logo

trugen jacn

خىتاي دائىرىلىرى غۇلجىدا 11 نەپەر ئاز سانلىق مىللەت دۆلەت كادىرىنى جازالىدى

990f4dbd-f1da-4fb6-a005-baf5bacd72c2

 مېھرىبان 

يېقىندا ئىلى ئوبلاستىدا 11 نەپەر دۆلەت كادىرى «ئېغىر دەرىجىدە ئىنتىزامغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى» دېگەن قالپاق كىيدۈرۈلۈپ جازالاندى. 27 – ئاۋغۇستتىكى خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە «ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان بۇ 11 نەپەر دۆلەت خىزمەتچىسى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكى، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن جازالاندى» دەپ خەۋەر بېرىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇلارنىڭ ئىچىدە 9 نەپەر ئۇيغۇر، بىر نەپەر قازاق ۋە بىر نەپەر قىرغىز كادىرى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمىغا مەمۇرىي جازا بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىرقانچەيلەنگە رەسمى قانۇن ئورۇنلىرىدا سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغان. غۇلجا قورغاس ناھىيىسىدىكى ئوقۇتقۇچى رەھىمە ئابلىزغا ئەڭ ئېغىر جازا بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا «ئىنتېرنېتتە چەتئەللەردىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ خەۋەرلىرىنى ۋە چەتئەل ئاخباراتلىرىدا ئېلان قىلىنغان سەزگۈر ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزگەن» دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ، 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن.

بۇندىن ئىلگىرىمۇ خىتاي دائىرىلىرى قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا بىر قىسىم دۆلەت كادىرلىرىنى جازالىغان بولۇپ، ئۆتكەن دۈشەنبە يەنى 18 – ئاۋغۇست كۈنى قەشقەردە 800 كىشى قاتناشقان كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، 15نەپەر ئۇيغۇر كادىرغا «تېرورچىلارغا قارشى تۇرۇشتا سىياسىي مەيدانى ئېنىق بولمىغان»، «دۆلەت كادىرى تۇرۇقلۇق دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان» دېگەندەك قالپاقلار كىيدۈرۈلۈپ چارە كۆرۈلگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitay-ghulja-08282014233945.html

Share
1781 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.