logo

trugen jacn

خىتاي مەھبۇسلىرىنىڭ ھاقارىتىگە قارشىلىق قىلغان ئىلھام توختىنىڭ كىشەن بىلەن جازالانغانلىقى ئاشكارىلاندى

image

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىلھام توختى ئەپەندى دېلوسىغا مەسئۇل ئىككى نەپەر ئادۋوكاتتىن ئادۋوكات لىيۇ شاۋيۈەن بۈگۈن «چەنيۈ» تورىدا ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، 4-سېنتەبىر ئەتىگەن ئىلھام توختى بىلەن كۆرۈشكىنىدە ئىلھام ئەپەندىنىڭ پۇتىغا كىشەن سېلىنغان ھالدا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان

ئادۋوكات لىيۇ شاۋيۈەن يەنە ئىلھام توختىنىڭ پۇتىغا نېمە ئۈچۈن كىشەن سېلىنغانلىقى ھەققىدە دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل ئېلىپ، مۇنداق بايانلارنى بەرگەن: ئىلھامنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ قامالغان كامىرىدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتىدىغان 7 نەپەر مەھبۇسنىڭ ھەممىسى ئاللىقاچان سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىنىپ بولغانلار بولۇپ، ئۇلار ئىلھام توختى بۇ كامىرىغا كىرگەن كۈندىن باشلاپلا ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىلھام توختىنى ھاقارەتلەشنى توختاتمىغان. 9-ئاۋغۇست كۈنى بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككىيلەن يەنە ئىلھام توختىنى ئەپسانە تىللار بىلەن تىللاپ ھاقارەتلىگەن ھەتتا ئۇنىڭ بېشىغا ئۇرغان. بۇ ئەھۋالدىن غەزەپلەنگەن ئىلھام توختى كامىرىدىكى سىگنال كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، تۈرمە دائىرىلىرىگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كامىرىغا كىرىپ كەلگەن مۇئاۋىن تۈرمە باشلىقى ۋە تۈرمە قاراۋۇلى«رەسمىي ئۇرۇش چىقماي تۇرۇپ نېمە دەپ سىگنال كۇنۇپكىنى باسىسەن» دەپ ئىلھام توختىنى ئەيىبلىگەن. ئۇلار چىقىپ كېتىشى بىلەنلا خىتاي مەھبۇسلار قايتىدىن ئىلھام توختىنى ھاقارەتلەشنى داۋاملاشتۇرغان، ئىلھام توختى ئۇلارغا قارشىلىق كۆرسەتكىنىدە بولسا، تۈرمە قاراۋۇللىرى ئىلھام توختىنى جېدەل چىقاردى دەپ پۇتىغا ئىشكەل سېلىپ جازالىغان

پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گۈزەلنۇر خانىم ئۆزىنىڭ، تۇتقۇندىكى ئىلھام توختىنىڭ بىر كامىرىدا ياتقان خىتاي مەھبۇسلىرىنىڭ ھاقارىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ قارشىلىق كۆرسەتكىنىدە، مۇئاۋىن تۈرمە باشلىقى قاتارلىقلارنىڭ ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئورنىغا ئىلھام توختىنى ئەيىبلەپ، ئۇنىڭغا «جېدەل چىقاردى» دېگەن گۇناھنى ئارتىپ، پۇتىغا ئىشكەل سېلىپ جازالانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغىنىدا قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى

ئادۋوكات لىيۇ شاۋيۈەن بۈگۈن يەنە رادىئومىز گۇاڭدۇڭ بۆلۈمى ۋە خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچى تۈرمە دائىرىلىرىدىن ئىلھام توختىنىڭ پۇتىغا سېلىنغان ئىشكەلنى ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان چاغدىكى تۈرمە دائىرىلىنىڭ ئىنكاسىنى بىلدۈردى

لىيۇ شاۋيۈەن مۇنداق دېدى: مەن تۈرمە دائىرىلىرىدىن ئىلھام توختىنىڭ پۇتىدىكى ئىشكەلنى ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلغىنىمدا، تۈرمە خىزمەتچىسى ماڭا «ئىلھام توختى كامىرىدا باشقىلار بىلەن ئۇرۇشقىنى ئۈچۈن پۇتىغا ئىشكەل سېلىندى، بۇ تۈزۈم بويىچە بولدى.» دەپ جاۋاب بەردى. ھالبۇكى مەن ئۇنىڭدىن «ئەمىسە ئىلھام توختى بىلەن ئۇرۇشقان ئىككى نەپەر خىتاي مەھبۇس نېمە ئۈچۈن جازالانمىدى؟» دەپ سورىغىنىدا تۈرمە خادىمى سوئالىمنى جاۋابسىز قالدۇردى. ئۇلار قانۇننى ئىجرا قىلغۇچىلار تۇرۇپ قانۇننى بۇزۇۋاتىدۇ

گۈزەلنۇر خانىم ئىلھام توختى ئەپەندى بىلەن بىر كامىرىغا قامالغان خىتاي مەھبۇسلىرىنىڭ قىلمىشى ھەققىدە توختىلىپ، دائىرىلەرنىڭ ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان، ئۇنىڭغا مۇسۇلمانچە بولمىغان يېمەكلىكلەرنى بېرىش، ئاچ قويۇپ جازالاش ۋاسىتىلىرىنى قوللانغاندىن باشقا ئىلھام ئەپەندىنى زەھەر ئەتكەسچىلىكى، باسقۇنچىلىق قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلار بىلەن بىر كامىرىغا قاماش ئارقىلىق، ئىلھام ئەپەندىگە مەھبۇسلار ئارقىلىقمۇ زەربە بېرىپ، ئۇنى روھى جەھەتتىن ئازابلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ئادۋوكات لىيۇ شاۋيۈەن ۋە گۈزەلنۇر خانىملارنىڭ بايانىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلھام ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ يېقىندىن بۇيان سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئوڭ تەرىپى سانجىپ ئاغرىيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، تۈرمە دائىرىلىرىگە ئېيتىپ دوختۇرغا كۆرۈنۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تەلىپىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان

ئادۋوكات لىيۇ شاۋيۈەن ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن كۆرۈشكىنىدە، 7-سېنتەبىر ئېچىلىدىغان سوتتىن ئىلگىرىكى يىغىنغا ئەيىبلەنگۈچى ئىلھام توختىنىڭمۇ قاتنىشىشىنى قايتا تەلەپ قىلغانلىقىنى، سوت دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ تەلىپىنى ئويلىشىپ باقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتە كەسكىن جاۋاب بەرمىگەنلىكى، ئىلھام ئەپەندى دېلوسىدىكى ماتېرىياللارنى دەسلەپكى قەدەمدە كۆرۈپ چىقىشنىڭ تاماملانغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنىمۇ بىلدۈردى

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 15-يانۋار ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئىلھام توختى دېلوسىدا ئاقلىغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان باش ئادۋوكات لى فاڭپىڭ جۈمە كۈنى ئۈرۈمچىگە ماڭىدىكەن

لى فاڭپىڭ ئەپەندى ئىلگىرى مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئىلھام توختى دېلوسىدا ئادۋوكاتلىقىنى ئۈستىگە ئالغاندىن بۇيان ئۈزلۈكسىز ھالدا دائىرىلەرنىڭ ھەر خىل بېسىمى ۋە توسقۇنلۇقلىرىغا ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/ilham-toxti-09042014153619.html

Share
1656 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.