logo

trugen jacn

خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ قورچاق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشتا كۆزدە تۇتقان ئامىللىرى

تارىم توغراق

 

خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ قورچاق كومپارتىيە ھۆكۈمىتى (كومھۆكۈمىتى) خىتاي ئىمپېرىيەسىدە ئۆزى تۈزىگەن «خىتاي دۆلىتى»نى بىرخىل ئىدېئولوگىيەلىك- فېئودال خىتاي كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيەلىك، بىر خىل مىللەتلىك- فېئودال خىتاي مىللەتلىك، بىر خىل مەدەنىيەتلىك-  فېئودال خىتاي مەدەنىيىتىدىكى بىر دۆلەت بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت مۇدھىش ئىستراتېگىيەلىك «ئۇلۇغۋار پىلانى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن بۇ پىلاننىڭ ئاساسىي قىسىمى بولغان مۇستەملىكىسى– شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كىملىكى- بىيولوگىيەلىك ۋە ئىجتىمائىي كىملىكلىرىنى يوقىتىشتىن باشلىدى. خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ كومھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كىملىكىنى يوقىتىشقا بۇنداق جىددىي، كەسكىن ۋە ۋەھشىيلەرچە تۇتۇش قىلىشىغا تۈرتكە بولغان ئاساسىي ئامىل ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنى بولغان شەرقىي تۈركىستاننى ئەبەدىي ئىگىلەپ ئېلىشتىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى بىر قانچە ئامىللارغا مەركەزلەشتۈرۈشتۇر مۇمكىن.

 

مىللىي زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشى

 

خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ كومھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇزۇن مۇددەت يۈرگۈزگەن ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى خاتا مىللىي سىياسىتى بۇ جايدا يەرلىك مىللەتلەر بىلەن خىتاي مىللىتى ئارىسىدا  كېلىشتۈرگۈسىز مىللىي دۈشمەنلىك ھېسسىياتىنى كەلتۇرۇپ چىقاردى.  بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ كومھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە  دۆلەت ئىچىدىكى تەشۋىقاتلىرى ۋە ئۇيغۇر خەلقىغە تۇتقان پوزىتسىيەسى پۈتكۈل خىتاي مىللىتى بۇيىچە ئۇيغۇر مىللىتىگە بولغان بۇ خىل دۈشمەنلىك كۆز قارىشىنى پەللىگە چىقاردى. خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل مىللىي زىددىيەت (ئۆچمەنلىك) ئۈرۈمچى «5- ئىيۇل ۋەقەسى»دە ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى.

ئامېرىكىدىكى بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى پىتىر مارتېن ئۆز زىيارەت ماقالىسىدا يازغاندەك «خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتى چوڭقۇر ھاڭ بارلىقىنى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلغاندەك ‹كاللىسى ئاددىي ۋە ئاسانلا رادىكال ئىدىيەلەرگە ئىشىنىپ كېتىدىغان› دەپ قارايدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ ئۈرۈمچىگە بارىدىغان پويىزدا پېنسىيەگە چىققان 69 ياشلىق سەي فامىلىلىك بىر خىتاي كىشى بىلەن پاراڭلىشىپ قالغان بولۇپ، ئۇ مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلچىلىكمۇ ھېسداشلىق قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.  ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ سۆزلەشكەن ھەممە خىتايلار يۇقىرىدىكى سەي فامىلىلىك خىتايغا ئوخشاش سۆزلەرنى قىلغان بولۇپ، ئۇلار ھەممىسى ئۇيغۇرلارنى ‹سادىق ئەمەس›  دەپ قارايدىكەن. ».

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كومھۆكۈمەت دائىرىلىرى خىتاي مىللىتى بىلەن يەرلىك مىللەتلەر بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىتى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل مىللىي زىددىيەت ھەمدە بۇ زىددىيەتلەر ۋەجىدىن سادىر بولغان مىللىي توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىشقا قۇربى يەتمەي، مەركىزىي خىتاي ھۆكۈمىتىگە توختىماي شىكايەت قىلغان ۋە ئۇيغۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا دەۋەت قىلغان ھەمدە  بۇ ھەققىدە چارە- تەدبىرلەرنى كۆرسەتكەن .

                                                        

 مىللىي زۇلۇمغا قارىتا قارشىلىقلارنىڭ پەيدا بولۇشى

 

خىتاي  كومپارتىيەسى ۋە  ئۇنىڭ كومھۆكۈمىتى  شەرقىي  تۈركىستاننى  ئىشغالىيەت  قىلغاندىن  تارتىپ   باشتىن  ئاخىر  يەرلىك مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە يوقىتىشتىن ئىبارەت باش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەنلىكى تۈپەيلى بۇ رايوندا سىياسىي باستۇرۇش، ئادالەتسىزلىك، مىللىي تەڭسىزلىك، مىللىي زۇلۇم، مىللىي كەمسىتىش ۋە دىنىي ئېتىقادنى باستۇرۇش كۈنسايىن ئېغىرلىشىپ كەتتى. مىللىي زىددىيەت ئىنتايىن كەسكىنلەشتى. بۇ ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئاقىۋىتىدە يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەر خىل ۋاسىتىلار بىلەن بۇ خىل ئادالەتسىزلىك، مىللىي باراۋەرسىزلىك، مىللىي زۇلۇم، مىللىي كەمسىتىش ۋە دىنىي ئېتىقادنىڭ باستۇرۇلۇشىغا قارىتا قارشىلىق كۆرسىتىشلىرى كۈنسېرى كۆچەيدى. خىتاي كومھۆكۈمىتى بۇ مىللىي قارشىلىق كۆرسىتىشلەرگە قارىتا ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ ماھىيەتلىك خاراكتېرى بولغان ھاكىمىيەت كۈچى- قوراللىق باستۇرۇش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ كەلدى. خىتاي دائىرىلىرى بۇ بىر قاتار مىللىي مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ۋە مۇۋاپىق ھەل قىلىش چارە- تەدبىرلىرىنى زادىلا ئويلاشمىدى. ئۇلارنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيەسى ئاخىرى بېرىپ قىسمەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچىلىقسۆيەر ئۇيغۇر خەلقىگە يات بولغان ناتوغرا يول- رادىكاللىق ۋە زوراۋانلىق يوللىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقلىرىنىڭ ئىپادىلىشىگە ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن خىتاي كومھۆكۈمىتى خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىپ، «شىنجاڭ»دا سادىر بولغان ئانچە-مۇنچە «زوراۋانلىق» ۋەقەلىرىنى دەستەك قىلىۋېلىپ، مۇستەملىكە قىلىۋالغان  شەرقىي تۈركىستاندا ئەزەلدىن يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان يەرلىك مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ياكى يوقىتىشتىن ئىبارەت سۇيىقەستلىك پىلاننى تېز سۈرئەتتە تاماملاشنى قارار قىلىپ، ھازىرقى زاماندا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىنسانىيەت قېلىپىدىن چىققان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى روياپقا چىقاردى.

 

ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە  ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى

 

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ  80-يىللاردىن كېيىن خىتايدا خىتاي كومھۆكۈمىتى ئۆز ئېھتىياجى تۈپەيلى «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش» ۋە «دۆلەت كونتروللۇقىدىكى ئەركىن بازار ئىگىلىك تەدبىرى» قاتارلىق بىر قاتار يېڭى سىياسەتلەرنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى بىلەن گەرچە خىتاي كومھۆكۈمىتىنىڭ ھەر تەرەپلىمە قاتتىق چەكلىمىلىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلىرىدە زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاجايىپ بىر گۈللىنىش  ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. بۇ گۈللىنىش ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت ئېڭىنىڭ كۈچىيىشى، ئۇيغۇر مىللىي ئىگىلىكى ۋە مىللىي بۇرژۇئا  تەبىقىسىنىڭ شەكىللىنىشى، ئىسلام ئېتىقادچىلىقىنىڭ ئومۇمىييۈزلۈك نورمال ھالەتتىكى ئىپادىلىنىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەيسەرلىك، چىداملىق ۋە ئىلىم-مەرىپەتپەرۋەرلىكتىن ئىبارەت ئېسىل خىسلەتلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ شىجائەت، تىرىشچانلىق  ۋە ئىستېداتلىق خىزمەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر مىللىتىدە ئاجايىپ بىر مىللىي گۈللىنىش ۋۇجۇدقا چىقتى. بۇ گۈللىنىشنىڭ نەتىجىسىدە ئىلىم-پەن ساھەسىدە ئۇيغۇر مىللىتى ئىچىدە دۇنياۋى سەۋىيەدىكى دوكتور تاشپولات تېيىپ، دوكتور خالمۇرات غۇپۇر، دوكتور ئەركىن سىدىق ۋە دوكتور رىشات ئابباس قاتارلىق كۆپلىگەن ئالىملار بارلىققا كەلدى. بولۇپمۇ ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە ئابدۇكېرىم راخمان، ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى، دوكتور راھىلە داۋۇت قاتارلىق ئۆز مىللىتىنىڭ ئېتنوگرافىيەسى، تارىخى، ئارخېئولوگىيەسى، تىل-يېزىقى، مەدەنىيىتى، ئەدەبىيات-سەنئىتىنى پۇختا بىلىدىغان، دۇنياۋى سەۋىيەدىكى نادىر ئالىم ۋە تەتقىقاتچىلار بارلىققا كەلدى. ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتى ئاجايىپ بىر «ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرى»نى باشتىن كەچۈردى. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىيات-سەنئىتى مۇكەممەللەشتى ۋە تاكامماللاشتى. ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت تارىخىي رومانلارنى يازدى. سەنئەت ۋە تەنھەرىكەت ساھاسىدە ناخشىچى ئابدۇرېھىم ھېمىت ۋە سەنۇبەر تۇرسۇن،كومېدىيەنى ئابدۇرېھىم ئابلىز، پۇتبول چولپىنى ئىرفان ھېزىم… قاتارلىق ئاتاقلىق سەنئەتچى ۋە تەنھەرىكەتچىلەر مەيدانغا كەلدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنوگرافىيەسى،تارىخى، ئارخېئولوگىيەسى،تىل-يېزىقى، مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىيات-سەنئىتىگە دائىر نۇرغۇنلىغان قەدىمىي مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ رەتلىنىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى ياكى يەشمىسى بىلەن نەشر قىلىنىشى، ئۇيغۇرلارغا ئائىت سەرخىل كىتابلارنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە چەتئەللەردە نەشر قىلىنىشى، «شىنجاڭ»نىڭ ھەر قايسى جايلىرىنىڭ تەزكىرىسىنىڭ يېزىلىشى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق-ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ تارىخىغا دائىر نۇرغۇن ماقالىلەر ۋە كىتابلارنىڭ نەشر قىلىنىشى، ھەر خىل ئىلمىي ژۇرناللارنىڭ نەشرى قىلىنىشى قاتارلىق خىزمەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىتىنى تونۇپ يېتىشىدە ئىنتايىن زور رول ئوينىدى.

«ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش» ۋە «دۆلەت كونتروللۇقىدىكى ئەركىن بازار ئىگىلىك تەدبىرى» قاتارلىق بىر قاتار يېڭى سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن  ئۇيغۇر مىللىي سودا- سانائىتىمۇ تەرەققىي قىلدى. ئۇيغۇر مىللىي ئىقتىسادىنىڭ نىسپىي ھالدا تەرەققىي قىلىشى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكىلىك رول بولدى.

قىسقىسى، ئۇيغۇر مىللىتى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30- 40- يىللىرى ئۆز مىللىتى- ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كىملىكى ۋە بىر مىللەتنىڭ ماھىيەتلىك ئامىللىرى- تارىخى، تىل-يېزىقى ۋە مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى دەسلەپكى قەدەمدە تونۇپ يەتكەن بولسا، بۇ قېتىمقى «ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرى»نى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۆز مىللىتىنى گورىزونتال ۋە ۋېرتىكال سىزىقلار بۇيىچە چۈشەندى، تەلتۆكۈس ئويغاندى، مىللىي ئېڭى كۈچەيدى ۋە گەۋدىلەندى، مىللىي ئويغىنىشى شەكىللەندى.

لېكىن،خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ كومھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مىللىتىدە شەكىللەنگەن بۇ خىل ۋەزىيەتنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە بولغان  بىر خىل تەھدىت ۋە خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ تونۇدى.

 

ئۇيغۇر مىللىي ئىگىلىكى ۋە مىللىي بۇرژۇئا  تەبىقىسىنىڭ شەكىللىنىشى

 

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى  خىتايدا «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش» ۋە «دۆلەت كونتروللۇقىدىكى ئەركىن بازار ئىگىلىك تەدبىرى» قاتارلىق بىر قاتار يېڭى سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ كومھۆكۈمىتىنىڭ شەخسىي ئىگىلىككە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتىدە خانىۋەيران بولغان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مىللىي ئىگىلىكى ۋە ئۇيغۇر مىللىي بۇرژۇئازىيە تەبىقىسى  قايتا تىكلىنىشكە  باشلىدى.

بىر نەچچە ئون يىل ئىچىدە ئۇيغۇر مىللىي ئىگىلىكى تېز تەرەققىي قىلدى. مىللىي سودا-سانائەتچىلەر سودا ۋە سانائەتنىڭ ھەر ساھەلىرىدە قويۇق مىللىي تۈسنى ئالغان شىركەتلەرنى قورۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان يەرلىك شىركەتلەر، زاۋۇت-كارخانىلار، چوڭ سودا دۇكانلار، مېھمانخانا ۋە رېستورانلار بارلىققا كەلدى.

چېگرا سودىسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن مىللىيلارنىڭ چەت ئەللەر بولۇپمۇ تۈركىيە ۋە ئورتا ئاسىيادىكى تۈرك رېسپۇپلىكىلارغا بېرىپ بىۋاسىتە سودا قىلىش ياكى شىركەتلىرى بىلەن ئۆزئارا سودا قىلىش ئىمكانىيەتلىرى بارلىققا كېلىشى بىلەن چەت ئەللەر بىلەن سودا قىلىدىغان بىر تۈركۈم مىللىي شىركەتلەر قۇرۇلدى. بۇ شىركەتلەر ئۆز نۆۋىتىدە مىللىي ئىگىلىكنى خەلقئارالاشتۇرۇش ۋە مىللىي ئىگىلىكنى كۈچلەندۈرۈش رولىنى ئويناش بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستانلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تونۇلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

ئۇيغۇر مىللىي ئىگىلىك ۋە مىللىي سودا-سانائىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ مىللىي سودا- سانائەتچىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر مىللىي بۇرژۇئا تەبىقىسىمۇ شەكىللەندى. مىللىي ئىگىلىكنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە راۋاجلىنىشى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۇيغۇر مىللىي ئىقتىسادىي ئاساسىغا ئاساس سالدى. بۇ ئىقتىسادىي ئاساس ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر مىللىي ئۈستقۇرۇلمىنى تەرەققىي قىلىشى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قايتا ئويغىنىشىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرگە ئىسلام دىنىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قويۇق تۈس ئېلىشىغا ھەمدەمدە بولدى.

ئۇيغۇر مىللىي ئىگىلىكىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى، راۋاجلىنىشى ۋە خەلقئارالىشىشى ھەمدە ئۇيغۇر مىللىي بۇرژۇئا تەبىقىسىنىڭ قايتا پەيدا بولۇشى خىتاي كومپارتىيە ۋە ئۇنىڭ كومھۆكۈمىتىنى زور بىر ۋەسۋەسىگە چۈشۈرۈپ قويدى. چۈنكى بۇ مىللىي ئىگىلىك ئۆز نۆۋىتىدە ئەسلىدىلا خىتايلارنىڭ كىملىك ئالاھىدىلىكلىرىدىن ئۆزگىچە پەرقلىق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلۇق (كىملىك) ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى ۋە روشەنلەشتۈردى. بۇ ئىجتىمائىي ھادىسە خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ كومھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرك مىللەتلىرىنى جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنى ئوڭۇشلۇق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشى ئۈچۈن زور توسالغۇ بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندا سادىر بولغان بارماقتا سانىغۇدەك «تېررورلۇق ۋەقە»لىرىنى دەستەك قىلىۋېلىپ، خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، شەرقىي تۈركىستانلىق تۈركلەرنى بىر توقماق بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇزۇن يىللارغا سوزۇلىدىغان «ئاسسىمىلياتسىيە ۋەزىپە»سىنى ئاياغلاشتۇرماقچى بولدى.

 

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت ئېڭىنىڭ كۈچىيىشى

 

خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ كومھۆكۈمىتىنىڭ «ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى» ۋە «دۆلەت كونتروللۇقىدىكى ئەركىن بازار ئىگىلىك تەدبىرى»نىڭ يۈرگۈزۈلۈشى ۋە ئۇيغۇر مىللىي بۇرژۇئازىيە تەبىقىسىنىڭ  قايتا شەكىللىنىشىنىڭ تۈرتكىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىدە 2- قېتىملىق مىللىي ئويغىنىش بارلىققا كەلدى. بۇ مىللىي ئويغىنىش 1980- يىللارنىڭ  بېشىدىن باشلىنىپ تا 2016- يىلىنىڭ ئاخىرغىچە ئۇزۇن بىر تارىخى دەۋرنى بېشىدىن كەچۈردى. گەرچە بۇ دەۋر جەريانىدا بۇ مىللىي ئويغىنىش خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ كومھۆكۈمىتىنىڭ ھەر تەرەپلىمە قاتتىق  چەكلىمىلىرىگە ئۇچراپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر مىللىتى تارىختا كۆرۈلمىگەن نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت روھىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە كۆتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىكى ھەققىدە ئىدراكىي تونۇش يۈكسەك دەرىجىگە يەتتى.

ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىكى بۇ خىل  مىللەتپەرۋەرلىكىدىن ئىبارەت مىللىي  ئويغىنىشنىڭ پەيدا بولۇشىنى خىتاي كومپارتىيەسى ۋە كومھۆكۈمىتى ئۆزىگە بولغان بىر تەھدىت دەپ چۈشەندى. بۇ مىللىي ئويغىنىش خىتاي ھۆكۈمدارلىرىنىڭ كۆزلىرىگە ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئەرۋاھلىرى كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ئانچە-مۇنچە «زوراۋانلىق» ۋەقەلىرىنى دەستەك قىلىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى بۇ مىللەتنىڭ مۇقەددەس ئانا زېمىنىدىن يوقىتىشنى قەستلىدى.

 

ئىسلام ئېتىقادچىلىقىنىڭ ئومۇمىييۈزلۈك نورمال ھالەتتىكى ئىپادىلىنىشى

 

گەرچە خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ كومھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل دىنلارغا قارىتا قاتتىق چەكلىمىلىرى ۋە  باستۇرۇشلىرى مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن خىتايدا «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش»  ۋە «دۆلەت كونتروللۇقىدىكى ئەركىن بازار ئىگىلىك تەدبىرى» قاتارلىق بىر قاتار يېڭى سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمان تۈرك مىللەتلەر ئېتىقاد قىلىدىغان ئىسلام دىنى 70 يىلدىن  بۇيان كۆرۈلمىگەن ئاجايىپ بىر «گۈللىنىش دەۋرى»نى باشتىن كەچۈردى. مۇسۇلمان كىشىلەرنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرى كەڭ دائىرىدە قانات يايدى ۋە ئومۇملاشتى. بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەلۋەتتە بەھرىمەن بولىدىغان كىشىلىك ھوقۇقى ئىدى.

ھەشەمەتلىك مەسچىتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا كۆپلەپ مەسچىتلەر سېلىندى. ئىسلام دىنىنىڭ پەرزلىرىنى ئادا قىلغۇچىلار زور دەرىجىدە كۆپەيدى، ئەمەلىي ئىبادەتچىلەر كۆپەيدى، مەسچىتلەر جۈمە نامىزىنى ئوقۇيدىغان ياشلار  بىلەن تولىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئوتتۇرا ياشلار ۋە ياشانغان كىشىلەرنىڭ ھەرەمگە بېرىپ ھاجى بولۇشى ئومۇمىييۈزلۈك ئەھۋالغا ئايلاندى. كىچىك بالىلارنى ئىسلام دىنىنىڭ روھى بىلەن تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىش باشلاندى. ھەر خىل ئىسلامىي مۇراسىملار كەڭ- كۇشادە ئېلىپ بېرىلدى.

ئىسلام دىنىغا ئائىت كىتابلار كەڭ تۈردە نەشر قىلىندى. ئىسلام دىنىي بۇيۇملىرى بازارلاردا كەڭ كۆلەمدە سېتىلدى. مۇسۇلمانچىلىقنى تەشۋىق قىلىش ئەۋج ئالدى. قىسمەن يەر ئاستى دىنىي مەكتەپلەرمۇ بارلىققا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستان تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىدا شەكىللەندۈرگەن ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام دىنىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى ۋە مەدەنىيەت  ئالاھىدىلىكىگە يات بولغان باشقا ئىسلام دۆلەتلەرنىڭ ئىسلام  مەدەنىيىتىدىكى بەزى دىنىي ئادەتلىرى ۋە دىنىي تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوشۇۋېلىشتەك ئەھۋاللارمۇ پەيدا بولدى.

خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ كومھۆكۈمىتى «شىنجاڭ»دا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان زور كۈچ بىلەن چەكلەپ كەلگەن دىنىي ئىشلار- ئىسلام دىنىنىڭ ياشلار ئارىسىدا نىسبەتەن كەڭ تارقىلىشى، نورمال ئىسلام ئېتىقادچىلىق پائالىيەتلەرنىڭ كۆپىيىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ نورمال ئېتىقادچىلىقى ئۈچۈن كېرەكلىك ئىسلامىي بۇيۇملارنىڭ نىسبەتەن كەڭ تارقىلىشى قاتارلىق ئىشلار تۈپەيلى  شەرقىي تۈركىستاندا مىللىيلار ئارىسىدا بىر مەزگىل ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا كۆرۈلمىگەن، ئۇلار بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھەققانىي، نورمال قويۇق ئىسلام تۈسى شەكىللەندى.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيەسى بىلەن زىت بولغان ئىسلام دىنى ئىدېئولوگىيەسىنىڭ «شىنجاڭ»دا مۇنداق بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ھالدا كەڭ رەۋىشتە راۋاجلىنىشى ۋە كۈچلىنىشى خۇددى فالۈن گوڭغا ئوخشاش خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ كومھۆكۈمىتى ۋەھىمىگە سېلىپ قويدى. ئۇلار ئىسلام دىنىنىڭ خىتايدا بولۇپمۇ «شىنجاڭ»دا مەۋجۇت بولۇشى ۋە ئومۇمىييۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيىتىگە بولغان  بىر خىل تەھدىت كۈچ دەپ ھېسابلاپ خىتايدا بولۇپمۇ «شىنجاڭ»دا سادىر بولغان قىسمەن «تېررورلۇق» ۋەقەلىرىنى دەستەك قىلىۋېلىپ، «ئىسلام دىنىنى تېررورلۇقنىڭ مەنبەسى»،«ئۇيغۇرلار تېررورلۇقنىڭ ماكانى» دېگەن سەپسەتىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، خىتايدا ئىسلام دىنى ۋە «شىنجا»دا تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنى بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنى تەلتۆكۈس يوقىتىش نىيىتىگە كېلىپ، 21- ئەسىردە دۇنيادا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى روياپقا چىقاردى.

 

ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى

 

شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي مىللەتلەر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇ خەلقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئۆزى تارىخىدىن بۇيان چىڭ ئىمپېرىيەسى ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرى ئۈچۈن بىر تەھدىت بولۇپ ھېسابلىنىپ كەلگەن.

مەنچىڭ ئىمپېرىيەسى ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرى مۇستەملىكە قىلىۋالغان زېمىنلارنى مەڭگۈلۈك خىتاي دۆلىتىنىڭ زېمىنى قىلىۋېلىش ئۈچۈن يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە يوقىتىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن.

يېقىنقى نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى، ئۆزلىرىنى تەلتۆكۈس تونۇپ يېتىشى ۋە زامانىۋىلىشىشى بىلەن بۇ مىللەتنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بىر گەۋدە بولۇپ شەكىللىنىشى خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ كومھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنى زور تۈركۈمدە شەرقىي تۈركىستاندا يەرلەشتۈرۈشىگە چوڭ توسالغۇ بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ كومھۆكۈمىتى خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەر تەرەپلىمە تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق ئاز سانلىق كىشىلەر تەرىپىدىن سادىر بولغان ئانچە- مۇنچە «زوراۋانلىق» ۋەقەلىرىنى دەستەك قىلىۋېلىپ، خىتاي خەلقى ۋە خەلقئارا جامائەتكە ئۇيغۇرلارنى «تېررورچى»، «ئىسلام دىنىنى تېررورلۇقنىڭ مەنبەسى» ۋە «شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېررورلۇقنىڭ قارا بۇلۇتلىرى قاپلاپ كەتتى»  قىلىپ كۆرسىتىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي مىللەتلەرنى جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنى يوق قىلۋېتىشتەك ئىنسانىيەتكە قارشى رەزىل ئىشقا قول سالدى.

قىسقىسى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۇپراق ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنى بۈگۈنكى كۈندە تېز سۈرئەتتە يوقاتمىسا، ئۇزۇن بولمىغان كەلگۈسىدە بۇ مۇستەملىكىسىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ كومھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىشتىن ئىبارەت ئىنسانىيەتكە قارشى بولغان  بۇ ۋەھشىيانە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قول سالدى.

2019- يىلى دېكابىر

 

Share
1933 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.