logo

trugen jacn

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا 5 مىليارد 600 مىليون كۇبمېتىرلىق تەبئىي گاز ساقلاش بازىسى قۇرۇشنى پىلانلىغان

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 20- ئاپرىل خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت نىفىت شىركىتى شەرقىي تۈركىستاندا 5 مىليارد 600 مىليون كۇبمېتىرلىق بىر تەبئىي گاز زاپاس ساقلاش بازىسى قۇرماقچى ئىكەن.

شىنخۇ ئاگېنتلىقىدىن نەقىل قىلىپ بېرىلگەن خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ گاز ساقلاش بازىسى پىچان ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا 20 مىليارد كۇب مېتىرلىق تەبئىي گاز مەركىزى قۇرۇش پىلانىنىڭ بىر قسىمى ئىكەن. خىتاي بۇ گاز ساقلاش بازىسىنى 2025- يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى پىلانلىغان.

خىتاينىڭ 27 گاز ساقلاش بازىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ساقلاش زاپىسى 12 مىليارد كۇبمېتىر مېتىر بولۇپ، يىللىق گاز ئىستىمالىنىڭ 10 پىرسەنتىگە يېتىشكە ئاز قالغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە بولغان خىتاي 2025- يىلىغىچە يەنە 23 بازا قۇرۇپ، دۆلەت مىقياسىدا ئومۇمىي ساقلاش مىقدارى 27 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدىغان ئالتە تەبئىي گاز ساقلاش مەركىزى شەكىللەندۈرمەكچى ئىكەن.

خىتاي دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، خىتاينىڭ 2019- يىلىدىكى تەبئىي گاز ئىستىمالى 306 مىليارد 700 مىليارد كۇب مېتىر بولۇپ، ئالدىنقى يىلىغا قارىغاندا %9.4 ئاشقان.

مەزكۇر ئورگاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرى يەنە شىمالىي قىسىملاردا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبئىي گاز (LNG) تېرمىناللىرىنىڭ ساقلاش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، يەر ئاستى ساقلاش  ۋە چوڭ تىپتىكى سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبئىي گاز ئىسكىلاتى قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئۇرۇنغا قويۇپ، ئۆسۈۋاتقان تەبئىي گازغا بولغان ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ياردەم قىلماقتا ئىكەن.

2020- يىلى 20- ئاپرىل

http://turkistantimes.com/uy/news-12600.html

Share
3050 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.