logo

trugen jacn

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى نازارەت قىلىشنى سىستېمىلاشتۇرغانلىقى مەلۇم

a0f49edf-94ae-41b0-9f79-b66b4bcda398

گۈلچېھرە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىشسىز دېھقان ياشلارنى، يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى سۈپىتىدە سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى 10 يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلدى. «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى» نىڭ 2015-يىلىدىن باشلاپ يەنە كۈچەيگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىدارىسى ئۆتكەن ئاي يىغىن ئېچىپ «ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تۈركۈملەپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە مۇلازىمەت خىزمەت پونكىتى تەسىس قىلىش ھەم تەشكىللىك ئەمگەكچى چىقىرىشقا ئىلھام بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ» دەپ كۆرسىتىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئاتلىرىدا مەزكۇر سىياسەتنىڭ ئىشسىز ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كىرىمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، جاھان كۆرۈپ كۆزىنى ئېچىشقا، ھەر جەھەتتىن قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇۋاتىدۇ، دەپ خەۋەرلەر ئېلان قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، چاغاندىكى مۇقىملىق باھانىسىدە خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىسىدىكى مەلۇم بىر زاۋۇتتىن ئىشىنى توختىتىپ يۇرتى ئاقسۇغا قايتىشقا مەجبۇر بولغان بىر ياش زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى كۈندە يوقلىما قىلىش، سىياسىي ناخشا- ئۇسۇل نومۇرلىرىنى تەييارلاشقا ئوخشاش سىياسىي بېسىم ۋە نازارەت قىلىش تۈزۈملىرىدىن بىزار بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، شۇنداقلا گەرچە خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكىدەك ھەددىدىن ئاشقان باشقۇرۇش تۈزۈملىرى بولمىغاچقا بىر قەدەر ئەركىن بولسىمۇ بەرىبىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئورناتقان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ تورىدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ياشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا ئىشلەمچىلەر ئىنتايىن كۆپ بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يۆتكىلىشى نىسبەتەن ئەركىن، چۈنكى ئۇلار پەقەت «باش ئىشتاب، زاۋۇت، دېھقان ئىشلەمچى» دىن ئىبارەت ئاددىي شەكىلدىكى باشقۇرۇش ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ئەندىزىسىنى يولغا قويغان، ئەمما ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇشتا مۇئەييەن كۆزىتىش، كونترول قىلىش ئەندىزىسى سىستېمىلاشتۇرۇلغان بولۇپ «ئەمگەك كۈچى بايلىقى ئىدارىسى ئالاقە ئىشخانىسى، ئاساسىي قاتلام جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى، يېزا -كەنت مۇقىملىق ئىشخانىسى، زاۋۇت ياكى كارخانىلاردىن ئىبارەت ئورگانلار دەرىجە، قاتلام بويىچە باسقۇچلۇق تورسىمان باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىدىكەن. شۇڭا مەيلى قاچان قايسى ۋاقىتتا بولسۇن ئۇيغۇر ياشلىرى قايسى ئۆلكە ۋە جايغا بارمىسۇن نازارەتتە ئىكەن.

ئاقسۇ ئايكۆل يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تارمىقىدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ خادىمى تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە سورىغان سوئالىمىزغا خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۇيۇقسىز قايتۇرۇپ كېلىشنىڭ سەۋەبىنى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ خىتاي تىلى ۋە كەسپىي جەھەتتىن تەربىيىلەش دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمىليەتتە بۇنىڭ چاغاندىكى مۇقىملىق تەدبىرى ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇپ قالالمىغان ئىدى.

گەرچە دائىرىلەر ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ يىلدىن-يىلغا ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە تەشۋىقات ھەتتا دوكلاتلارنى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ئۇيغۇر ياشنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ ئىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشى تەس بولغاندىن سىرت ئەمگەك ھەققىمۇ ئەرزان شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ قاتمال ۋە ئادالەتسىز باشقۇرۇش نازارەت قىلىش سىستېمىسى ئۇلارغا ئىقتىسادىي، سىياسىي بېسىم بولماقتا ئىكەن.

بۇ ياشنىڭ بىلدۈرۈشىچە گەرچە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەر جايدا بار بىر تەدبىر بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا ھاجىتى يوق، چۈنكى ھازىر ھەممە كەنت يېزىلارغىچە ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ قۇرغان زاۋۇت كارخانىلىرى ئېچىلماقتا، ئەمما دائىرىلەر بۇ ئىش ئورۇنلىرىغا يەرلىكتىن بىر قانچە ئۇيغۇر ياشنى ۋەكىللىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغىنى بىلەن ئاساسلىق ئىش ئورنىغا خىتاي نوپۇسىنى كۆپلەپ يۆتكەپ كەلمەكتە ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىدارىسىنىڭ تورىدىكى مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ئاپتونوم رايون بويىچە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچىدىن يەنە 2 مىليون 190 مىڭ كىشى بار ئىكەن. ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى ئاتىلىۋاتقان يېزىلاردىكى بۇ ئۇيغۇر ياشلىرى بولسا ئاساسەن بولۇپمۇ 80 -، 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان، تېرىيدىغان يېرى يوق، كىرىمى يوق، ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس بولغان ياشلاردىن ئىبارەت.

ئىلگىرى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان، شتابى ئامېرىكىدىكى پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور ياڭ جىيەنلى ئەپەندىمۇ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئېشىچا ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە تىل ۋە مەدەنىيىتىمۇ ئوخشىمايدىغان خىتاي ئۆلكىلەرگە يۆتكىشى، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تامامەن مۇمكىن ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى مەنبەدىن تۈگىتىپ، ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە غايەت زور خىتاي نوپۇس دولقۇنىغا غەرق قىلىۋېتىش، ئۇيغۇر دىيارىغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي نوپوسىنى يۆتكەش. شۇنداق قىلغاندىلا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنى مەڭگۈلۈك بېسىپ ياتالايمەن دەپ ئويلايدۇ» دېگەن قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/eshincha-emgek-kuchi-02112016145427.html

Share
1330 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.