logo

trugen jacn

خىتاي سوتى؛ دىنيى نىكاھ باسقۇچىلىق جىنايىتىدۇر

140528110432_cn_urumqi_paramilitary_police_624x351_ap

تۈنۈگۈن (27.ماي ) چۈشتىن كىيىن غۇلجا شەھرىدە خىتاي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆلۈم،مۇددەتلىك،مۇددەتسىز جازا بىرىلگەن 55 ئۇيغۇر ئىچىدە، ئارمان ئابدۇللاجان قاتارلىق 27 كىشى ئىجتىمائى جىنايەت،يەنى باسقۇنچلىق بىلەن ئەيىپلىنىپ رەسمى قولغا ئەلىنغانلىغى ئىلان قىلىنغان ئىدى

بۇگۈن ئىرىشكەن مەلۇماتىمىزغا قارىغاندا، “باسقۇنچىلىق” جىنايىتى بىلەن ئەيىپلىنىپ قولغا ئەلىنغانلار دىنىي نىكاھ بىلەن ئۆيلەنگەن كىشىلەر بولۇپ،خىتاي ھۈكۈمىتى بۇ مۇسۇلمانلارنى “خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ نىكاھ قەغىزىنى ئالماي بىر ئۆيدە ئولتۇرغان”لىغى ئۈچۈن بۇ ياشلارنىڭ ھەممىسىنى “باسقۇنچىلىق” جىنايىتى بىلەن 2.ئاينىڭ 11.كۈنىدىن 20.كۈنىگىچە “ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بىرىش ھەركىتى” ئەلىپ بەرىپ تۇتۇپ سۇلىغان

خىتاي ھۈكۈمىتى بۇ قەبىھ جازا ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئاللا ئەمىر قىلغان دىنىي نىكاھتىن ۋاز كىچىپ،خىتاينىڭ قىزىل قەغىزى بىلەن نىكاھسىز بىر ئۆيدە ياشاشقا مەجبۇرلىماقتا

خىتاي تىلىدىكى ئىلى گىزىتىنىڭ 4.مارت كۈنىدىكى سانىنىڭ 7.بەتىدە “قانۇنسىز دىنىي نىكاھقا ياق” سەرلەۋىلىك ماقالىدا،  ئىسلام دىنىي ئەمىر قىلغان دىنىي نىكاھنى قانۇنسىز دەپ ئىلان قىلىش بىلەن بىرلىكتە بۇ خىل يول بىلەن توي قىلغانلارنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىغى كەسكىن شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان

غۇلجا شەھرىنىڭ كوچىلىرىدا قۇرۇلغان “مۇنچا،ساتىراچخانا،مىھمانخانا،مەساجخانا…” نامى ئاستىدا خىتاي خۇتۇن-قىزلىرىنى بازارلاپ ئەرلەرنى ھاياسىزلىق بىلەن چاقىرىۋاتقان سەتەڭلەر بىلەن تولغان پاشىخانىلار قانۇنلۇق-يۇ،ئۇيغۇرلار،مۇسۇلمانلىقنىڭ شەرتى بولغان دىنىي نىكاھ بىلەن ئۆيلىنىشى جىنايەتمۇ؟

تۈنۈگۈنكى ئۇچۇق سوتتا خىتايلار دىنىي نىكاھ قىلغانلارنى “تەرورچى” دەپ ئىلان قىلىپ قاتتىق جازالىشى،خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپە-ئادەتلىرىگە قىلغان ئەڭ قەبىھ ھۇجۇم ۋە باسقۇنچىلىغىدۇر

 

قىزىل ھەرىپ بىلەن يەزىلغان ، ئىلى گىزىتى، دىگەن جۈملىگە باسسىڭىز مەنبەگە ئۇلىشالايسىز

向非法念“尼卡”结婚说“不

ili giziti

Share
3500 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.