logo

trugen jacn

خىتاي زىيالىيلىرى ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدە كىشەنلەنگەنلىكىنى ئەيىبلەندى

image

مېھرىبان 

2014-u0911-pmm.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۈرۈمچىدە 7 – سېنتەبىر كۈنى ئېچىلغان ئىلھام توختى دېلوسىدىن ئىلگىرىكى يىغىنغا قاتناشقان ئىككى ئادۋوكات ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ تۈرمىدە پۇتىغا كىشەن سېلىنىپ، تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، بۇ خەۋەر خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا جىددىي ئىنكاس قوزغاپ قالماستىن، بەلكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭمۇ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.

تىبەت ئايال يازغۇچىسى ۋوئېسېر، خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ لىشۇڭ، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيا قاتارلىقلار ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە مۇراجەت ئېلان قىلىپ، تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام توختىغا تەن جازاسى بەرگەنلىكى ۋە قانۇنىغا خىلاپ ھالدا خىتاي مەھبۇسلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭغا روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن زەربە بەرگەنلىكىنى ئەيىبلەپ، تورداشلارنى ئىلھام توختى سوتىنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىشىغا ئاۋاز بېرىشكە، ئىلھام توختىغا ئوخشاش ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش مەسىلىسىنى ئەيىبلەشكە چاقىردى.

ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «بۆلگۈنچىلىك، دۆلەتنى پارچىلاش»جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 8 ئايدىن بۇيان تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ، تۈرمە دائىرىلىرى تەرىپىدىن ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن زەربىگە ئۇچرىشى، خىتايدىكى ھەققانىيەتنى ياقلىغۇچى زىيالىيلارنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.

تىبەت ئايال يازغۇچىسى ۋوئېسېر ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە مۇراجەتنامە ئېلان قىلىپ، خىتاي زىيالىيلىرىنى تۇتقۇندىكى ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى. ۋوئېسېر مۇراجەتنامىدە ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ ئەپەندى ۋە ياردەمچى ئادۋوكات ليۇ شاۋيۈەن ئەپەندىلەرنىڭ بايانلىرىنى نەقىل ئېلىپ، تورداشلارنى ئىلھام ئەپەندى تۈرمىدە ئۇچراۋاتقان روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى قاتمۇ – قات بېسىم ۋە زەربىلەرگە دىققەت قىلىشقا چاقىرغان.

ۋوئېسېر تورداشلارنى ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىپ:«ئادۋۇكات لى فاڭپىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلھام ئەپەندى ئۇنىڭغا پۇتىدىكى كىشەن سەۋەبىدىن پۇتىنىڭ ئىككى قېتىم يىرىڭلاپ كەتكەنلىكىنى، ئەمما پۇتىنىڭ ئاغرىق ئازابىدىنمۇ بەك، تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ روھى جەھەتتىن زەربە بېرىشى ئۇنى قاتتىق ئازاپلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار ئۇنىڭ پۇتىدىكى كىشەن يارىسى يىرىڭلاپ كەتكەن، ئۆزى توختىماي يۆتىلىپ تۇرغان ۋە ئوڭ تەرىپى سانچىپ ئاغرېيدىغانلىقىنى بىلگەن تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ تۈرمە دوختۇرىغا كۆرۈنۈشىگە يول قويمىغان. تۈرمىدە ئىلھام ئەپەندى مەھبۇسلار ئېرىشىشكە تېگىشلىك ئەڭ ئەقەللى ھوقۇقلاردىنمۇ مەھرۇم قىلىنغان. تۈرمە دائىرىلىرى ئايالى تەرىپىدىن ئىلھام ئەپەندىگە ئەۋەتىلگەن خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان كىتابنى بېرىشنى رەت قىلغان. ھەتتا دائىرىلەر ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ رەسىمىنىمۇ بېرىشنى رەت قىلغان. تۈرمە دائىرىلىرى ئادۋوكاتلارغا ئىلھام توختىغا بۇ نەرسىلەرنىڭ بېرىلىشىنى رەت قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن دەپ شەرھىلىگەن. ئەجىبا، ھۆكۈمەت ئۆزى ئاشكارا نەشر قىلغان كىتابتا يەنە نېمە مەخپىيەتلىك بولسۇن؟ ئۇنىڭغا بالىلىرىنىڭ رەسىمىنى بەرمەسلىكتىكى سەۋەبمۇ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ئۈچۈنمۇ؟ تورداشلار ئىلھام ئەپەندى تۈرمىدە ئۇچراۋاتقان ھەقسىزلىقلارغا دىققەت قىلايلى» دەپ يازغان.

بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيا ئۆز مۇراجىتىدە ئادۋوكاتلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئىلھام ئەپەندىنىڭ سوتتىن ئىلگىرىكى يىغىنغا قاتناشتۇرۇلغانلىقىنى، ئاۋوكاتلارنىڭ غەلىبىسى دەپ تەرىپلىگەندىن باشقا، تورداشلارنى ئىلھام ئەپەندى ئۈستىدىن ئېچىلىدىغان سوتنى بېيجىڭدا ئېچىشنى تەلەپ قىلىشقا ئاۋاز بېرىشكە چاقىرىپ مۇنداق يازغان: «ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئادۋوكاتى ليۇ شاۋيۈەن ئەپەندى، ئىلھام ئەپەندىنىڭ سوتتىن ئىلگىرىكى يىغىنغا قاتنىشالىشى ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە قولغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھوقۇقنىڭ كۈرەش ئارقىلىق قولغا كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپتۇ. ئادۋوكاتلار يەنە قانۇنىي بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىلھام ئەپەندىنىڭ سوتىنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ. شۇنداق، ھوقۇق كۈرەش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ. ئەگەر ئادۋوكاتلار ئىلھام توختىنىڭ سوتتىن ئىلگىرىكى يىغىنغا قاتناشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى قانۇنىي بەلگىلىمىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تەلەپ قىلمىغان بولسا، سوت ئۇنىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشىشىغا يول قويمىغان بولاتتى. ھەققانىيەتنى ياقلىغۇچى دوستلار، ئىلھام توختىغا ئوخشاش ۋىجدان مەھپۇسلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا ئاۋاز قوشايلى!»

بىر ھەپتىدىن بۇيان، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ بىر ئايدىن بۇيان تۈرمىدە دائىرىلەر تەرىپىدىن پۇتىغا كىشەن سېلىنىپ جازالىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بېرىلمەكتە. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ب ب س ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىقلاردا بۇ ھەقتە خەۋەر ۋە خەۋەر ئانالىزلىرى بېرىلگەن ئىدى. بۈگۈن يەنى 11 – سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىق مۇخبىرى بېيجىڭدىن بەرگەن «ئادۋوكات، خىتاي دائىرىلىرى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىگەن ئاز سانلىق مىللەت زىيالىيسىنىڭ پۇتىدىكى كىشەننىڭ بىر ئايغىچە ئېلىۋېتىلمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى» سەرلەۋھەلىك خەۋىرى بېرىلدى. خەۋەردە ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭنىڭ سۆزلىرى نەقىل ئېلىنىپ،«ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان بىلىم ئىگىسى ئىلھام توختىنىڭ داۋالىنىش تەلىپى قوپاللىق بىلەن رەت قىلىندى. تۈرمە دائىرىلىرى 9 – ئاۋغۇست كۈنى ئىلھام توختىنىڭ پۇتىغا سالغان كىشەننى ھەتتا ئۇ ئۇخلىغاندىمۇ ئېلىۋەتمىگەن. تۈرمىدە ئىلھامنىڭ سالامەتلىكى بارغانچە ناچارلاشقان، ئۇنىڭ كامىردا توختىماي يۆتىلىشى، بىر كامىردا ياتىدىغان خىتداي مەھبۇسلىرى بىلەن بولغان جىدەلنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان. ئەمما تۈرمە دائىرىلىرى ئىلھام توختىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىشىغا يول قويمىدى» دېگەن بايانلار بېرىلدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-09112014222828.html

Share
1617 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.