logo

trugen jacn

خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىسلام ھەققىدىكى قۇتراتقۇلۇقى خىتايدا مۇسۇلمانلارغا قارشى كەيپىياتنى كۈچەيتىكەن

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرىدىكى ئاتالمىش «ئىسلامى ئاشقۇنلۇق» قا قارشى كۈنسىرى كۈچىيىۋاتقان قۇتراتقۇلۇق خىتايدا غەيرى مۇسۇلمانلاردىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى كەيپىياتنى كۈچەيتمەكتىكەن.

قاتارنىڭ «ئەل-جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلى 13‏-مارت ئېلان قىلغان بىر ماقالىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «خىتاي جەمئىيىتىدە ئىسلامنى بىر ئاۋارىچىلىق دەيدىغان پىكىر ئېقىمى كۈچىيىۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى.

خوڭكوڭ «جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى»دە 11‏-مارت ئېلان قىلىنغان ماقالىدە بولسا، خىتايدا مۇسۇلمانلارغا قارشى قۇتراتقۇلۇقنىڭ كۈچىيىشى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنى خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىكى خىتاي جامائەت پىكىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانى ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ ماقالىسىدە قەيت قىلىشىچە، خىتاي ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ كىشىلەرنى ئاتالمىش رادىكال ئىسلامنىڭ خەۋپىدىن قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرۇشى، توردا مۇسۇلمانلارغا قارشى نەپرەتنى ئۇلغايتىپ، مۇسۇلمانلاردا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قاتتىق قول سىياسەت ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تۇڭگانلارغا كېڭەيتىلەمدۇ، دېگەن ئەندىشە پەيدا قىلغان.

ئامېرىكا فروست ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ما خەييۈننىڭ قارىشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى ھۇجۇمنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ھوقۇق كۈرىشى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئەمەس. ما خەييۈن، بۇ ئەھۋالنى پارتىيە ئىچىدىكى قاتتىق قول گۇرۇھلارغا باغلايدۇ.

ئۇ مۇنداق دېدى: «(خىتاي) تورلىرىدا نۇرغۇن مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۈنسۈرلار بار. ئۇلار مەخسۇس مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك قىلىدۇ. مەسىلەن، ئۇلارنىڭ بىرى، (خىتاي) ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسىدىن دەم ئېلىشقا چىققان قېرى ئايال شۈ ۋۇيى، سۇ ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى مېي شنيۈ دېگەن كىشىلەر. ھازىرغا قەدەر بۇ كىشىلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى مەلۇم ئەمەس. ئەمما شۈ ۋۇيى ئۆزىنىڭ (خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى مىللىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىر) جۇ ۋېيچۈن بىلەن مۇناسىۋىتى بەك يېقىن، دەپ كەلگەن. شۇڭا، بۇ ئىشلارنى بۇ يىل ئېچىلىدىغان كومپارتىيە 19‏-قۇرۇلتىيىدىكى ھوقۇق كۈرىشىگە باغلاشقا بولىدۇ.»

ما خەييۈننىڭ قەيت قىلىشىچە، پارتىيە ئىچىدىكى بۇ قاتتىق قول گۇرۇھلار مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ۋە دىنىي مەسىلىلەرنى جىددىيلەشتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئىچىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن.

خىتاينىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى يىغىنى مەزگىلىدە «دىنىي ئاشقۇنلۇق»نىڭ خىتايغا جىددىي خرىس پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ئەمەلدارلار ئەڭ كۆپ تەكىتلىگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئىككى كۈن ئاۋۋال ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسى-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى سەرھات ئاخان بېيجىڭدا، خىتاينىڭ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى ۋە «دىنىي ئاشقۇنلۇق»نىڭ سىڭىپ كىرىشى خرىسىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇنىڭدىن سەل بۇرۇن، خىتاينىڭ تېررورلۇق ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت كومسىسارى چېن گوپىڭ، نىڭشيا تۇڭگان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى لى جيەنخۇا قاتارلىق كىشىلەر بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

لى جەنخۇا، خىتاينىڭ سىياسىتىنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ بەزى مۇسۇلمان دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى ۋاقىتلىق چەكلىگەنلىكىگە سېلىشتۇرۇپ، بۇ سىياسەت مەيلى ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولسۇن ياكى ئۇنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىسۇن، «بۇ يەردىكى مەسىلە دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ ئامېرىكا مەدەنىيىتىگە سىڭىپ كىرىشنى توساشتۇر» دېگەن ئىدى.

بىراق بەزى تۇڭگان زىيالىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىگە باغلاش توغرا ئەمەس. لەنجۇدا ئولتۇرۇشلۇق خىتاي زىيالىيسى، «جۇڭگو مۇسۇلمانلار تورى»نىڭ سابىق تەھرىرى ما ئەپەندى، بەزى خىتاي ئەمەلدار ۋە زىيالىيلىرىنىڭ دىنىي چۈشەنچىسى ۋە مۇسۇلمانلارغا بولغان تونۇشى چولتىلىقىنى بىلدۈردى.

ما ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ ئۆزى ئىسلامنى، مۇسۇلمانلارنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئەسلىدىنلا تونۇشى يىتەرلىك ئەمەس. ئۇلار (ئىسلام) توغرىسىدىكى بەزى ئەقەللى نەرىيەلەرنى بىلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزى ناھايىتى چەكلىك. شۇڭا، ئۇلار مەسىلىگە باھا بەرگەندە بىر تەرەپلىمىلىك، رادىكال باھا بېرىدۇ. ئۇلار، باشقىلارنى رادىكال دېسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرى رادىكاللىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ ھازىر دىنىي رادىكاللى دېگەنلىرىنىڭ شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. بۇ خۇددى، بىر ئادەم باشقا بىرسىگە قالپاق كىيدۈرگەندەك بىر ئىش. بۇ ئىشلار ئۇ ئۆزى ياقتۇرمايدىغان بىرسىنى يامان كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلىۋاتقاندەك قىلىدۇ. بولمىسا، شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ دىنىي ئاشقۇنلىق بىلەن نېمە ئالاقىسى بار؟»

ما ئەپەندى يەنە، كومپارتىيە ئىسلامغا ھەر قانچە قاتتىق قوللۇق قىلسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستراتېگىيەسى يەنىلا مۇسۇلمانلاردىن، ئىسلامدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ما ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «تاڭ دەۋرىدىكى يىپەك يولىنى ھازىر دۆلەت رەھبەرلىرى ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. بۇلار ھازىر ئوتتۇرىغا قويغان بىر بەلۋاغ بىر يولنى بۇرۇنقى سۇلالىلەر قانداق ماڭغان. ئۇلار سودا كارۋان يوللىرىنى قانداق ئاچقان؟ ئۇ دەۋرىدىكى خانلىقلارنىڭ نەزىرى ھازىرقىلاردىن كەڭ بولۇپ، ئۇلار ئىسلامنى ھەرگىز ئۆزىنىڭ دۈشمىنى، دەپ قارىمىغان، بەلكى مۇسۇلمانلارنى دوست تۇتقان. ئۇلار بىر رامكا ئىچىگە كىرىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ تىغ ئۇچىنى مەلۇم دىنىي گۇرۇھ ياكى مەلۇم بىر مىللەتكە قارىتىۋالغان ئەمەس. شۇڭا، ئۇ دەۋردە خىتاينىڭ سودىسى يەر شارىغا كېڭەيگەن. پۈتۈن ئالەمگە كېڭەيگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن كۆكسىنى كەڭ تۇتۇپ، بىر رامكىنىڭ ئىچىگە قاپسىلىپ قالماسلىق كېرەك. ئەگەر سەن ھازىر دۇنيا بىلەن سودا قىلىۋاتقان بولساڭ، كۆڭلى-كۆكسۈڭ كەڭ بولۇشى شەرت. چۈنكى، سېنىڭ بىر بەلۋاغ بىر يولۇڭ مۇسۇلمانلاردىن، ئىسلامدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتەلمەيدۇ.»

ئامېرىكا فروست ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور ما خەييۈننىڭ قارىشىچە، خىتايدا مۇسۇلمانلارغا قارشى كەيپىياتنىڭ كۈچىيىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب، شى جىنپىڭغا قارشى كۈچلەر ئۇيغۇر، تۇڭگان مەسىلىسىنى ئۇلغايتىپ، ئۇنىڭ سىياسىتىگە توسقۇنلۇق قىلىشنى ئويلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

ما خەييۈن مۇنداق دەيدۇ: «2013-يىلى بولسا كېرەك، مۇسۇلمانغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلار تۇيۇقسىز باش كۆتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تور ھۇجۇمى ناھايىتى ئەۋج ئېلىپ كەتتى. بۇ دەل شى جىنپىڭنىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋاقتىغا توغرا كەلگەن ئىدى. چۈنكى، ئۇ «بىر يول بىر بەلۋاغ» ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىغا تۇتۇشىدۇ. ئەمما بۇ مەزگىلدە، مەملىكەت ئىچىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلەر تۇڭگانلارغا ھە دەپ ھۇجۇم باشلاپ، ۋەقە چىقىرىشقا باشلىدى. ئۇنىڭدىن سىرت، ئۇنىڭ شىنجاڭدا يولغا قويغان سىياسىتى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كېڭىيىشكە باشلىدى. بۇ ئىشنىڭ شۇنداق بىر ئارقا كۆرۈنۈشى بار، شى جىنپىڭغا رەقىپ كۈچلەر تۇڭگان ۋە مۇسۇلمانلار مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، ئۇنىڭ سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلدى، دەپ قاراشقا بولىدۇ.»

خىتاي ھۆكۈمىتى تۇڭگانلار بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئىزچىل ئوخشىمىغان ئىككى خىل سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئىدى. بىراق «جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى» ۋە «ئەل جەزىرە» تېلېۋزىيە قانىلىنىڭ خەۋەرلىرىدە قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر يۈننەن، نىڭشيا قاتارلىق تۇڭگانلار زىچ ئولتۇرۇشلۇق رايونلاردا ئوخشاشلا بەزى ئامانلىق تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزگەن.

«جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ ماقالىسىدە، خىتاينىڭ كۈنمىڭ شەھىرىدە ئالغان ئامانلىق تەدبىرلىرىنى بايان قىلىپ، يەرلىكلەرنىڭ بۇ تەدبىرلەر تۇڭگانلارغا ئەمەس، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان، دېگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

Share
1362 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.