logo

trugen jacn

خىتاي دائىرىلىرى خوتەن ئىلچىدا يۈز بەرگەن يەنە بىر قېتىملىق قانلىق ۋەقەنى يوشۇرماقتا

b2f66a6a-161e-488e-a49b-e23e63a12069

2014-u1106-pmx.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئۇيغۇرچە ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاستلىرىدە خوتەن شەھىرىدە ئۆتكەن شەنبە بىر قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالدى. ئۇچۇردا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى شەھەرنىڭ توپچا دېگەن جايىدىكى بىر ئۆيدە ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا ئۆيدە توپلىشىپ ئولتۇرغان ياشلار بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان، توقۇنۇشتا، خىتاي تەرەپ ئوق چىقىرىپ، ئاز دېگەندە 10 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ساقچى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋەقەنىڭ خوتەن شەھىرىنىڭ ئىلچى يېزا 11 – كەنتى يەنى توپچا كەنتىدە يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە ۋەقەنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئېغىر بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما ئۇلار ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇردى.

مۇخبىر: توپچا دېگەن جاي خوتەننىڭ قايسى قىسمىغا توغرا كېلىدۇ؟

نۇرباغ ساقچىخانىسى خادىمى: شەھەردىكى خەلق مەيدانىنىڭ ئۇدۇلى ۋە يۇقىرىسىدا.

مۇخبىر: ئۆتكەن ھەپتە ۋەقە يۈز بەرگەن شۇمۇ؟

خادىم: بۇنى ناۋاغ ياكى ئىلچى ساقچىخانىسىدىكىلەردىن سوراڭ، شۇلار بىلىدۇ.

……..

مۇخبىر: ئۆتكەن ھەپتە ۋەقە يۈز بەرگەن توپچا دېگەن جاي سىلەرنىڭ تەۋەلىكمۇ؟

ناۋاغ ساقچىخانىسى خادىمى: ئۇ ئىلچى ساقچىخانىنىڭ تەۋەلىكى.

مۇخبىر: ئىلچى ساقچىخانىسىنىڭ تېلېفونىنى دەپ بەرسىڭىز؟

خادىم: بۇنى 110 دىن )ج خ قوماندانلىق مەركىزىدىن( سوراڭ…

…….

خادىم : ج خ قومانلىق مەركىزى 110…

مۇخبىر: توپچى دېگەن يەر ئىلچى ساقچىخانىسىنىڭ تەۋەلىكىمۇ؟

خادىم : نېمە ئىشىڭىز بار ئىدى؟

مۇخبىر: ئىگىلەپ باقماقچى بولغان بىر ئەھۋال بار ئىدى.

خادىم: بۇنى دەپ بېرىشكە بولمايدۇ…….

……….

مۇخبىر: بۇ ئىلچى يېزىلىق ھۆكۈمەتمۇ؟

خادىم: شۇنداق.

مۇخبىر: ئۆتكەن ھەپتە ۋەقە يۈز بەرگەن كەنت قايسى كەنت؟

خادىم: ئون بېرىنچى كەنت.

مۇخبىر: توپچا دېگەن جاي 11 – كەنتتىمۇ؟

خادىم: شۇنداق، توپچا دېگەن 11 – كەنتنىڭ ئاتىلىشى.

مۇخبىر: ۋەقەدە جەمئىي قانچە ئادەم ئۆلدى؟

خادىم: بۇنداق كونكرېت مەلۇماتلارنى ج خ تارماقلىرى بىلىدۇ، بىز بىلمەيمىز.

مۇخبىر: ۋەقەنىڭ باش – ئاخىرىدىن خەۋىرىڭلار يوقمۇ؟

خادىم: باش – ئاخىرىدىن خەۋىرىمىز بار، ئەمما كونكرېت قانچە ئادەم ئۆلۈپ، يارىلانغانلىقىنى بىز بىلمەيمىز.

مۇخبىر: ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇن قانداق ئورۇن؟ ئۆيمۇ، كوچىمۇ، مەيدانمۇ؟

خادىم: بۇ مەلۇماتلىرىنى ج خ تارماقلىرىدىن سوراڭ….

…..

مۇخبىر: سىز 11 – كەنتنىڭ سېكرىتارىمۇ؟

خادىم: شۇنداق، مەن.

مۇخبىر: كەنتىڭىزدە يۈز بەرگەن بۇ قېتىمقى ۋەقە سىزگە تاسادىپىي بىر ۋەقەدەك بىلىندىمۇ ياكى بۇرۇندىن ئالامەتلىرى بولغانمۇ؟

خادىم: بۇ ئەھۋالنى ساقچى بالىلار ياخشى بىلىدۇ.

مۇخبىر: ۋەقەدە ئۆلگەن، يارىلانغان ئادەمنىڭ سانى قانچە؟

خادىم: بۇ ئەھۋاللارنى مەن باشلىقلار بىلەن ئاۋۋال بىر مەسلىھەتلىشىپ ئاندىن دەپ بېرەي….

…..

مۇخبىر: سىز قايسى ئورۇننىڭ ساقچىسى؟

خادىم: ۋىلايەتلىك ساقچى باشقارمىسى تەپتىش بۆلۈمىنىڭ.

مۇخبىر: توپچىدىكى ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە باردىڭىزمۇ؟

خادىم: مەن قاتناشمىدىم، ئىشخانىدا بولدۇم.

مۇخبىر: دېمەك ۋەقەدىن خەۋىرىڭىز يوق؟

خادىم: ئىلچىدا ئىش چىقىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم، تەپسىلاتىنى بىلمىدىم

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/xoten-weqesi-11062014222831.html

Share
1694 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.