logo

trugen jacn
31 مارت 2014

خىتاي ئىككى قۇرۇلتاي ھارپىسىدا ئىلھام توختى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى يەنە نازارەت ئاستىغا ئالدى

 

مېھرىبان

 

ئۆتكەن ھەپتە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ۋە سىياسىي قانۇن كومىتېتى بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ئىككى قۇرۇلتاي مەزگىلىدە بېيجىڭدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، بېيجىڭدىكى بىرقىسىم كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ۋە زىيالىيلارغا قارىتىلغان نازارەت كۈچەيتىلگەن.

ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىغا قارىتىلغان نازارەتمۇ كۈچەيتىلىپ، 22-فېۋرال جۈمە كۈنى ئىلھام توختى ئەپەندى دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۇدا 6 سائەت سوراق قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆيىگە قايتۇرۇلۇپ يەنە نەزەربەند قىلىنغان.

ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ چەتئەلدىكى خادىملىرىدىن بىرەيلەن 23-فېۋرال رادىئومىز مۇخبىرىغا ئۇچۇر يوللاپ، ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ، ئىلھام توختى ئەپەندى بىلەن ئالاقىلىشىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقىنى، ئىلھام توختىنىڭ 22-فېۋرال كۈنى ئاممىۋى ئالاقىلىشىش تورى تۋىتىردا ئۆزىنىڭ دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر يوللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام توختى ئەپەندى 22-فېۋرال كۈنى كېچىدە تۋىتىردا يوللىغان ئۇچۇرىدا، شۇ كۈنى بېيجىڭدىكى دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرىنىڭ ئۇنى«چاي ئىچىش» نامىدا يەنە سۆھبەتكە چاقىرغانلىقىنى، جۈمە كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە باشلانغان «سۆھبەت» كەچ سائەت 9 دا ئاياغلاشقانلىقى ئۈچۈن، روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قاتتىق چارچىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن، 26-فېۋرال كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سەھەر سائەت 1 دە ئىلھام توختى ئەپەندىگە تېلېفون قىلدۇق.

بىر مىنۇتقا يەتمىگەن تېلېفون زىيارىتىمىزدە ئىلھام توختى ئەپەندى بىزگە، بىنا سىرتىدا ئۇنى نازارەت قىلىشقا قويۇلغان ساقچى ئاپتوموبىللىرىنىڭ يەنىلا نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ،دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرى بىلەن 22-فېۋرال جۈمە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان«سۆھبەت» ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى نۇرغۇن قېتىملىق «چاي ئىچىش»لەر سەۋەبىدىن قاتتىق چارچاپ، ئۆتكەن جۈمە كۈنى يۈرىكىدە ئارامسىزلىنىش ئالامەتلىرى بولغانلىقىنى، دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرىنىڭ ئەتە سەيشەنبە كۈنى ئۇنىڭ دوختۇرغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىنى، شۇ تاپتا« تېلېفوندا سۆزلىشىش ئەپسىز بولغاچقا، مۇخبىرنىڭ رەسمىي زىيارىتىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقى»نى بىلدۈردى.

2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر بىز تورى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن رەئىسى نۇر بەكرى تەرىپىدىن ۋەقەدە قۇتراتقۇلۇق قىلدى دەپ ئەيىبلەنگەن ئىدى. شۇندىن بۇيان ئىلھام توختى ئەپەندى دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرىنىڭ سوراق ۋە نازارەت ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان مۇھىم يىغىنلىرى مەزگىلىدە ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنىش ياكى «ساياھەت» نامىدا باشقا جايلارغا ئېلىپ كېتىلىش قىسمىتىگە يولۇقماقتا.

ئىلھام توختى ئەپەندىگە قارىتىلغان بۇ قېتىمقى نازارەت ۋە تەقىب قىلىش مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا باشلانغان. ئىلھام توختى ئەپەندى 2-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەتقىقاتچى بولۇپ كېلىش سەپىرىدىن توسۇپ قېلىنغاندىن بۇيان، ئۈزلۈكسىز نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ئىدى. ئۇ 7-فېۋرال كۈنى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، 2 دانە ساقچى ئاپتوموبىلىنىڭ ئۇ تۇرۇشلۇق بىنا ئاستىدا كېچە-كۈندۈز نۆۋەتتە تۇرۇپ، ئۇنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىنى ۋە ئۇنى يوقلاشقا كەلگۈچىلەرنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىلھام توختى ئەپەندى يەنە، يېقىندىن بۇيان دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرى «چاي ئىچىش» نامىدا ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق «سۆھبەت» ئۆتكۈزۈپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ روھى ھەم جىسمانىي جەھەتتىن قاتتىق چارچىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

رادىئومىز ئىگىلىگەن باشقا ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى قۇرۇلتاي مەزگىلىدە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ۋە زىيالىيلاردىن تىبەتلىك ئايال يازغۇچى ۋوئىسېر، خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ لىشيۇڭ قاتارلىقلارمۇ ئۆيىدە نەزەربەند قىلىنغان. ئۇندىن باشقا يەنە بېيجىڭغا كەلگەن ئەرزدارلار ۋە بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى تۇتقۇن قىلىنغان. بوشۈن تورىنىڭ 26-فېۋرال كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 24-فېۋرال چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدىكى مەلۇم ناخشا زالىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 10 نەچچە نەپەر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بېيجىڭ داشىڭ گۇەنيىڭ ساقچىخانىسى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىگەن.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-02252013171218.html/story_main?encoding=arabic

Share
1428 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.