logo

trugen jacn

خىتاي تىك ئۇچار بىلەن تاغ ۋە جىلغىلاردا ئىزدەۋاتقان پىدائىيلار تاللا بازىرىدا سودىلىق قىلىپ غايىپ بولغان

image

شۆھرەت ھوشۇر 

2014-u0910-pmx.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىككى ئايدىن بېرى، خىتاي قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن ئىزدىلىۋاتقان قاپ يۈرەك پىدائىيلاردىن سۇلايمان توختى بىلەن ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە ھەرىكەتلىرى خۇددى كىنو فىلىملىرىدىكىدەك دراماتىك شەكىلدە داۋام قىلماقتا. 8 – ئىيۇل كۈنى ئۈچتۇرپان ئىماملىرىمدا 4 ئائىلىلىك خىتاي كۆچمەننى ئۆلتۈرگەن 7 نەپەر پىدائىيدىن ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن سۇلايمان توختى قېچىپ يۈرۈش داۋامىدا يەنە 18 – ئىيۇل كۈنى ئاقتوقايدا، 3 – ۋە 4 – ئاۋغۇست كۈنلىرى ياكۆۋرۈك يېزىسىدا بولۇپ ئاز دېگەندە 4 مەيدان ھۇجۇم ئېلىپ بېرىپ 5 كىشىنى ئۆلتۈرگەن ئىدى

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرى 3 ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئۇلارنى ئۈچتۇرپان بىلەن كەلپىن ئارىسىدىكى تاغ باغرىدىن تىك ئۇچار بىلەن ئىزدەۋاتقان مەزگىلىدە، ئۇلار ئۈچتۇرپاندىكى بىر تاللا بازىرىدا نان، چاي ۋە مۇراببا ئېلىۋاتقان ھالەتتە بايقالغان. خىتاي ساقچىلىرى ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگۈچە، ئۇلار يەنە مۆكۈنۈپ ئۈلگۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار تاللا بازىرىغا ئۆزلىرى ئولجا ئالغان ئالا – چىپار ھەربىي كىيىم بىلەن كىرىپ سودىلىق قىلغان

نۆۋەتتە ئۈچتۇرپان بازىرىدا 10دىن ئارتۇق نان ۋە ئىككى قاپتىن ئارتۇق چاي سېتىۋالغانلارنى تىزىملاش ۋە ساقچىغا مەلۇم قىلىش تۈزۈمى ئىجرا قىلىنماقتا

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uchturpan-09102014231331.html

Share
1125 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.