logo

trugen jacn

خىتاي سوتى يەنە 3 ئۇيغۇرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى

 

 

   ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى خەۋىرى: مەركىزى  خىتاي تىلىۋىزور ئىستانسىسى بۇگۈن (6.ئاينىڭ 16.كۈنى) ئۈرۈمچى ئوتتورا خەلق سوت ماھكىمىسى “28.ئوكتەبىر تىيەنئەنمىن ماشىنا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى”نى پىلانلىغۇچى دىيىلگەن ھۈسەنجان ھۇشۇر قاتارلىق 3 نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى،گۈلنار توختىنىيازنى مۇددەتسىز قاماق جاساسىغا،قالغان 4 نەپەر ئۇيغۇرغا 20 يىل بىلەن 5 يىل ئارىسىدا قاماق جازاسى بىرىلگەنلىگىنى خەۋەر قىلىدى

     بىيجىڭنىڭ تىيەنئەنمىن مەيدانىدا 2013.يىلى 28.ماي كۈنى ماشىنا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ھۇجۇم قىلغۇچى پىدايىلار ئوسمان ھەسەن،ئانىسى قۇۋانخان رەھىم ھاجىم،ئايالى گۈلقىز غەنى خانىملار نەخ مەيداندا شەھىت بولغان بولۇپ، خىتاي ئاخباراتى،ۋەقەدە يەنە 3 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 39 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى

    پۈتۈن دۇنياغا ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەكرار كۈنتەرتىپكە چىقارغان بۇ ۋەقەدىن ئىككى كۈن كىيىن خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرلىگى ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك بولغان يۈسەنجان ھۇشۇر،گۈلنار توختىنىياز،يۈسۈپ ئۈمەرنىياز،بۈجەننەت ئابدۇقادىر،يۈسۈپ ئەخمەت قاتارلىق 5 نەپەر ئۇيغۇر ئوغۇل-قىزنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلان قىلغان ئىدى

    ئۈرۈمچى تەپتىش مەھكىمىسى 2014.يىلى 5.ئاينىڭ 30.كۈنى پەدايى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق بىرتەرەپ قىلىش توغرۇلۇق شىكايىتىنى سوت مەھكىمىسىگە سۇنغان ئىدى.ئەينى كۈنى،خىتاي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بۇ تەلىپىگە جاۋاپ تەرىقىسىدە “30.ماي” ئۇرۇمچى پويىز ئىستانسىسىدە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن

     ئۇيغۇر خەلقى،تىيەنئەنمىن مەيدانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە يارىدار بولغان بىگۇنا ئىنسانلارغا ھىسداشلىق قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭ ئەزىز جانلىرىنى پىدا قىلىش ئارقىلىق مىللىي ۋە دىنى زۇلۇم ئوتى ئىچىدە كۈيۈۋاتقان قەدىردان مىللىتىنىڭ دات-پەريادىنى دۇنيا جامائەتچىلىگىگە ئاڭلاتقان مىللىي قەھرىمانلىرىنى ئەبىدىي ياد ئتىدۇ

   مەرھۇم ئوسمان ھەسەن ،ئانىسى ۋە ئايالى تىيەن‘ئەنمىندە پوستا تۇرىۋاتقان خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئۈستگە قاراپ كىتىۋاتقان بولۇپ، يول ئۈستىدە بىگۇنا كىشىلەر قازا نەتىجىسىدە زىيانغا ئۇچىرىغان

    ئەسلى گۇناھكار،جەنىدىن ۋاز كىچىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئەمەس،بەلكى ھەم ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھەم خەنزۇ مىللىتىنىڭ ھەم دۇنيا تىچلىغىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى بولغان خىتاي كومىنىست پارتىيىسىدۇر

مەنبە

中国新疆法院就北京天安门驾车冲撞袭击案作出判决,八名被告中三人被判处死刑

http://www.uyghurnet.org/cn/%E6%96%B0%E7%96%86%E6%B3%95%E9%99%A2%E5%88%A4%E5%A4%84%E5%86%B2%E6%92%9E%E5%8C%97%E4%BA%AC%E5%A4%A9%E5%AE%89%E9%97%A8%E6%A1%88%E4%B8%89%E4%BA%BA%E6%AD%BB%E5%88%91/

Share
2036 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.