logo

trugen jacn

خىتاي سودىگەرنىڭ قاغىلىق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى شىكايىتى-3

 

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

قاغىلىقتا كۆزىتىش كامېرالىرى ئومۇملاشتى

2007-يىلى شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن قاغىلىققا كېلىپ شىركەت ئاچقان بىر خىتاي سودىگەر، يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان قاغىلىقتا بارغانچە كۈچەيگەن مۇقىملىق تەدبىرلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ، نۆۋەتتە مۇقىملىققا سېلىنىۋاتقان مەبلەغنىڭ ئىنتايىن زور ئىكەنلىكىنى، قارىماققا ۋەزىيەت تىنچتەك كۆرۈنسىمۇ، دېھقانلاردا نارازىلىق كەيپىياتى كۈچلۈكلۈكىنى، بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇخبىر: ‏-تېلېفونۇمنى ئالغىنىڭىزغا رەھمەت. سىز ئۆزىڭىزنىڭ بۇ يەردە 10 يىل تۇرغانلىقىڭىزنى دېدىڭىز. ئۇنداقتا قاغىلىقتا يۈز بەرگەن بەخت يولى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى بىلەمسىز؟

خىتاي سودىگەر:‏ -شۇنداق، بىلىمەن، سىز 2012-يىلى يۈز بەرگەن 28-فېۋرال ۋەقەسىنى دېمەكچىغۇ؟

مۇخبىر:‏ -شۇنداق، باھار بايرىمىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ۋەقەنى دەيمەن. ھازىر بۇ جەھەتتىكى ئەھۋاللار ياخشىمۇ؟ سىزنىڭچە، ھازىر ئۇ چاغلاردىكىدەك ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىشى مۇمكىنمۇ؟

خىتاي سودىگەر:‏ -ھەي، ھازىر كۆرۈنۈشتە ۋەزىيەت تىنچتەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما دېھقانلاردىكى نارازىلىق كەيپىياتى كۈچلۈك. ئۆچمەنلىك يەنىلا كۈچلۈك، بۇلارنى مەن ھېس قىلالايمەن، مېنى ئەنسىرىتىۋاتقان ئەھۋالمۇ شۇ.

2012- يىلى 28-فېۋرال كۈنى قاغىلىق ناھىيىسىدە پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. مەزكۇر ھۇجۇمدا خىتاي كۆچمەنلىرىدىن 10 نەچچىسى ئۆلۈپ، 10 نەچچىسىنىڭ يارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. خىتاي تاراتقۇلىرىدا ھۇجۇمچىلارنىڭ 9 ئىكەنلىكى، ئۇلاردىن 8 نەپىرىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭى ئەمەلدارى چېن چۇەنگو كەلگەندىن كېيىن، رايوندىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئىلگىرىكىدىن كۈچەيگەنلىكىنى تەكىتلىگەن خىتاي سودىگەر، نۆۋەتتە قاغىلىقتا ئېلىنغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ مۇھىم ئىپادىلىرىنىڭ بىرى، ھەممە جايغا كۆزىتىش كامېرالىرىنىڭ ئورنىتىلىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي سودىگەر:‏ -شىنجاڭدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئەڭ مۇكەممەل دەپ قارايمەن. بۇ جايدا ھەممە جايدا كۆزىتىش ئەسلىھەلىرى يەنى كامېرالىرى بار.

مۇخبىر:‏ -ھازىر ھەر بىر مەھەللىدە، ھەر بىر ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى ھەممىسىدىلا كۆزىتىش ئاپپاراتى بار دېمەكچىمۇ سىز؟
خىتاي سودىگەر:‏-شۇنداق، شۇنداق، ھەممە جايدا بار. بىزنىڭ شىركىتىمىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمۇ، ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى، كۆزىتىش كامېراسى ۋە بىخەتەرلىك ئەسۋابلىرىنى ئورنىتىش.

مۇخبىر:‏ -سىزنىڭچە، يېڭى سېكرېتار چېن كەلگەندىن كېيىن، يولغا قويۇلۇۋاتقان بۇ خىل قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى، ئەسلىدە مەسىلە ئانچە ئۆتكۈر بولمىغان ئەھۋالدا، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ يەردىكى مەسىلىنى چوڭراق قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشى دېيىشكە بولامدۇ؟
خىتاي سودىگەر: ‏-مېنىڭچە، دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل مەقسىتى بار.

مۇخبىر:‏ -ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر رايوندا ھەر 200 مېتىردا بىردىن ساقچى قاراۋۇلخانىسى بار ئىكەن، ساقچىلارمۇ كۆپەيتىلىپتۇ. سىزنىڭچە، بۇ مەسىلىلەر ئەكسىچە رايون ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى شۇنداقمۇ؟
خىتاي سودىگەر:‏-زىددىيەت ئۆتكۈرلەشتى. مېنىڭچە، ئۇلار(ھۆكۈمەت دائىرىلىرى) بۇ زىددىيەتنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.

مۇخبىر:‏ -سىزنىڭچە، ئەگەر ھۆكۈمەت يەرلىك ئاھالىلەرگە 80-، 90-يىللاردىكىدەك نىسبەتەن كەڭ سىياسەتنى يۈرگۈزسە ۋەزىيەت ھازىرقىدىن ياخشىلىنامدۇ؟

خىتاي سودىگەر:‏ -ھەي، مېنىڭچە، بەلكىم بىرئاز ياخشىلىنار دەپ ئويلايمەن. ھازىر مەن بىلىدىغان ھۆكۈمەتنىڭ ئەھۋالىدا مۇقىملىق ئۈچۈن يۇقىرىدىن بېرىلىۋاتقان خىراجەت يەرلىكتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يەتمەيدۇ، ئەمما يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى يۇقىرى رەھبەرلىك تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئاشۇرۇپ ئورۇنلاشقا مەجبۇر. بۇنداق ئەھۋالدا ئامالسىز قالغان يەرلىك ھۆكۈمەت ئاجرىتىلغان مۇقىملىق خىراجىتى يەتمىگەن شارائىتىمۇ مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ھازىرقى ھۆكۈمەت بىر سوم پۇل خەجلەپ 10 سوملۇق ئىشنى پۈتتۈرۈشنى ئويلايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە بەرگەن شىركەتلەرگە تۆلەيدىغان مەبلىغى يوق تۇرۇقلۇق، ئۇلار بىلەن ئىش توختامى تۈزىدۇ. قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئالغان شىركەتلەر ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ قىلغان قۇرۇلۇشىغا سەرپ قىلغان مەبلىغىنى ئالالمايدۇ. چۈنكى، يەرلىك ھۆكۈمەتتە شىركەتلەرگە تۆلىگۈدەك پۇل يوق. نەتىجىدە شىركەتلەر زىيان تارىتىدۇ.

بىز، بۇ خىتاي سودىگەر يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان تەپسىلاتلارنى قاغىلىق ناھىيەسىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن دەلىللەشكە تىرىشقان بولساقمۇ مۇۋەپپەق بولالمىدۇق.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنى ئايلاردىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا، بولۇپمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەنلىكى، بىخەتەرلىك خادىملىرىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن 80 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەت ئورنىغا ئېلان چىقارغانلىقى خەلقئارالىق ئاخباراتلاردا خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ يەرلىكتىكى زىددىيەتنى بارغانچە ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن بۇ خىتاي سودىگەر ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەگەر يەرلىك دائىرىلەر پەقەت مۇقىملىق خىزمىتىنىلا تەكىتلەپ، ئۇيغۇرلاردىكى نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمىسە، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىشكە پايدىلىق سىياسەت يۈرگۈزمىسە، رايوندا يەنە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان قارشىلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ تەسلىكىنى ئاگاھلاندۇردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/uyghurda-xitay-sodiger-08242017130333.html

Share
4708 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.