logo

trugen jacn

خىتاي جەنۇب ھاۋا يوللىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئادەم ئورگىنى يۆتكەيدىغان «يېشىل ھاۋا يولى» تەسىس قىلغان

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي جەنۇب ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونى تارمىقى ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە تېز سۈرئەتتە يۆتكەيدىغان «يېشىل ھاۋا يولى» تەسىس قىلغان.

جەنۇب ھاۋا يوللىرىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تەشۋىقات دوكلاتىدا ئاشكارىلىشىچە، «يېشىل ھاۋا يولى» 2016‏-يىلى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان 500 قېتىمدىن ئارتۇق ئادەملەرنىڭ ئىچكى ئورگانىنى يۆتكىگەن.

خەۋەردە خىتاينىڭ جېڭجۇ شەھىرىدىكى شيېخې دوختۇرخانىسىنىڭ «يېشىل ھاۋا يولى» ئارقىلىق ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى يۆتكەيدىغان نىشانلىق دوختۇرخانىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. بۇ خەۋەر، خەلقئارادىكى تەشكىلاتلار ۋە پائالىيەتچىلەر، خىتايدىكى سوت، تەپتىش، ساقچى، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بەزى دوختۇرخانىلار بىلەن بىرلىشىپ، فالۇنگوڭچىلار، ئۇيغۇرلار ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى كۆچۈرۈپ پۇل تېپىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە تارقالدى.

ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى خىتايدا ھەر يىلى 10 مىڭ ئىچكى ئەزانىڭ كۆچۈرۈلىدىغانلىقىنى قەيت قىلسىمۇ، بىراق ئەمىلى سان بۇنىڭدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ چۈشىدىكەن. ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئېتان گۇتمان 2016‏-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتايدا ھەر يىلى60 مىڭدىن 100 مىڭغىچە ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

جەنۇب ھاۋا يوللىرىنىڭ تەشۋىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، جەنۇب ھاۋا يوللىرىنىڭ شىنجاڭ تارمىقى 2016‏-يىلى 7 ئاي ئىچىدە «يېشىل ھاۋا يولى» ئارقىلىق7 قېتىم ئادەم ئىچكى ئەزاسى يۆتكەش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان. بىراق جەنۇب ھاۋا يوللىرىنىڭ تەشۋىقات دوكلاتىدا بۇ ئىچكى ئەزالىرىغا قانداق ئېرىشكەنلىكىنى چۈشەندۈرمىگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى ئىئانە قىلىش تۈزۈمى 2013‏-يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. «شىنجاڭ مەركىزى شەھەر گېزىتى» نىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىچكى ئەزا ئىئانە قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان 4 يىل ئىچىدە ئاران 23 ئادەم ئىچكى ئەزاسىنى ئىئانە قىلغان ئىكەن

 

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/organ-sodisi-10092017153818.html

Share
1551 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.