logo

trugen jacn

خىتاي «تۈرك شەھىرى» لايىھەسى بەرپا قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

9355581523indeturkcity

ئەنخۇي ئۆلكىسىگە قاراشلىق چۇجوۋ شەھىرى باشلىقى جاڭ شىياڭئەن «تۈرك شەھىرى» لايىھەسى بەرپا قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

 ئەنخۇي ئۆلكىسىگە قاراشلىق چۇجوۋ شەھىرى باشلىقى جاڭ شىياڭئەن يىپەك يولىغا جايلاشقان شەھەرلىرىدە «تۈرك شەھىرى» نامى ئاستىدا بىر تۈرك سودا-سانائەت، كۈلتۈر، مائارىپ، سەھىيە ۋە ساياھەت مەركىزى قۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.
شىياڭئەن ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت ئەنقەرە تىجارەت ئۇيۇشمىسى تەشكىلىي ھەيئەت باشلىقى سالىھ بەزجى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، مىڭ گىگتارلىق يەردە بەرپا قىلىنىدىغان مەركەزدە 1500 تۈرك شىركىتى تەسىس قىلىدىغانلىقلىرىنى ئىپادە قىلدى.
تۈرك شىركەتلىرى ئۈچۈن تەسىس قىلىنىدىغان ئىشخانا ۋە ماگزىنلار بىلەن سانائەت ئورۇنلىرىدىن دەسلەپكى 3 يىل ئىجرا ئېلىنمايدىغانلىقىنى ئېيتقان شىياڭئەن، رايوندىكى شىركەتلەرگە ھەقسىز مەسلىھەت بېرىلىدىغانلىقلىرىنىمۇ قەيت قىلدى. ئەنقەرە سودا ئۇيۇشمىسى باشلىقى بەزجىمۇ «تۈرك شەھىرى»گە ماس ھالدا ئەنقەرەدىمۇ «خىتاي شەھىرى» قۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئېيتتى.
بەزجى قايتىدىن جانلىنىۋاتقان يىپەك يولىنىڭ تۈركىيەدىن ئۆتۈپ ياۋروپا يېتىپ بېرىشىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىنى يەنە بىر ئۆتۈش ئېغىزى بولغان رۇسىيەگە قارىغاندا 2000 كىلومېتىر قىسقارتىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

http://www.trt.net.tr/uyghur/%D8%AE%DB%95%D9%84%D9%82%D8%A6%D8%A7%D8%B1%D8%A7-%D8%AE%DB%95%DB%8B%DB%95%D8%B1%D9%84%DB%95%D8%B1/2015/04/05/%D8%AE%D9%89%D8%AA%D8%A7%D9%8A-%C2%AB%D8%AA%DB%88%D8%B1%D9%83-%D8%B4%DB%95%DA%BE%D9%89%D8%B1%D9%89%C2%BB-%D8%A8%DB%95%D8%B1%D9%BE%D8%A7-%D9%82%D9%89%D9%84%D9%89%D8%AF%D9%89%D8%BA%D8%A7%D9%86%D9%84%D9%89%D9%82%D9%84%D9%89%D8%B1%D9%89%D9%86%D9%89-%D8%A8%D9%89%D9%84%D8%AF%DB%88%D8%B1%D8%AF%D9%89-199850

Share
1426 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.