logo

trugen jacn

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدا «ھەممە مىللەتكە ئوخشاش پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى» يولغا قويىدۇ

uyghur-yeza-namrat-mektep-3

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جەنۇبىدا ھەر قايسى مىللەتلەرگە ئوخشاش پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغان. «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قارار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 3‏-نويابىر قەشقەر شەھىرىدە چاقىرىلغان «جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئەگەر بۇ نۆۋەت قەشقەردە جاكارلانغىنىدەك خىتاينىڭ يېڭى پىلانلىق تۇغۇت قارارى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جەنۇبىدا يولغا قويۇلسا، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى 1980‏-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بېرى يولغا قويۇپ كەلگەن ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك مىللەتلەرگە پىلانلىق تۇغۇتتا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ رەسمىي ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ بۇنىسى ھازىرچە شەرھلەنمىگەن.

خىتاي كومپارتىيەسى يېقىندا بىر پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇتنى بىكار قىلىپ، 2 پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە كۆچكەنلىكىنى جاكارلىغان. ئۇلار بۇرۇن شەھەر نوپۇسىدىكى ئۇيغۇرلارغا 2، خىتايلارغا بىر، يېزا نوپۇسىدىكى ئۇيغۇرلارغا 3، خىتايلارغا ئىككى پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇت تۈزۈمى يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئىدى.

بىراق ھۆكۈمەت ئاخباراتىدا، قايسى مىللەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت تۈزۈمى ئاساس قىلىنىدىغانلىقىغا ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىلمىگەن.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھەر قايسى مىللەتلەرگە ئوخشاش پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى بۇ قېتىمقى يىغىندا «جەنۇبى شىنجاڭنىڭ نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش چارە-تەدبىرلىرىنىڭ بىر قىسمى» سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتايلار بىلەن يەرلىك مىللەتلەرگە ئوخشاش پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈش پىكرى 2014‏-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/pilanliq-tughut-11052015172253.html

Share
1481 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.