logo

trugen jacn

خىتاي يەنە 10 مىڭ قوش تىل ئوقۇتقۇچىنى كۆپەيتىدۇ

image

گۈلچېھرە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

 

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى 2020-يىلىغا قەدەر پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىنى قوش تىللاشتۇرۇپ بولۇشنى نىشان قىلغان ئىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا بەش يىلدىن بۇيان، دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا تەييارلىق سىنىپ ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىگە ئۈزلۈكسىز ئوقۇتقۇچى تولۇقلاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قوش تىل ئوقۇتقۇچىسىدىن 10 مىڭنى قوبۇل قىلىدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دائىرىلەر يېزا مەكتەپلىرىدە قوش تىل مائارىپىنى كۈچەيتىش تەدبىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خىتاي ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى زورايتىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ھالبۇكى بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇيغۇر مائارىپ سۈپىتىنىڭ بارغانچە تۆۋەنلەۋاتقانلىقى ھەققىدىكى پىكىر-ئىنكاسلار كۆپەيمەكتە. ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ئۇيغۇر ئېلى ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇر پىداگوكلار ھەمدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا ئەندىشە قوزغىماقتا.

خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىن تارقىتىدىغان شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق 2016-يىللىق مائارىپ خىزمىتى يىغىنى 19-يانۋار ئېچىلغان بولۇپ،يىغىندا بۇ يىل ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى مائارىپنىڭ سىياسىي تەلىپى بويىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزا، كەنتلەردە يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 10 مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن.

خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ 12-بەش يىللىق پىلانى مەزگىلىدە، دائىرىلەر جەمئىيەتتىن يەسلى شۇنداقلا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن 72 مىڭ 600نى تەكلىپ قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى تولۇقلىغان. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى زور كۈچ بىلەن يۇقىرى كۆتۈرۈپ ،بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى ۋە ئولتۇراق ئۆي فوندى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ جەنۇبتىكى يېزا، كەنتلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارغا 400 سومدىن پۇل تارقىتىپ بەرگەن. 2015-يىلىغىچە، ئاپتونوم رايوندا مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار 344 مىڭ 300 گە يەتكەن.

يېقىنقى 15 يىل ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى «قوش تىل» مائارىپى كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىلدى، بولۇپمۇ يېزا مەكتەپلىرىگە جەمئىيەتتىن يەنى پۈتۈن خىتايدىن قوش تىل تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچىلارنى سەپلەپ كەلدى. 2011-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، 30 مىڭ ئالاھىدە ئىش ئورنى تەسىس قىلىنىپ،مائاش تەمىناتىدا شۇ يەردىكى ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئوخشاش مۇئامىلە قىلىندى، ئۇلارنىڭ مائاش چىقىمىنى مەركەز مالىيىسى ئۈستىگە ئالدى ئۇنىڭ ئىچىدە «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرى 70% تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، 80% ئى يېزا مەكتەپلىرىگە تارقالغان.

شۇنداقتىمۇ دائىرىلەر،نۆۋەتتە يەنە، «جەنۇبىي شىنجاڭدا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىسى كەم بولۇش سەۋەبلىك، «قوش تىل» مائارىپى تەسىرگە ئۇچراۋاتىدۇ، شۇڭا، قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك دەپ كۆرسەتكەن.»

ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە خىتاي ئوقۇتقۇچىلار كۆپەيتىلىپ خىتايچە ئوقۇتۇش كۈچەيتىلگەندىن بۇيان، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مائارىپ قوبۇل قىلىش سەۋىيىسى بارغانچە تۆۋەنلەپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئوقۇتقۇچىلار خىتاي تىلى ئوقۇتۇشنىلا ئاساس قىلغان شەكلى ئۆزگەرگەن قوش تىل مائارىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا يۈك بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ نورمال ساغلام ئۈسۈپ يېتىلىشىگىمۇ بەلگىلىك يامان تەسىرلەر ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا، ئانىلارنىڭ ئوخشاش ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان ئىدى.

مائارىپتا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئۆزىنىڭ «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 1-، 2-قوشما سانىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە سەمىمىيلىك بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتكەن، قورغاس ناھىيىلىك-5 ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مائارىپ تەتقىقاتچىسى تۇرسۇنمۇھەممەت توختى مۇئەللىم، «بۈگۈنكى كۈندە كۈچەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان ۋە يولغا قويۇلۇۋاتقان قوش تىل مائارىپى ئۆزىنىڭ ئوربېتىسىدىن بارغانسېرى چەتنەپ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالماقتا. ھەممە ئادەمنى بىر قېلىپتا تەربىيەلەشكە ئۇرۇنۇش ھادىسىلىرى مەكتەپلەرنىڭ، جۈملىدىن ھەر خىل مىجەز-خاراكتېردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقى ۋە خاراكتېرىنى نابۇت قىلماقتا. مىللىي مائارىپىمىزدا باشنى قاتتۇرىدىغان، ھەل قىلىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەر كۆپىيىپ كەتتى، مىللىي مائارىپنىڭ سۈپەت مەسىلىسىنىڭ خىرىسقا دۇچ كەلگەنلىكى ئېڭى ئويغاق كىشىلىرىمىزنى ئەندىشىلىك ئويلارغا سېلىپ قويدى. مىللىي مائارىپ سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەر نۇرغۇن ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.، كەلگۈسىدە قانداق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش ھەقىقەتەن قىيىن.» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا تېز سۈرئەتتە «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش مائارىپىنى يولغا قويۇش ھەققىدىكى چاقىرىق-تەشۋىقاتلىرىدا مەكتەپلەردە خىتاي تىلى ئوقۇتۇشىنى يۈكسەلدۈرمەي تۇرۇپ، «قوش تىل» ئوقۇتۇشىنى ئۈنۈملۈك يولغا قويغىلى بولمايدۇ دەپ كۆرسىتىدۇ.

ئامېرىكىدىكى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئىلگىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مائارىپنىڭ ئىلمىيلىكنى تەلەپ قىلىدىغان زىل كەسىپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن «مائارىپ قانۇنىيىتىگە خىلاپ ھەرقانداق قىلمىش ئاخىر بېرىپ مىللەتنىڭ مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيانلارنى سالىدۇ. بولۇپمۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يەسلىدىن باشلاپ يۈرگۈزۈۋاتقان، ئىلمىيلىكتىن چەتنىگەن، شەكلى ئۆزگەرگەن، پەقەت خىتاي تىلىنىلا ئاساس قىلغان ھازىرقى قوش تىل مائارىپ سىياسىتى، قورۇمىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا نىسبەتەن مۆلچەرلىگۈسىز زىيان سالىدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/maarip/xitay-oqutquchi-02082016152251.html

Share
1528 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.