logo

trugen jacn

خىتاي كومپارتىيىسى يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلگەندىن كېيىن ئايدىڭلاشقان قىسمەن ھەقىقەتلەر

نەزەر

    2020-يىلى  19-نويابىر ئا ق ش تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېئو ئا ق ش ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن خىتاي كومپارتىيسى ۋە ئۇنىڭ كومھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلىرىغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان دەھشەتلىك ۋە ۋەھشىي كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىپ، بۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى بىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى جاكارلىشى ئىنتايىن زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەر ۋە تەرەققىيپەرۋەر، دېموكراتىكپەرۋەر دۇنيا جامائەتچىلىكىگە مىسلىسىز ئىلھام ۋە ئۈمىد بېغىشلاش بىلەن بىرگە دۇنيانىڭ ھامان دېموكراتىيە يۆنىلىشى بۇيىچە تەرەققىي قىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپلا قالماستىن، مۇستەبىت ھاكىمىيەت ۋە دىكتاتورلارنىڭ قاچانلا بولمىسۇن، ئۆزلىرى ئۆتكۈزگەن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

مىنىستىرى پومپېئو ئۆز جاكارنامىسى (قارارى) ھەققىدە يازغان «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «… ئەستايىدىل ئويلانغاندىن كېيىن بۈگۈن شۇنى جاكارلايمەنكى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە كونتروللۇقى ئاستىدىكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھالدا قازاق ۋە قىرغىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭلىق ئۇيغۇرلارغا ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان باشقا مىللەتلەرگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. بۇ جاكارنامە پۈتكۈل يەر شارى مىقياسىدا كۆپ يىللىق ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىمىزنىڭ، ھۆكۈمەتلەردىن ۋە غەيرى ھۆكۈمەتلەردىن تەشكىل تاپقان شېرىكلىرىمىزنىڭ بۇ قورقۇنچلۇق چۈشنى ئىسپاتلىشىنىڭ، شۇنداقلا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىككى پارتىيىنىڭ قوللىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر…».  (  ئۇيغۇر پروجېكتى فوندىنىڭ ئەپكار ژۇرنىلى « ئۇيغۇرلار» نىڭ 1- سانىدا بېسىلغان « خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ماۋزۇلۇق ماقالىدىن ئېلىندى.)

مىنىستىرى پومپېئو يەنە بۇ جاكارنامىنى ئېلان قىلىشىنىڭ تۇلۇق پاكىت ئاساسلىرى بارلىقى ۋە ئا ق ش ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ»دا ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي دەپسەنچىلىكنى ئىزچىل كۆزىتىپ كەلگەنلىكى ھەمدە بۇ مەسىلىدە ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەتلەردە بولۇپ كەلگەنلىكنى شەرھلەپ مۇنداق دېدى:

«ھۆكۈمىتىمىز ئۆتكەن تۆت يىلدا مېڭە يۇيۇش ۋە ۋەھشىيلەرچە كۈچ ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى خەلقلەرنى ئۇزاق يىللاردىن بېرى دەپسەندە قىلىپ كەلگەن. ماركسىزم-لېنىنىزم ئىدېئولوگىيەسىنىڭ دالدىسىغا ئۆتۈۋالغان خىتاي كوممۇنىستىك رېجىمىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، بۇ رېجىمنى ئۇنىڭغا لايىق ناملار بىلەن ئاتاپ كەلدى. ھۆكۈمىتىمىز خىتاي  كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ شىنجاڭ زېمىنىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان رەزىل سىياسەتلىرىگە ئالاھىدە دىققەت ئاغدۇرۇپ كەلدى. بىز ھەر قانداق دىنىي ئېتىقادقا ئىگە توپلۇملارغا دائىما قاتتىق دۈشمەنلىك بىلدۈرۈپ كەلگەن خىتاي  كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى خەلقلەرگە قارشى بارغانچە كۈچەيتىۋاتقان زۇلۇملىرىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىپ تۇردۇق.

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەھشىيانە ھەرىكەتلىرىنى ئېچىپ بېرىدىغان قولىمىزدىكى دەلىل-پاكىتلار شىنجاڭنى ئىدارە قىلىۋاتقان يەرلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەچچە ئون يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارغا ۋە قازاق، قىرغىز قاتارلىق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى خەلقلەردە قارشى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان زۇلۇمىنى 2017-يىلى مارت ئېيىدىن ئېتىبارەن كۈچلۈك رەۋىشتە ئاشۇرغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.».  ( ئۇيغۇر پروجېكتى فوندىنىڭ ئەپكار ژۇرنىلى « ئۇيغۇرلار» نىڭ 1- سانىدا بېسىلغان «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايىتىگە قارشى مايىك پومپېئونىڭ قارارى » ماۋزۇلۇق ماقالىدىن ئېلىندى.)

مەزكۇر جاكارنامە (قارار) زامانىمىزدىكى ئىرقىي دەپسەندىچىلىك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى كۈرەشكە يول كۆرسەتكۈچى نۇرلۇق ماياك بولۇپ قالغۇسى!

بۇ مەزكۇر قارارنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ھازىرغىچە مۈجمەل بولۇپ كېلىۋاتقان تۆۋەندىكى بىر قانچە  پىرىنسىپال مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى:

دېموكراتىيە ۋە دۆلەت مەنپەئەتى مەسىلىسى:  بۇ قاراردا دېموكراتىيە بىلەن دۆلەت مەنپەئەتى مۇناسىۋىتىگە قارىتا توغرا جاۋاب بېرىلدى. ھەقىقىي دېموكراتىك تۈزۈم ئورنىتىلغان ھەمدە بۇ دېموكراتىك تۈزۈم ھەقىقىي ئىجرا قىلىنىدىغان دۆلەتلەردە دۆلەت مەنپەئەتى بىلەن دېموكراتىيە ھەر قاچان بىر گەۋدە بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. دېموكراتىيە دۆلەت مەنپەئەتىدە دائىم ئۆز ئەكسىنى تاپىدۇ. مەزكۇر قارارنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى بولسا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كونسىتتۇتسىيىسىنىڭ تۈزۈلۈشىگە ئاساس بولغان پىرىنسىپ «ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسى»دىكى «بىز تۆۋەندىكىدەك قىل سىغمايدىغان ھەقىقەتلەرگە ئىشىنىمىزكى، ھەممە ئادەم تۇغۇلۇشىدىنلا باراۋەر يارىتىلغاندۇر، ھەممە ئادەمگە ياراتقۇچىسى تەرىپىدىن ھېچكىم دەخلى-تەرۇز قىلالمايدىغان ھايات كەچۈرۈش، ئەركىنلىك ۋە بەخت ئىزدەش قاتارلىق ھوقۇقلار بېرىلگەن. بۇ ھوقۇقلارنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتلەر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئادىل ھۆكۈمرانلىقى خەلقنىڭ رازىلىقى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن بولۇشى كېرەك.»دىن ئىبارەت. (ئۇيغۇر پروجېكتى فوندىنىڭ ئەپكار ژۇرنىلى « ئۇيغۇرلار» نىڭ 1- سانىدا بېسىلغان «ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» ماۋزۇلۇق ماقالىدىن ئېلىندى.) دۇنيانىڭ ھەقىقىي دېموكراتىيىسىنىڭ سىمۋولى بولغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتى دېموكراتىيىنىڭ ماھىيەتلىك قىممىتى بولغان كىشىلىك ھوقۇقنى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئىزچىل قوغداپ ھىمايە قىلىپ كەلمەكتە.  بۇ مەزكۇر قارار ئا ق ش ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا دېموكراتىيىسى ئۈچۈن كۈرەش  قىلىش ۋە ھىمايە قىلىش جەھەتتە زامانىمىزدا چىقارغان ئەڭ مەشھۇر بىر ھۆججىتىدۇر.

ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىكى تايانچ كۈچ مەسىلىسى : مەزكۇر قارار بىر قانچە يىلدىن بۇيانقى چەتئەللەردىكى قىسمەن ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرى ۋە قىسمەن ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان «<ئۇيغۇر مەسىلىسى>  ھەل قىلىشتا ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىشىمىز كېرەك، چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى ئىشەنچسىز، بۇ ھۆكۈمەتلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئۆز دۆلەت مەنپەئەتلىرىدىن ۋاز كېچەلمەيدۇ.» دېگەندىن ئىبارەت چۈشەنچىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىر كۆز قاراش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. نۆۋەتتىكى خىتاي دۆلىتى، خەلقئارالىق ۋەزىيەت،چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئەمەلىيىتى «ئۇيغۇر مەسىلىسى»نى ھەل قىلىشتىكى ئىستراتېگىيە «تەشۋىقات ئۇيغۇرلاردىن، ھەل قىلىش ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىدىن» بولۇشى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. نەچچە يىلدىن بويان بۇ جەھەتتە قىلىنغان ئىشلارمۇ بۇنداق بىر ئىستراتېگىيەنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە. «ئۇيغۇر مەسىلىسى»نىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەر ۋە چەت ئەللەردە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ھەل بولۇشىدا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەتلىرى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قىلىشنىڭ ئېھتىماللىقى ۋۇجۇدقا چىقىشى مۇمكىن. بۇ ئېھتىماللىقنى بالدۇرراق قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر سىياسىي ۋە جامائەت تەشكىللىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتى «ئۇيغۇر مەسىلىسى» بىلەن «ئۇيغۇر داۋاسى»نىڭ پەرقلىرى بۇيىچە سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر.

2020-يىلى فېۋرال

Share
2243 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.