logo

trugen jacn

خىتاي ساقچىلىرى بىر ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى

7985137inuygur

خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىدىكى پويىز ئىستانسىسىدا بېلەت ئېلىش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇرغان بىر ئۇيغۇرنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى

خىتاينىڭ رەسمىي ئاخباراتى بولغان «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىئەن پويىز ئىستانسىسىدا بېلەت ئېلىش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇرغان بىر ئۇيغۇر «قولىدا خىش پارچىسى بارلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن.
خەۋەردە ئىسمى ئاشكارىلانمىغان بۇ ئۇيغۇرنىڭ، ساقچىلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قۇلاق سالمىغانلىقتىن ئوق چىقىرىلغانلىقى ۋە يارىلىنىپ ئاپىرىلغان دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى. ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك باشقا تەپسىلىي ئۇچۇرلار بېرىلمىدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى
Share
1165 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.