logo

trugen jacn

خىتاي قازاقىستان پۇقرالىرىغا شەخسى ۋىزا بېجىرىشنى ۋاقىتلىق توختاتقان

Kazakhstan_Peoples_Republic_of_China_Locator

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ باش كونسۇلى جاڭ ۋېي 23‏-ئاۋغۇست ئاخبارات يىغىنى چاقىرىپ، كونسۇلخانىنىڭ قازاقىستان پۇقرالىرىغا خىتايغا بارىدىغان شەخسى ۋىزا بېجىرىشنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان.
ئەمما خىتاي باش كونسۇلى، نېمە ئۈچۈن ۋىزا بېرىشنى توختاتقانلىقى ۋە قاچان ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىغا چۈشەنچە بەرمىگەن.

ئالماتادىكى بەزى ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ بىر خادىمىنىڭ مۇخبىرىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ قازاقىستان پۇقرالىرىغا شەخسى ۋىزا بېرىشنى توختاتقىنىغا بىر ئاي بولغان. خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ بۇنى نېمە ئۈچۈن ئەمدى ئېلان قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

قازاقىستان خەلقئارا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جاڭ ۋېي ئاخبارات يىغىنىدا، «خىتاي كونسۇلخانىسى بۇ مەسىلىگە چۈشەنچە بېرىپ بولغان. بۇ مەسىلىدە خىتاي-قازاقىستان ئوتتۇرىسىدا ئۇقۇشماسلىق يوق. ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قازاقىستان ۋىزىسى بېجىرىشى قازاقىستان پۇقرالىرىنىڭ خىتاي ۋىزىسى بېجىرىشىگە قارىغاندا كۆپ مۈشكۈل. ناھايىتى روشەنكى، بۇ يەردە نامۇۋاپىق ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس. ئەلۋەتتە شۇنداق دېيىشكە بولىدۇ، بۇ بىزنىڭ ۋىزا بېجىرىش خىزمىتىمىزدىكى ۋاقىتلىق تەڭشەش» دېگەن.

قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ قارارىغا ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئاشكارا ئىنكاس بىلدۈرمىگەن. بىز، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىنكاسىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئالماتادىكى كونسۇلخانىسى، قازاقىستاننىڭ ئۈرۈمچىدىكى ۋىزا باشقارمىسى ۋە بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ئەمما خىتاي كونسۇلخانىسى بىلەن قازاقىستان ۋىزا باشقارمىسىدا تېلېفونىمىزغا ھېچكىم چىقمىدى.

قازاقىستان ئەلچىخانىسىنىڭ بىر خادىمى ۋاقىتنىڭ بەك كەچ بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوئالىمىزغا: «ھازىر ئىشتىن چۈشۈپ كەتتۇق. ھازىر بەك كەچ بولۇپ كەتتى. ئەتە ئەتىگەندە تېلېفون قىلامسىز؟ مەن ۋىزا مەسىلىسىنى بىلىمەن، ئەمما ھازىر سائەت 10 بولدى. ئەتە ئەتىگەن سائەت 9:00 دا تېلېفون قىلسىڭىز» دەپ جاۋاب بەردى.

قازاقىستان ھۆكۈمىتى يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان خىتاي پۇقرالىرىغا ۋىزا بېرىشنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتكەن ئىدى. ئالماتادا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قازاقىستاننىڭ خىتايغا قاتتىق ۋىزا تۈزۈمىنى يولغا قويۇشىنىڭ نازۇك بىر تەرىپى بار ئىكەن. ئۇ، ئەگەر قازاقىستان خىتايغا ۋىزىنى بوشاتسا، خىتايلارنىڭ ئېقىپ كىرىشىنى كونترول قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قەھرىمان غوجامبەردى مۇنداق دېدى: «ۋىزا مەسىلىسى تامامەن توختىمايدۇ، ئەمما بۇ يەردە بىر نازۇك مەسىلە بار. بۇ خىتايلارنىڭ، سىز بىلىسىز، مەركىزى ئاسىيا ۋە قازاقىستانغا چوڭ بىر ئىستراتېگىيەسى بار. قازاقىستان تېررىتورىيەسى ناھايىتى كەڭ بىر دۆلەت، ئاھالىسى 17 مىليون. شۇڭا، قازاقىستان خىتايدەك (نوپۇسنىڭ) ئېقىپ كىرىشنى كونترول ۋە نازارەت قىلالمايدۇ. ئۇنداق ئىمكانىيىتى يوق. مۇنداق بىر ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىسى بار قازاقىستاننىڭ. قازاقىستانغا 100 مىڭ خىتاي كىرگەن بولسا، قازاقىستاندىن نېمىشقىدۇر 80 مىڭ خىتاي قايتىپ چىقىدۇ. بۇنى تەخمىنەن دەۋاتىمەن، ئەمما بۇ مۇشۇنداق. مانا مۇشۇنىڭدىن تەشۋىشلىنىپ، قازاق ھۆكۈمىتى راستىنى ئېيتسا، نازارەت قىلىشنى بىر ئاز چىڭىتتى.»

قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۆز-ئارا ۋىزىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، قازاقىستانغا نارەسمىي يوللار بىلەن قاتتىق بېسىم ئىشلىتىپ كەلمەكتىكەن.

ئۇ: «خىتاينىڭ ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان مەسىلىسى، نارەسمىي قويۇۋاتقان مەسىلىسى ئۆز-ئارا ۋىزىسىز مېڭىش. ۋىزىسىز! كۆردىڭىزمۇ قانداق قويۇۋاتىدۇ؟ چۈنكى، قازاقىستان كېيىنكى 2-3 يىلدا دۇنياۋى ئىقتىسادى كرىزىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، مەبلەغ سېلىشنى بىر ئاز رىقابەتلەش ئۈچۈن غەربنىڭ بىر قانچە ئونلىغان چوڭ دۆلەتلىرىگە ۋىزىسىز كېلىشنى يولغا قويدى تىجارەتچىلەرگە، پرېزىدېنت ئۆزىنىڭ پەرمانى بىلەن. خىتاي شۇنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

قازاقىستاننىڭ ۋىزا سىياسىتى خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلگەن. خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسى جاڭ خەنخۇي بۇ يىل 3‏-ئايدا چاقىرغان بىر قېتىملىق ئاخبارات يىغىنىدا قازاقىستاننى تەنقىدلەپ: «قازاقىستاننىڭ خىتايغا قاراتقان ۋىزا سىياسىتى خىتايغا قىلىنغان ھاقارەت. ئۇلار كىم بىلەن مۇناسىۋەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. خىتاي ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى. دۇنيادىكى 2‏-چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە ۋە ئىستراتېگىيەلىك شېرىك….» دېگەن ئىدى.

قازاقىستاندا شىركەت قۇرۇۋالغان بەزى خىتايلارنىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا شىركەت نامىدا تەكلىپنامە ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ قازاقىستان ۋىزىسى ئېلىشىغا ياردەم قىلىشى بىر خىل تىجارەت. مەزكۇر تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالماتادىكى بىر خىتاي شىركىتى چارشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزغا 50 دوللار تۆلىگەن ھەرقانداق خىتاي پۇقراسىغا 10 كۈن ئىچىدە تەكلىپنامە ئەۋەتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ شىركەتنىڭ دۇ فامىلىلىك مەسئۇلى مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىش مۇنداق، بىز سىزگە بىر تەكلىپنامە ئەۋەتىپ بېرىمىز. سىز تەكلىپنامىنى كۆتۈرۈپ (قازاقىستان) ئەلچىخانىسىغا بېرىپ، ۋىزا رەسمىيىتىنى بېجىرىسىز. بۇنىڭغا پەقەت 50 دوللار تۆلىسىڭىز بولدى. بۇنىڭ باشقا رەسمىيەت ھەققى يوق. ئەگەر سىز خالىسىڭىز، مەن سىزگە بىرنى ئەۋەتىپ بەرسەم بولىدۇ. ئۇنىڭدا تەكلىپنامىنىڭ نومۇرى بار، شۇ نومۇر بىلەن ئۇدۇل ئەلچىخانىغا كىرسىڭىز بولىدۇ.»

بۇ خىتاي شىركەت مەسئۇلىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇ قازاقىستان پۇقرالىرىنىڭ خىتايغا بارىدىغان گۇرۇپپا ۋىزىسى بولسا بېجىرىپ بېرەلەيدىكەن. ئۇ، «ھازىر شەخسى ۋىزا بېجىرگىلى بولمايدۇ» دېدى.

بۇ خىتاي شىركەت مەسئۇلى: «)شەخسى( بولسا بېجىرىپ بېرەلمەيمەن. پەقەت گۇرۇپپا ۋىزىسى بولسا 5 كىشىلىك، ئۇنى بېجىرىپ بېرەلەيمەن. شەخسى ۋىزىنى بېجىرەلمەيمەن. مەن ئالماتادا تۇرىمەن، شەخسى ۋىزا ئۈچۈن ئاستاناغا بېرىشقا توغرا كېلىدۇ» دېدى.

قازاقىستان خىتاي پۇقرالىرىغا ۋىزا بېرىشنى قاتتىق كونترول قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنە يېقىندا خىتاي بىلەن ۋىزىسىز گۇرۇپپا ساياھەتچىلىك كېلىشىمى ئىمزالىغان. ئالماتادىكى ساياھەت شىركىتىنىڭ خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 300 كىشىلىك بىر خىتاي ساياھەت گۇرۇپپىسى 8‏-ئاي ئىچىدە ۋىزىسىز قازاقىستانغا كەلگەن.

ئۇ، بۇ قېتىم خىتاينىڭ قازاقىستان پۇقرالىرىغا شەخسى ۋىزا بېرىشنى توختىتىشى ئەڭ كۆپ ئۇيغۇر رايونى ۋە خىتايغا بارىدىغان يەرلىك ئاممىغا ياكى قازاقىستاندىكى خىتايغا بارىدىغان 3‏- دۆلەت پۇقرالىرىغا تەسىر قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قازاقىستان خىتاينىڭ «يېڭى يىپەك يولى» بەرپا قىلىش پىلانى – «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىدىكى ھالقىلىق دۆلەت. خىتاينىڭ «يېڭى يىپەك يولى» پىلانى ياۋرو ئاسىيا بىلەن جەنۇبىي ۋە غەربىي ئاسىيانى تۆمۈر يول، تاشيول ۋە ھاۋا قاتناش تورى ئارقىلىق بىر-بىرىگە باغلاش ئىدى.

ئەمما، خىتاي ئۆزىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ تەرغىب قىلىۋاتقان مەزگىلدە، قازاقىستان بىلەن بولغان بۇ دىپلوماتىك ئىختىلاپ پارتلاپ چىقتى. سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى، «بۇ، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ قانچىلىك تەشۋىشلىنىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ يېڭى يىپەك يولى پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى مۈشكۈللۈكىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/qazaqistan-xitay-08242016144713.html

Share
1745 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.