ تۇرۇۋاتقاندۇ؟» دەپ سورىماي تۇرالمايمىز.

 

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى پىلانى ئۆلۈپ كەتمىگەن ئۇيغۇرلارنى مېڭە يۇيۇش، دورا ئىچكۈزۈش، ۋە ئېغىر تەن جازالىرى بىلەن قاتتىق قىيناش ئارقىلىق ھېچ قانداق تەلەپكە «ياق» دېيەلمەيدىغان، باشقىلارغا ھېچ قانداق قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان، قويدەك نەگە يېتىلىسە شۇ يەرگە ماڭىدىغان، ئۆلۈپ كەتكۈچە خىتايغا ھەقسىز ياكى يۇقىرىقىدەك ئىنتايىن ئاز پۇلغا ئىشلەپ بېرىدىغان، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئېغىر دەرىجىدە مېيىپلاشقان يېرىم ماشىنا ئادەملەرگە ئايلاندۇرۇپ قويۇش ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. خىتاي ھاكىمىيىتى بۇنداق ئىشلارنى ئۇيغۇرلارغا بۇرۇنمۇ قىلىپ باققان. مەسىلەن، جاللات خىتاي ۋاڭ جېن شەرقىي تۈركىستاندا 1949 – 1953-يىللىرى كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ، كېيىن مەركەزگە دوكلات بەرگەندە «مەن شىنجاڭدا كېيىنكى 50 يىل ئىچىدە بىرەرمۇ ئەكسىلئىنقىلابچى چىقمايدىغان قىلىۋېتىمەن»، دېگەن [3].

 

 

  1. ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشىنى توختىتىپ يوقىتىش

 

بىر قانچە ئاينىڭ ئالدىدا ۋەتەندىن كەلگەن بەزى ئۇچۇرلاردا جازا لاگېرلىرىدىكى 15 تىن يۇقىرى ياشتىكى بارلىق خانىم-قىزلارغا بىر خىل دورا ئىچكۈزۈلگەنلىكى، شۇنىڭ كېيىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەت كۆرۈشتىن توختىغانلىقى تىلغا ئېلىندى. ناھايىتى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ، ئەر-ئاياللارنى جازا لاگېرلىرىدا ئايرىۋېتىش، جازا لاگېرلىرىدىكى ئەر-ئاياللارنى زاۋۇتلاردا ئايرىپ ئىشلىتىش، ئېرىنى تۇتۇپ كېتىپ، ئايالىنى ئۆيىدە قويۇش، ياكى ئايالىنىڭ ئۆيىگە خىتاي ئەردىن بىرنى تىقىپ قويۇش، ھەمدە ئەرلەرنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەرگە ئېلىپ كېتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئەر-ئايال بىر ئۆيدە تۇرىدىغان نورمال ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ نىسبىتىنى ئىنتايىن كىچىك سانغا چۈشۈرۈپ قويدى. ئەگەر بۇنداق ئىشلار داۋاملىشىۋېرىدىكەن، مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشى ئاساسەن توختاپ، يېڭىدىن ئۇيغۇر تۇغۇلمايدىغان بىر ئەھۋال ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.

 

 

  1. ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈپ يوقىتىش

 

بۇ جەھەتتە ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتى قوللىنىۋاتقان تاكتىكىلاردىن مۇنداق ئىككى خىلى خەۋەر قىلىندى: (1) ئوپچە ئۆلتۈرۈپ يوقىتىش، ۋە (2) تارقاق ئۆلتۈرۈپ يوقىتىش.

 

ئۆتكەن يىلنىڭ 10 – 11-ئايلىرىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا مۇنداق بىر ئۇچۇر چىقتى: خىتاينىڭ كورلادىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى بىر كېچىدە ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر كەنتلىرىدىكى 100 مىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى قىرىۋەتتى. قېرىلار، ئاياللار ۋە بالىلارنىمۇ ساق قويمىدى. مەن ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىشنى قىلىشتىكى مەقسىتىنى دېگەندەك ياخشى چۈشىنەلمىگەن ئىدىم. يېقىندا خىتاينىڭ «بىر يول، بىر بەلۋاغ قۇرۇلۇشى» ھەققىدىكى بىر ھۆججەتلىك فىلىمىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاندىن بۇ ئىشنى چۈشەندىم: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر يول، بىر بەلۋاغ قۇرۇلۇشى» نىڭ بىر ھالقىلىق تەركىبىي قىسمى كورلىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپانىڭ «ئەركىن سودا مەركىزى» گە ئايلاندۇرۇش ئىكەن. دېمەك، كورلىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ قۇرۇلۇش ئۈچۈن بىر ئارتۇقچە يۈك بولۇپ قېلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنياغا بىلدۈرمەي، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنى بىر كېچىدە يوق قىلىۋېتىپتۇ. مۇشۇنداق ئىش شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا يەرلىرىدىمۇ يۈز بەردىمۇ-يوق، مەندە ئۇ جەھەتتە مەلۇمات يوق.

 

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسەتلىك ھالدا ئاچ قويۇشى، دورا ئىچكۈزۈشى، ۋە ئىنتايىن ۋەھشىي تەن جازالىرىنى ئىشلىتىشى نەتىجىسىدە ھازىر شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ناھايىتى كۆپ ساندا ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ. مەن ئۆتكەندە مېھرىگۈل تۇرسۇن سىڭلىمىز تەمىنلىگەن پاكىتقا ئاساسەن، لاگېردىكى ھەر مىليون ئۇيغۇرلاردىن ھەر 3 ئايدا 130 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان ئىدىم. بۇ ساھەدە سىرتقا چىققان ئۇچۇرلار ئانچە كۆپ بولمىغاچقا، ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ زادى قانداقلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھازىر يېتىم بالىلار مەركەزلىرىگە سولانغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سانىمۇ 500 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلاردىنمۇ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلار ناھايىتى كۆپ.

 

ئۆتكەن يىل ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى بىر شەھەرگە چەت ئەلدىن تۇغقان يوقلاپ بارغان بىر خىتاي چەت ئەلگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مۇنداق بىر ئەھۋالنى يازدى: ئۇنىڭ تۇغقىنىنىڭ زاۋۇتى بىلەن بىر تۈرمىنىڭ ئارىلىقىدا بىر قانچە كىلومېتىر كەڭلىكتىكى ئىشلىتىلمىگەن سايلىق بار بولۇپ، ھازىر ئۇ سايلىقنىڭ ھەممە يېرى ئاشۇ تۈرمىدە ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ يەرلىكى بىلەن توشۇپ كېتىپتۇ.

 

مەن ئالدىنقى ماقالەمدە يازغىنىمدەك، ھازىر خىتاي ئۆلكىلىرىگە تارقىتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەن. ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئەمەسلىكىنىمۇ بىلمەيدىكەن. ھەمدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلار قامالغان تۈرمىلەرنىڭ ئەتراپىدىكى خەلق يېنىدىكى تۈرمىگە ناھايىتى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار توشۇپ كېلىنگەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىنىڭ ئىشنى مۇشۇ تەرىقىدە قىلىشىنىڭ بىرلا مەقسىتى بار. ئۇ بولسىمۇ ئاشۇ ئۇيغۇرلارنى تاكى ئۆلۈپ كەتكۈچە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەردە ساقلاپ، ھەقسىز ئىشلىتىش.

 

ئۇيغۇرلارنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىدا ئاز-ئازدىن ئۆلتۈرۈپ تۇرۇش مېنىڭچە بىر خىل «تارقىتىپ ئۆلتۈرۈش» تاكتىكىسىغا كىرىدۇ. شۇڭلاشقا مەن يېقىندىن بۇيان ئۆز لېكسىيەلىرىمدە جازا لاگېرلىرىنى «ئادەم ئۆلتۈرۈش زاۋۇتى» دەپ ئاتاپ كەلدىم.

 

يۇقىرىدىكى 4 خىل تاكتىكىدىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى «نورمال تۇرمۇش» كەچۈرۈۋاتقان ئۇيغۇرلار ئەمەس، بەلكى تۈرمە ۋە لاگېرلارنىڭ سىرتىدىكى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە يېرىم مېيىپ ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى 6 ياكى 7 مىليونغا چۈشۈرۈش پۈتۈنلەي مۇمكىن. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىۋاتقىنى دەل ئاشۇ ئىش بولۇشى مۇمكىن.

 

بۇنىڭدىن بىرەر ھەپتە بۇرۇن دوكتور مەمەت ئەمىن بىر پارچە يازما تەييارلاپ، خىتايلار بۇنىڭدىن تەخمىنەن 2300 يىل بۇرۇن ئىجات قىلغان «خەلقنى كونترول قىلىشنىڭ 5 خىل ئۇسۇلى» نى قىسقىچە تونۇشتۇردى [4]. ھازىر ئاشۇ ئۇسۇللارنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇرنى كونترول قىلىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتىدۇ. مەن تېخى ئوقۇپ باقمىغان قېرىنداشلارغا ئاشۇ يازمىنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

 

 

  1. قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى زادى قانچە؟

 

مەن بۇ ھەقتە ھازىرغىچە توپلىغان سانلىق مەلۇماتلار تۆۋەندىكىدەك:

 

  • «لىفاڭ» ئىسىملىك بىر خىتاي زىيالىيسى سۈنئىي ھەمراھتا تارتىلغان رەسىملەرنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقا بىنالاردىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان يەرلەرگە جايلاشقان تۈرمە بىلەن جازا لاگېرلىرىغا بىر مىليون 360 مىڭ ئادەم سىغىدۇ، دېگەن يەكۈننى چىقاردى. بۇ يەكۈن 2018-يىلى 28-دېكابىردىكى بىر چوڭ ئىنگلىزچە مەتبۇئات «The Epoch Times» نىڭ ماقالىسىگە چىقتى [5].
  • لىفاڭ ئەپەندى كەنتلەرنىڭ ئىچىگە جايلاشقان، ئېگىز ھويلا تاملىرى ۋە قاراۋۇللۇق مۇنارلىرى يوق تۈرمىلەرنى تاپالمىغان. ھەمدە شەھەرلەردىكى چوڭ بىنالارنىڭ ئىچىگە جايلاشقان، ۋە يەر ئاستىغا جايلاشقان جازا لاگېرلىرىنى پەرق ئېتەلمىگەن. ئەگەر ئاشۇنداق پەرق ئېتىش مۇمكىن بولمىغان تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا سولانغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى يۇقىرىدىكى ساننىڭ 25 پىرسەنتىگە توغرا كېلىدۇ، دېسەك، ئۇ 340 مىڭ ئادەم بولىدۇ.
  • خىتاي ئۆلكىلىرىگە 500 مىڭ ئۇيغۇر يۆتكەش قارار قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى. ھازىرغىچە ئاشكارىلانغان ئۆلكىلەردىن خېيلوڭجاڭ، سەنشى ۋە ئىچكى موڭغۇل قاتارلىقلار بار.
  • گەنسۇدىكى ئادەم قېچىش مۇمكىن ئەمەس بىر سايلىققا 2013-يىلىدىن باشلاپ سېلىنىپ، ئۆتكەن يىل پۈتكەن بىر جازا لاگېرىغا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم سىغىدىغان بولۇپ، ئۇ يەرگە ئۇيغۇرنى يۆتكەش باشلانغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
  • ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى يېتىم بالىلار مەركەزلىرىگە يىغىۋېلىنغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سانى 500 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

 

يۇقىرىدىكى سانلارنى قوشساق، جەمئىي 3 مىليون 700 مىڭ ئادەم بولىدۇ. بۇ سان كورلىدا ئۆلتۈرۈلگەن 100 مىڭ ئۇيغۇرنى، ھەمدە «تارقاق ئۆلتۈرۈش» ۋاسىتىسى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

 

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان كۆپلىگەن خىتاي زىيالىيلىرى 2019-يىلى ئىچىدە خىتاي ھاكىمىيىتىدە بىر چوڭ ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىۋاتىدۇ. ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئېھتىماللىقلاردىن بىر قانچىسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىقلىرىنىڭ بىرى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تىنچ يول بىلەن ئۆزگىرىشى. يەنە بىرى بولسا كوممۇنىستىك خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشىشى بىلەن خىتاي بىر چوڭ قالايمىقانچىلىقنىڭ يۈز بېرىشى. ئەگەر 2-خىل ئېھتىماللىق يۈز بېرىپ قالىدىكەن، ھەممە ئادەم ئۆز جېنىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشقا يۈگىرەيدۇ.  ئاشۇنداق ئەھۋالدا قامالغان ئۇيغۇرلارغا، بولۇپمۇ ھازىر خىتاي ئۆلكىلىرىدە مەخپىي قاماقلىق تۇرىۋاتقان بىر يېرىم مىليون ئۇيغۇرغا ھەر كۈنى بىر-ئىككى ۋاق تاماق ئېتىپ ئاپىرىپ، تارقىتىپ بېرىدىغان ئادەم چىقارمۇ؟

 

ھازىر چەت ئەلدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ باقمىغىنىغا 2 يىل بولۇپ قالدى. مەنمۇ شۇلارنىڭ بىرى. شۇڭا بىز ۋەتەندىكى تۇغقانلىرىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئاساسەن بىلمەيمىز. ئالاقىمىز بار تۇغقانلىرىمىزدىن باشقا تۇغقانلارنىڭ ئەھۋالىنى سورىيالمايمىز. ئەگەر سورىيالىغان تەقدىردىمۇ تۇتۇپ كېتىلگەن تۇغقانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۇلارمۇ بىلمەيدۇ. ئۇ تۇغقانلىرىمىز ۋەتەندىمۇ، ياكى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەكېتىلدىمۇ، بىز كۆرۈشكەن تۇغقىنىمىز بىلمەيدۇ. ئەمدى مۇشۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا چەت ئەلدە سۈكۈتتە تۇرۇشنىڭ قىممىتى ھەققىدە ئازراق ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. نۇر بەكرىنىڭ ساداقەتمەنلىكى ۋە ئۇنىڭ خىتايغا قوشقان زور تۆھپىسى ئۇنى خىتاينىڭ جازاسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالمىدى. شۇڭلاشقا «مېنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشۇم ۋەتەندىكى قېرىنداش تۇغقانلىرىمنى قۇتۇلدۇرۇپ قالىدۇ»، دەپ ئويلايدىغانلار يالغۇز خىتاي ھاكىمىيىتىدىن رەھىمدىللىق تىلەپلا قالماي، يەنە ئاللاھتىن ياردەم تىلەشكە مەجبۇرىي بولۇشى مۇمكىن. بىز ئۆز تۇغقانلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھازىرمۇ شەرقىي تۈركىستاندا بار-يوقلۇقىنى، ھەمدە ئۇلارنىڭ ھايات ياكى ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلمەيمىز. بۇ يەردىكى بىر ھەقىقەت شۇكى، بىز چەت ئەلدىكى بارلىق ئۇيغۇرلار ھازىر تولۇق ھەرىكەتكە كېلىپ، ھەممىمىز بىرلىكتە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسكەنجىسىدە تۇرۇۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنى، ياكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزماي تۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ تۇغقانلىرىنى ھەرگىزمۇ ئايرىم قۇتقۇزالمايمىز.

 

 

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

 

[1] جوئان سىمىت فىنلېي: «بىز ئەمدى مۇڭداشمايدىغان بولۇپ قالدۇق: شىنجاڭدىكى تازىلاشنىڭ ئىش يۈزى»

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghurdiki-tazilash-01042019235702.html

 

[2] CHINA RESURRECTS MAO-ERA FORCED LABOR FOR ETHNIC MINORITIES

https://www.ozy.com/fast-forward/china-resurrects-mao-era-forced-labor-for-ethnic-minorities/91413?fbclid=IwAR2071pQBDNnQHm9A9vdRJwma9-PbZQc63UHAwAiMqSMxzalA599eR6s44A#.XC8LH2YQJi8.facebook

 

[3] 新疆镇压史:王震杀人如麻

https://www.rfa.org/mandarin/yataibaodao/shaoshuminzu/xql-10022018105014.html

 

[4] Xelqni konturul  qilishning 5 xil usuli

/http://book.sbkk8.com/gudai/shangjunshu

https://uyghur-jemiyiti.blogspot.com/2019/01/shang-jun-shu-xelqni-konturul.html

 

[5] Mapping a Human Rights Horror: Calculating the Detentions in Xinjiang

https://m.theepochtimes.com/mapping-a-human-rights-horror-calculating-the-detentions-in-xinjiang_2750362.html?fbclid=IwAR2LAFYyt2H_jIr6TP7XSJN7uLLw6nz6fpoqREgZX26WIFiWBNYwq5G0lLI

 

Share
1946 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.