logo

trugen jacn

خىتاي پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىنىڭ مۇھاكىمىسىدە شەرقىي تۈركستاندىكى دىنىي ئېتىقاد ۋە مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىندى

f6024f62-ec86-40a4-aef4-da3a1aca23b6

گۈلچېھرە

2015-u0428-pmg.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىنىڭ باش ساھىپخانلىقىدا، ئامېرىكا بەدېستا شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان «مىللەت، دىن، چېگرا ھالقىغان دېموكراتىك ھەرىكەت ياش رەھبەرلىرىنىڭ 10 – نۆۋەتلىك خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى» 28 – ئاپرىل ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى. بۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان«خىتاينىڭ دىنىي زۇلۇمى ۋە دىنىي ئەركىنلىك» تېمىسىدىكى مۇھاكىمىدە ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن«خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىش ۋە بۇ ھەقتە خەلقنىڭ ئىنكاسى ۋە ھۆكۈمەت تەدبىرى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە رەئىسى دولقۇن ئەيسا مەخسۇس دوكلات بەردى.

پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ياڭ جيەنلىنىڭ پىلانلىشى بىلەن مەزكۈر مۇھاكىمە خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بارلىق كۈچلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، دىن، مىللەت، چېگرا ھالقىغان بىر ئورتاقلىق ھاسىل قىلىش ۋە ئورتاق ئىتتىپاقداش ھەرىكەت ئىستراتېگىيىسى ئارقىلىق خىتايغا دېموكراتىيىنى ئېلىپ كىرىشنى مەقسەت قىلغان «مىللەت، دىن، چېگرا ھالقىغان دېموكراتىك ھەرىكەت ياش رەھبەرلىرىنىڭ 10 – نۆۋەتلىك خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى» نىڭ سەيشەنبە كۈنى«خىتاينىڭ دىنىي زۇلۇمى ۋە دىنىي ئەركىنلىك»، « خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىش ۋە بۇ ھەقتە خەلقنىڭ ئىنكاسى ۋە ھۆكۈمەت تەدبىر»“ دېگەن ئىككى تېمىغا بېغىشلاندى.

چۈشتىن ئاۋۋال ئالدى بىلەن «خىتاينىڭ دىنىي زۇلۇمى ۋە دىنىي ئەركىنلىك» تېمىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى. مۇھاكىمىدە ھەر قايسى دىنلارغا ئىشەنگۈچىلەرنى ۋەكىللىرى ئاساسلىقى ئىسلام، بۇددا، خرستىئان ۋە فالۇنگۇڭ دىن ئىبارەت ئوخشىمىغان دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ئۇچراۋاتقان زۇلۇملىرى ۋە ۋەزىيەتلىرىنى ئاڭلاتتى. ئۇيغۇرلارغا ۋەكىل بولۇپ سەھنىگە چىققان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى مۇئاۋىن رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ پۇختا تەييارلىق بىلەن مۇكەممەل خىتاي تىلىدا شەرقىي تۈركستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆزلىگەن نۇتقى، مۇھاكىمىگە قاتناشقان 100دىن ئارتۇق ھەر ساھە كىشىلىرىگە ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، ئېلشات ئەپەندىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە قارىتىپ ئېيتقان بەزى كىنايىلىرى ئۇلارنى ئىختىيارسىز كۈلدۈرسە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋەزىيىتى ئۇلاردا ئورتاق ئەندىشە پەيدا قىلدى.

بىز ئېلشات ھەسەن ئەپەندى سەھنىدىن چۈشكەندىن كېيىن ئۇنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.

بۇ خەلقئارالىق مۇھاكىمىگە گېرمانىيىدىن كېلىپ قاتنىشىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ئىجرائىيە رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى ئۇ دوكلات بېرىشتىن ئىلگىرى زىيارەت قىلدۇق.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزدىن كېيىنلا سەھنىگە چىقىپ چۈشتىن كېيىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇھاكىمىدە شەرقىي تۈركستاندىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىلىرى ۋە بۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئامىللار ھەقىقدە تەپسىلىي دوكلات بېرىشكە باشلىدى.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خىتايغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 10 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى، خىتاي، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر، ئىسلام، بۇددا، خرستىئان، فالۇنگۇڭ قاتارلىق ئوخشىمىغان دىنىدىكىلەر، خىتاي، خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە ماكاۋلىقلار، ئوخشىمىغان ئاشكارا ۋە مەخپىي ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى، مۇستەقىل گۇرۇھلار ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلىۋاتقان مەزكۈر مۇھاكىمىگە 100دىن ئارتۇق كىشى قاتناشماقتا.

ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئاخبارات ئورگانلىرى، تور بەتلەر، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق خىتاي پۇقرالار كۈچى تەشكلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان بۇ مۇھاكىمىسى دۇنياغا تۈرلۈك يوللار ۋە ۋاستىلەر ئارقىلىق تارالماقتا.

بۇ، دىن، مىللەت، چېگرا ھالقىغان دېموكراتىك پائالىيەتچىلەرنىڭ مۇھاكىمىسى ئوخشىمىغان تېمىلاردا يەنە ئىككى كۈن داۋام قىلىدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/xitay-diniy-muhit-04282015234002.html

Share
1486 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.