logo

trugen jacn

خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇسى 23 مىليون 600 مىڭغا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى

20150709135503_uygur-sorunu-ve-cinin-balkanlasma-korkusu

ۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت مەزكۇر رايوننىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 2015‏-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا 23 مىليون 600 مىڭغا يېتىپ، بىر يىلدا 610 مىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. دائىرىلەر بۇ سانلىق مەلۇماتنى يېقىندا ئۆتكۈزگەن «شىنجاڭنىڭ 2015‏-يىللىق مىللىي ئىقتىسادى پائالىيەت ئەھۋالى» سەرلەۋھىلىك ئاخبارات يىغىنىدا جاكارلىغان.

يىغىندا رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدىكى بىر يىللىق ئومۇمىي ئۆزگىرىش ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ مۇھىم ھالقا-ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي نوپۇس ئىچىدىكى نىسبىتى، تۇغۇلۇش-ئۆلۈش ۋە ئەر-ئايال نىسبىتى، شەھەر، بازارلاردىكى ئولتۇراق نىسبىتى ھەمدە ئىشسىزلىق نىسبىتى تىلغا ئېلىنمىغان.

مەزكۇر مەلۇمات، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا نوپۇسنى مۇقىملىق مەسىلىسى، دەپ قاراپ، ئۇيغۇرلارغا قاتتىق پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈش، ئۇيغۇر نوپۇسىنى قاتتىق كونترول قىلىش بىلەن ئەيىبلەۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا خىتاي ئاھالىسىنىڭ نوپۇس جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاش ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەلەپلىرىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى، دەپ قارايدىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يىغىندا ئاشكارىلىشىچە، رايوننىڭ 2015‏-يىلدىكى ئەركەك-ئاياللار نىسبىتى ئاز كەم ھەر 103 ئەركەككە 100 ئايال توغرا كەلگەن. شەھەر، بازارلاردىكى دائىم تۇرۇشلۇق نوپۇس ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 47.2 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان. شەھەر، بازارلاردىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى بولسا 4% ئىچىدە كونترول قىلىنغان.

يىغىندا يەنە، رايوننىڭ 2015‏-يىلدىكى بىر يىللىق تۇغۇلۇش نىسبىتى مىڭدە 15.59، ئۆلۈش نىسبىتى مىڭدە 4.51، دەپ ئېلان قىلىنغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-nopus-02102016164530.html

Share
1277 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.