logo

trugen jacn

خىتاي فوتوگراف : ئۇيغۇرلار پۇلدىن بەك، ئۆز مەدەنىيىتى، ئۆرپ – ئادىتى ۋە دىنىغا ئەھمىيەت بېرىدىكەن

d214d8b8-9ba0-4385-ae14-615627f1d6e1

بۈگۈن نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى مۇلاھىزە قىلىنغان «خىتايدىكى قەدىمىي شەھەردە پۇلدىن بەك مەدەنىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2009 – يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتمەكچى بولۇپ، زور ئىقتىسادىي مەبلەغ بىلەن قەشقەردە نۇرغۇن قۇرۇلۇشلارنى قىلغان. بىراق، سىچۈەنلىك فوتوگراف ليۇ يۈياڭ 2015 – يىلى قەشقەرنى زىيارەت قىلغىنىدا بۇ يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىقتىسادىي پىلاننىڭ ئىنتايىن قالايمىقانلىقىنى ھېس قىلغان. ئۆزى سۈرەتكە تارتقان يېڭى تىجارەت مەركىزى، سودا ساراي، تىياتىرخانىلار ۋە باغچىلارنىڭ ئاساسەن قۇرۇقلۇقىنى، بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ يەرلىكنى خىزمەت بىلەن تەمىنلەشكە ھېچقانداق پايدىسى بولمىغانلىقىنى، ئەكسىچە، ئۇ يەردە باي – كەمبەغەللىك ئارىسىدىكى پەرقنىڭ زورىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن.

ئۇ، نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ : «ئەلۋەتتە بۇ تەرەققىيات پىلانىنىڭ شىنجاڭغا مەلۇم دەرىجىدە بولۇپمۇ، ئاساسىي قۇرۇلۇش، دوختۇرخانا ۋە مەكتەپ قۇرۇلۇشلىرىدا مەلۇم دەرىجىدە تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بىراق، ئۇ يەردە يەرلىك ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پۇرسەت بەك ئاز ئىكەن» دېگەن.

ئۇ شۇنداقلا قەشقەردىكى زىيارىتى داۋامىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى بىلەن دىنى ۋە سىياسىي مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆزلىشىشتىن ئېھتىيات قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، سىچۈەنلىك فوتوگراف ليۇ يۈياڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە گۇاڭجۇ شەھىرىگە ئىشچى قىلىپ ئاپىرىلغان ئۇيغۇر ئىشچىلار بىلەنمۇ كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەن. ئۇ بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق «خىتاي ھۆكۈمىتى مەسىلىنى ئىقتىساد ئارقىلىق ھەل قىلىمىز دەيدۇ، بىراق ئۇيغۇرلار پۇلدىن بەك ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىگە، ئۆرپ – ئادىتىگە ۋە دىنىغا ئەھمىيەت بېرىدىكەن» دېگەن يەكۈننى چىقارغان

http://www.rfa.org/mandarin/yataibaodao/shaoshuminzu/nu-08112016153000.html

Share
1499 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.