logo

trugen jacn

خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتە تەرەققى قىلسا، دېموكراتىيە يولىغا ماڭىدۇ، دېگەن سەپسەتىنى تارقاتقۇچىلارنىڭ مەقسىتى

ئېرپان مۇزەپپەر

خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ تاشقى سودىغا تايىنىپ غايەت زۆر تەرەققى قىلىپ، دۇنياغا بولۇپمۇ ئامېرىكا دۆلىتى ۋە ئامېرىكا دېموكراتىيىسىگە تەھدىت بولۇپ شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرگەن، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتايغا ئامېرىكىنىڭ ئېشكىنى ھەممە جەھەتتىن كەڭ ئېچىپ بەرگەن ۋە خىتايدىكى ئەرزەن ئەمگەك كۈچى ئارقىلىق پۇل تېپىشنى كۆزلىگەن ئامېرىكا شىركەتلىرىگە « يېشىل چىراغ » يېقىپ بەرگەن ئا ق ش ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سابىق ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى خېنري كىسسىنگېر قاتارلىق بىر قىسىم ئامېرىكىلىق سىياسىيونلار ۋەزىيەتنىڭ ئۆزلىرىگە قارىتا ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، ئامېرىكا خەلقى تەرىپىدىن جاۋاپكارلىققا تارتىلىشتىن قوتۇلۇش ئۈچۈن قانداقتۇر « خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتە تەرەققى قىلسا، دېموكراتىيە يولىغا ماڭىدۇ » دېگەن سەپسەتىنى كۆتۈرۈپ چىقتى.
كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيە بىلەن كاپتالىستىك ئىدېئولوگىيە بىر- بىرىگە زىت ئىدېئولوگىيەلەر ئىكەنلىكى 70 يىل سوۋىت كوممۇنىزمچىلىرى بىلەن كۆرەش قىلىپ كەلگەن كۆپچىلىك ئامېرىكا سىياسىيونلىرى ئۈچۈن بەش قولدەك ئايدىڭ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، دۇنيا تارىخىدا بىرەر ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ياخشىلىنشى بىلەن ئۇلارنىڭ سىياسىي ئېقىمى تېخىمۇ كۆچلىنىپ كەتكەنلىكىنىڭ مىساللىرى كۆرۈلدىكى، ئامما ئۇلار ۋەكىللىك قىلغان سىياسىي ئېقىمنىڭ ئۆزگەرگەنلىك مىساللىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان. سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتاي ۋەكىللىك قىلغان كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيىسى ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشغا ئەگىشىپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىچىدە تېخىمۇ كۈچىيىپ بارغان.
« خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتە تەرەققى قىلسا، دېموكراتىيە يولىغا ماڭىدۇ » دېگەندىن ئىبارەت بۇ سەپسەتە بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئىلگىرى ھېچقانداق ئامېرىكانىڭ مەتبۇئات ۋە تاراتقۇلاردا ئامېرىكا سىياسىيونلىرى تەرىپىدىن بىرەر قېتىممۇ ئېلان قىلىنىپ باققان ئەمەس.
« خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتە تەرەققى قىلسا، دېموكراتىيە يولىغا ماڭىدۇ » دېگەن بۇ سەپسەتىنى تارقاتقۇچىلارنىڭ مەقسىتى ئامېرىكا خەلقىنى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. نۆۋەتتە، ئامېرىكا خەلقنىڭ خېنري كىسسىنگېر قاتارلىق خىتايپەرەس سىياسىيونلار بىلەن ھېساب- كىتاب قىلىدىغان ۋاقتى كەلدى.

             شاڭگاڭلىقلارنىڭ قوراللىق كۆرەش قىلىشى ۋە مۇستەقىللىقى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ « دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى ( شاڭگاڭ نوسخىسى ) » نىڭ ئېلان قىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شاڭگاڭدا يۈرگۈزۋاتقان، ئالدامچىلىق ۋە ساختىچىلىقتىن ئىبارەت بولغان « بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم » نىڭ ئاياقلاشقانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ سەۋەپ بىلەن « شاڭگاڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق كۆرەش باشلىنىدۇ.» دېگەندەك ھۈكۈملەر ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلىدى.
« شاڭگاڭدىن قوراللىق كۆرەش باشلىنىدۇ » دېيىشتىن ئەۋۋال « شاڭگاڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق كۆرەش باشلىنشىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى شەكىللەندىمۇ- يوق ؟ شاڭگاڭلىقلارنىڭ قوراللىق كۆرەش قىلىشقا ئىدىيە، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتلەردە قانداق تەييارلىقلىرى بار؟» دېگەندەك بىر قاتار سوئاللارغا ( مەسىلىلەرگە ) جاۋاپ تېپىشقا توغرا كېلىدۇ.
نۆۋەتتىكى شاڭگاڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا شاڭگاڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق كۆرەش باشلىنىشىنىڭ ھېچقانداق ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە شاڭگاللىقلارمۇ « تۆت تەرپى سۇ ۋە خىتاي ئارمىيىسى بىلەن قورشالغان شاڭگاڭدەك بىر ئارال » دا قوراللىق كۆرەشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولۇشىنى ياخشى چۈشىنىدۇ.
شاڭگاڭنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىگە كەلسەك، قاچانكى مەركىزىي خىتاي ھۆكۈمىتى پارچىلانغاندا ئاندىن بۇ مەسىلە ھەققىدە گەپ قىلىش ئىمكانىيىتى توغۇلىدۇ. خالاس.

Share
4148 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.