logo

trugen jacn

خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا تېررورلۇق ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى مۇكاپاتلاشنى تۈزۈملەشتۈردى

6388deba-5600-4f72-8811-eece0b00d809

 

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا «تېررورلۇق» ھەرىكىتىگە دائىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى مۇكاپاتلاشنى بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇن يولغا قويغان. ئەمما دائىرىلەر يېقىندا رەسمىي بەلگىلىمە چىقىرىپ، مۇكاپات سوممىسىنى ئۆستۈرگەن ۋە مۇكاپاتلاشنى تۈزۈملەشتۈرگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر بەلگىلىمە ئۇيغۇر رايونىنىڭ «تېررورلۇق»قا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن چىقىرىلغان. ئەمما بۇ بەلگىلىمە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە نورمال كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تېخىمۇ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىغا يول ئاچىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى 11‏-ئاپرېل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «زوراۋان تېررورلۇق جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلىغان كىشىلەرنى مۇكاپات چارە تەدبىرى»نى ئېلان قىلدى. مەزكۇر بەلگىلىمىدە كۆرسىتىشىچە، «تېررورلۇق» ھەرىكىتىنى بايقاپ، ئۇنىڭ ھەققىدە يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ۋە زەربە بېرىشكە ياردەم قىلغان كىشىلەرگە، تەمىنلىگەن ئۇچۇرنىڭ قىممىتىگە قاراپ، 5 مىليون يۈەنگە قەدەر مۇكاپات بېرىلىدىكەن.

بەلگىلىمىدە، پىلانلىق ۋە تەشكىللىك ئېلىپ بېرىلغان پارتلىتىش، گۆرۈگە ئېلىش، ھۇجۇم قىلىش، يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش، زەھەر تاشلاش، مۇھىم ئەسلىھەلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرگە دائىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ئەھۋالغا قاراپ، تۆۋىنى 200 مىڭ سوم، يۇقىرىسى 5 مىليون سومغا قەدەر مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بەلگىلىمىدە يەنە، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ئائىت ئۇچۇرلارنى مەسىلەن، ئامانلىق ئەھۋالى، بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىش، دىنىي پائالىيەت، خەلق رايى، ئىجتىمائىي كەيپىيات، توردىكى نالايىق ئۇچۇرلارنى پاش قىلغۇچىلارغا ئەڭ كۆپ بولسا 200 مىڭ سوم مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم بىر ساقچى پونكىتىنىڭ خادىمى، مۇكاپاتنىڭ تۈرلەرگە ئايرىلىدىغانلىقىنى، مۇكاپات پۇلى ئۇچۇرنىڭ تۈرىگە قاراپ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ساقچى ‏- ئا مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدا ئۇچۇرنىڭ تەلىپىگە قارايمىز. ج خ ئورگانلىرىغا ئىلتىماس قىلىپ مۇنداق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن كىشى پالانى رايوندا دېگەندىن كېيىن، ئۇچۇرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بېرىلىدۇ. ئۇ تۈرگە ئايرىلىدۇ. مەسىلەن. مۇنچىلىك يەرنى پارتلاتقان ياكى بومبا ياسىغان، ياسىماقچى بولغان دېگەندەك تۈرگە قاراپ، ئەڭ يۇقىرىسىغا 5 مىليون، تۆۋىنىگە 5000 سوم مۇكاپات بېرىلىدۇ. بۇ پىلانلاۋاتقاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قىلىشنى بۇرۇن پىلانلىغانلارنى پاش قىلغان بولسا، مۇكاپات كۆپ بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى بولىدۇ. قىلمىشنىڭ ئالدىنى ئالغىنى بولسا جىقراق بولىدۇ.»

ساقچى پونكىتىدىكى يەنە بىر خادىم، ئۆزلىرىنىڭ پايلاقچىلار تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن بىر يەر ئاستى دىنىي كۇرسنى پاش قىلغانلىقىنى، دىنىي كۇرس ئاچقان ئۇ زاتنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ، قولغا ئېلىنغان ئۇ دىنىي زاتنىڭ كىملىكى، ئۇ دىنىي زاتنى كىمنىڭ پاش قىلغانلىقىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى. ئۇ ساقچى، «ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلايمىز» دەيدۇ.

ساقچى ‏- ب، «ئەمدى شۇ ئىگىلىگەن ئۇچۇرنىڭ قىممىتىگە قارايدىغان گەپ. ئەگەر دېمەكچى بولغان ئۇچۇر تېررورلۇققا ئائىت بولسا، ئەگەر شۇ ئۇچۇر ھەقىقەتەن راست بولۇپ قالسا، بىز ئادرېسىنى، ئىسمىنى ھېچكىمگە دېمەيمىز. بىز مەخپىيەتلىكنى ساقلايمىز. دىنىي مەكتەپ ئۇمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭغىمۇ بېرىدۇ. ئەمما ئاۋۇ 5 مىليون، دەيمىز، ئۇ ئىشنىڭ ئەھۋالىغا قارايمىز. مەسىلەن، دىنىي ئوقۇش جەريانىدا بومبا ياسىغان، ئۇ-بۇ ئىشلارنى قىلغان بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ باشقىچىرەك بولىدۇ. ئۆگەنگەن-ئۆگەتكەن، دېگەندەك. بىزنىڭكىدە دىنىي ئوقۇشنى پاش قىلغان بىرسىگە بېرىپ باققان. ئۇ دىنىي ئوقۇتۇش ئىدى، ئۇ ئادەمنى تۇتقان» دەپ كۆرسەتتى.

ئەمما خىتاينىڭ مەزكۇر بەلگىلىمىسىدە، «تېررورلۇق» ھەرىكەتلەر بىلەن بىرگە، دىنىي پائالىيەت، خەلق رايى، ئىجتىمائىي كەيپىيات، توردىكى نالايىق ئۇچۇرلارنى پاش قىلغۇچىلارغا مۇكاپات تەسىس قىلىشى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى جىددىي بىئارام قىلدى.

ئۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ بەلگىلىمىدە دىنىي ئەركىنلىك، ئىپادە ۋە سۆز ئەركىنلىكى، تور ئەركىنلىكىنى پاش قىلىش نىشانىغا ئايلاندۇرۇپ، خەلقئارا ۋە خىتاي قانۇنلىرىدا بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان بۇ ئەركىنلىكلەر قانۇنسىز ھەرىكەت قىلىپ قويۇلغان.

ئەنگلىيەدە ئولتۇرۇشلۇق پائالىيەتچى، خىتاينىڭ ئادەم ئىچكى ئەزالار ئەتكەسچىلىكى تەتقىقاتچىسى ئەنىۋەر توختى، بۇ بەلگىلىمە تېررورلۇقنى قالپاق قىلسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەنىۋەر توختى: «خىتاينىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابى دېگەن نەرسىسىنى بىز بىلىمىز. مۇشۇ ھازىر سىز دېگەن سىياسەتنى شۇ چاغدا يۈرگۈزەتتى. ھەممە ئادەم بىر-بىرىنى نازارەت قىلاتتى. كىمنىڭ ئۆيىگە مېھمان كەلسە، ئۇ 5 مىنۇتقا بارماي يەرلىك ساقچىغا بېرىپ بولىدۇ. ئۇ يەرلىك ساقچىنىڭ كونترولى ياخشى بولغانلىقىدىن ئەمەس. كىم دېدى، قوشنا دېدى. بۇ مۇشۇنداق قىلىپ، ھەممە ئادەمنى دەككە-دۈككىگە سېلىپ قويغاندىن كېيىن، بۇ جەمئىيەت جەمئىيەت بولمايدۇ. چۈنكى، ئەتراپىڭىزدىكى ھېچكىمگە ئىشەنمەيسىز، ھېچكىمگە!»

ئەنىۋەر توختى يەنە، ئومۇمىي خەلقنى پايلاقچىلىققا رىغبەتلەندۈرۈشتەك بۇ خىل ھەرىكەت، يالغان مەلۇمات ۋە يالغانچىلىقنى كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئەنىۋەر توختى: «بىز يەنە بىر نەرسىنى بىلىمىز، ماۋۇ ئاغىنەم پالانچىنى مەلۇم قىلدى. ئوڭ تەرەپتىكى ئاغىنەم يەنە بىرىنى پاش قىلدى. ئۇلارنى مۇكاپاتلىدى. ئەمدى مەن ھېچكىمنى مەلۇم قىلمىسام، مەن ئوتتۇرىغا چىقىپ قالىمەن-دە، مەن جەمئىيەتتە تەتۈرىگە كۆرۈنۈپ قالىمەن.

شۇنىڭ بىلەن قانداق قىلىدىغان گەپ، يالغان مەلۇمات بېرىدىغان گەپ. يالغانچىلىق مۇشۇ يەردىن چىقىدۇ. مانا بۇ خىتاينىڭ مەقسىتى، بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزنىڭ بىر-بىرىگە ئىشەنچسىز، گۇمانخور ھالەتكە كېلىشىنى ئويلاپ شۇنىڭغا كۈچەۋاتىدۇ.»

لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «تېررورلۇق جىنايەتلەرنى ئاشكارىلىغان شەخسلەرنى مۇكاپاتلاش چارە تەدبىرى»دە، مۇكاپات ئېلىش غەرىزىدە مەقسەتلىك يالغان ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ھەرىكىتىدە «جىنايى قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلەر» بولسا، قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

«تەڭرىتاغ تورى»نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، تېررورلۇققا دائىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى مۇكاپاتلاش خەلقئارادا نۇرغۇن دۆلەتلەر يولغا قويۇۋاتقان ئورتاق تەدبىركەن. خەۋەردە، «مەزكۇر بەلگىلىمە ئۇيغۇر رايونىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشى ۋە تەرەققىيات ئېھتىياجىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئۇ خىتاينىڭ ئۇچۇرچىلارنى مۇكاپاتلاشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قانۇن- تۈزۈم قۇرۇلۇشىدىكى زور تەدبىر» دېيىلگەن.

ئەمما ئەنىۋەر توختى، مۇكاپات تۈزۈمى يولغا قويغان نۇرغۇن دۆلەتلەردە مۇكەممەل قانۇن -تۈزۈم ۋە مۇستەقىل ئەدلىيە سىستېمىسى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇنلىرىغا ئەمەل قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ قارىشىچە،، بۇ بەلگىلىمە رايوندا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ. ئۇ، «تېررورلۇق مەسىلىسى خىتاينىڭ جەمئىيەتنى كونترول قىلىش ئۇسۇلى» دەپ كۆرسەتتى.

ئەنىۋەر توختى: «بىزگە قوپۇپ، بىز تېررورچىلارنى يوقىتىش ئۈچۈن مۇنداق قىلىمىز، دەپ كۆرسەتكەن بولدى. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدە تېررورچى بارمىدۇ؟ بۇنىڭ ئۆزى بىر سوئال. بىزنىڭ ۋەتەندە بولغان ئىشلارنىڭ نۇرغۇن ئارقا كۆرۈنۈشى بار. بۇ، كوممۇنىستىك خىتاينىڭ جەمئىيەتنى كونترول قىلىشىنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى» دەپ كۆرسەتتى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «تېررورلۇق جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلىغان شەخسلەرنى مۇكاپاتلاش چارە تەدبىرى»دە يەنە، تىڭ-تىڭچىلارنىڭ پۇل ئېلىشنى خالىمىسا، سىياسەت خاراكتېرلىك ئېتىبار بېرىشكە ئىلتىماس قىلالايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن.

بەلگىلىمىدە، بۇ خىل كىشىلەرنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مائاش بېكىتىش، مەكتەپكە كىرىش، ھەربىيگە قاتنىشىش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئېلىش، يەر ھۆددىگە بېرىش، قانۇنىي ياردەمگە ئېرىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىشكە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/terrorluq-uchuri-04112016143622.html

Share
1511 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.