logo

trugen jacn

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تۈركىيەدە قانداق ئويۇن ئويناۋاتىدۇ؟

 

 

ئارتۇچ بۇغرا

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۆزلىرى ئۈچۈن خەۋىپ ۋە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخىسلەرنىڭ دۇشمەن دەپ قارا تىزىملىكىگە ئېلىپ يۇمشاق ۋە قاتتىق ۋاستىلارنى ئىشقا سېلىپ كۆزدىن يوقاتماقچى بولىدۇ.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىندا ئېلان قىلغان مەتبۇئات ماقالىلىرىدە ئۆزنىڭ مۇلاھىزىسىدە مۇنداق باشلايدۇ، ئابدۇقادىر ياپچان قولغا ئېلىنىشى شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارنى نېمە ئۈچۈن بۇنچە جىددىلەشتۇرۋېتىدۇ؟ بۇ ئابدۇقادىر ياپچان قانداق ئادەم؟ دەپ سوئال بىلەن باشلايدۇ
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ھەر دائىم بىزنىڭ قىلماقچى بولغان ئىش-ھەركتىمىزنى ئالدىن بىلەلمىسە، قىلىۋاتقان ئىش-ھەركىتىمىزگە قارىتا تەدبىر ئېلىپ، شۇ ئىشنىڭ يولىنىشىگە قارىتا ئۆزىنىڭ مەنپەتىگە يارىشا يۈزلەندۇرۇشكە تىرىشىدۇ. ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ تۇيۇقسىز تۇتۇلۇپ كېتىشى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن ئۇزۇندىن بۇيان كۆزدىن قانداق يوق قىلىش ھەققىدە باش قاتۇرۇپ كېلىۋاتقان پىلانلىق بىر مەسىلە. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ دەلىل – ئىسپاتسىز بوھتانلار ئارقىلىق ئابدۇقادىر ياپچاننى تۈركىيە سوتىغا ئەرز قىلىپ تۈركىيە قانۇنلىرىغا تايىنىپ نەزەربەت قىلىش، ئاۋازىنى، تىلىنى خىزمەت قىلدۇرماسلىقنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۆز ئىچمىزدىن ئابدۇقادىر ياپچاننى يوق قىلىشقا مۇۋاپىق ئادەم، پۇرسەت تاپالمىغاندىن كېيىن، ئىككىنچى قەدەمدە تۈركىيە قانۇنىدىن پايدىلنىپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىش يولىنى ئىزدەشكە باشلىدى. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئابدۇقادىر ياپچان يوللۇق، قانۇنلۇق ھالدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەت، قانۇن – تۈزۈملىرىنى سېلىۋاتقان زۇلۇمىنى پاكىتلار بىلەن ئېچىپ تاشلىشى ھەمدە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئىدىيىنى بارلىققا كەلتۈرۈشى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى ئەڭ بىئارام قىلدى. چۈنكى بىر مىللەتتە ئۆزىنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيىتىدىن باشقا دۈشمىنىگە قارشى ئورتاق ئىدىيىنىڭ بەرپا بولىشى، ھەمدە بۇ ئىدىيىنىڭ توغرا شەكىلدە خەلققە يەتكۈزۈپ ئۆزلىشىشى ئاتوم بومبىسىدەك كۈچلۈك قورالغا ئىگە بولغانلىقى بىلەن باراۋەر ئىكەنلىكىنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ياخشى بىلگەنلىكتىن، بۇ ئىدىيىنى بارلىققا كەلتۇرگەن ۋە ئەڭ روشەن شەكىلدە خەلققە تارقىتىۋاتقان ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ھەركىتىنى تۈركىيەدە توسۇشقا ئۇرۇنماقتا
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى پاكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە بىر قسىم ئاز ساندىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئۆزى ئۈچۈن تەھدىت قاراپ، ئۇلارنى شۇ دۆلەتنىڭ قولى بىلەن ۋاستىلىق ۋە بىۋاستە ھالدا باشقا ئەللەرگە تارقىلىپ كېتىشكە مەجبۇرلىغان، جامائەت بولۇپ ياشاش ئەركىنلىكىمىزنى بوغۇپ تاشلىغان ئىدى. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ ئويۇننى ئەمدى تۈركىيەدە ئويناشقا باشلىدى. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۈچۈن ئەڭ زور تەھدىت بولىۋاتقان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى پارچىلاش، بۆلۈش، ئۆز-ئارا دۈشمەن قىلىپ « ئۆزىنىڭ يېغىدا ئۆزىنىڭ گۆشىنى قورۇش » تاكتىكىسى بىلەن يوق قىلىش ئۇسۇلىنى ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلمەكتە. بۇنىڭلىق بىلەن قالماي يەنە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا بېقىندى بەزى تەشكىلات ۋە گوروھلار بىلەن ئۇيغۇرلارنى تۈرك خەلقىغە يامان كۆرسىتىش ئۈچۈن بەزى ئويۇنلارنى ئويناپ كەلمەكتە.
مەسىلەن: ئۇيغۇرلارنى تۈركىيە خەلقىغە سەت كۆرسىتىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم يوق دەپ مۇخبىرلارنى سېتىۋېلىپ يالغان خەۋەر ئىشلەپ تارقىتىپ، تۈرك خەلقىنىڭ ھىسداشلىقىدىن ئايرىش، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە يامان كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ئورۇن ئالغان قىلىپ كۆرسىتىش، نورمال تۇرمۇشتا تۈركىيە قانۇنىغا ۋە نىزامىغا قارشىلىق قىلدىغانلارنى مەيدانغا چىقىرىپ سەت كۆرستىش قاتارلىق شەكىلىدىكى ئۇسۇللار بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۇرۇشكە تىرىشماقتا. دىمەك، مۇشۇنداق ئىشلار ئارقىلىمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا پاراكەندىچىلىك سېلىش، ۋەھىمە پەيدا قىلىپ تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە سىياسىتى خۇددى ئۇيغۇرلارغا باشقىچە بولۇپ كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇنى پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.
ئابدۇقادىر ياپچان مەسىلىسى بىز ئەندىشە قىلىپ ئەنسىرەپ كېتىدىغان مەسىلە ئەمەس، چۈنكى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن تۈركىيە دۆلىتىنىڭ سىياسىي ئوكتىچىلەرنى ۋە گۇماندارلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى يوق. ئابدۇقادىر ياپچان 20 يىلدىن بۇيان چەتئەلدە ياشاۋاتقان بىر كىشى، خىتايدا ۋە ياكى باشقا يەرلەردە ئۆتكۈزگەن جىنايىتى يوق. تۈركىيە قانۇنى دۆلەت قانۇن تەرتىۋى بويىنچە، ئىش – ھەركەت ئېلىپ بېرىش شۇ دۆلەتتە تۇرۋاتقان كىشلەرنىڭ قانۇننىڭ تەرتىۋى بويىنچە ماسلىشىش مەجبۇرىيىتى بار. بۇ مەسىلىگە قارىتا ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ قانۇنلۇق ئادۇۋكاتى، قانۇنلۇق تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا قانۇنى جەھەتتىكى ھوقوقى قوغدىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى نىيەت ۋە كۆڭلىنى توغرا چۈشىنىش بىلەن بىرگە، ئىشنى ئىش ئىگىللىرىگە تاپشۇرۇپ، قانۇنى تەرتىپ بويىنچە ھەل قىلىش چارىسىنى قىلىشقا ياخشى نىيەت، ياخشى كوڭلىمىزنى ياخشى ئۇسۇللار بىلەن ئىپادىلەش مەنچە بەك مۇھىم.
بۇ توغرىسىدا قىلىنغان چاقرىق ۋە دەۋەتلەر ئابدۇقادىر ياپچانغا مەسئول بولىۋاتقان كىشلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلسا تەرتىپلىك بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. باشقا كۆڭۈل بۆلىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ ھەممىزنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش پەقەت سۈكۈتتە ياكى ئاۋازلىق ھالەتتە بولسۇن نامايىش قىلىشلا ئەمەس، بەلكى ئاللاھقا سېغىنىپ دۇئا قىلىش بولسۇن. بۇ ئىشنىڭ ئەڭ توغرىسى تۈركىيە قانۇنى دائىرىسىدە ھەل قىلىشتۇر. ھەممىزنىڭ ئارلىشىۋېلىشى، ئادەم يىغىپ ھۈكۈمەت، ئەدلىيە ۋە ساقچىلارغا ھەيۋە قىلىش توغرا ئەمەس.
پەقەت بىز ئىشىنىپ مەسئوللۇقنى ھاۋالە قىلغان كىشلەرنىڭ بۇ ئىشتا مەسئولىيەت ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ كېتەلەيدۇ دەپ ئويلايمەن. ھەممە ئىشنى تەشۋىق قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ توغرا ئەمەس، تەشۋىق قىلىدىغان ئىشلارمۇ بار، تەشۋىقاتتىن خالى قىلىدىغان ئىشلارمۇ بار، بەزى سۆز ۋە كۆرۈنۇشمۇ بەزى ۋاقىتتا زىيان ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، شۇڭا سىياسىي ئېڭىمىزنى يۇقىرى كۆرسىتىشكە تىرىشساق. چۈنكى بىز بۈگۈنگىچە سىياسەتنىڭ قۇربانى بولدۇق. سىياسەتنى بىلمىسەك ، ئۈگەنمىسەك سىياسەتنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىۋېرىمىز. شۇنى ئېسىمىزدىن چىقارمايلى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ھەر ۋاقىت، ھەر يەردە بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى تەھىلىل ۋە مۇلاھىزە قىلىپ تۇرۋاتىدۇ، قەدەملىرىمىزنى ئېلىشتا ياخشى نىيەت بىلەن بىرگە پەم – پاراسەت، ئەقىلنى ھەمنەپەس قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمايلى

 

Share
1321 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.