logo

trugen jacn

خىتاي ئامېرىكا جەنۇبىي كورىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلان قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسىدىن قورقىدىكەن

1380214624651

خىتاينىڭ ئامېرىكا جەنۇبىي كورىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلان قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسىدىن قورقىدىغانلىقى مەلۇم.

ئامېرىكىدىكى ستراتفورد دۇنياۋى ئىستىخبارات ناملىق تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ 27 – مارت خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورىيە دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى بوشلۇقتىكى مۇداپىئە دەپ ئاتىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسىنى جەنۇبىي كورىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى سۆزلەشمەكتە ئىكەن.

مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى 150 كىلومېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچۇۋاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئۈنۈملۈك پاچاقلاپ تاشلىيالايدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا بۇ سىستېمىغا X – دولقۇنلۇق رادار سىستېمىسى سەپلەنگەن بولۇپ، بۇ مەزكۇر سىستېمىسىنىڭ زەربە بېرىش مۇساپىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىكەن.

ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرى بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىغا قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرۈپ كەلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى جەنۇبىي كورىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى ئامېرىكا بولماستىن خىتاي ئىكەنلىكىنى، مەزكۇر قالقان سىستېمىسىنىڭ جەنۇبىي كورىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئاقىۋەتلەرگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى جەنۇبىي كورېيەنىڭ سەمىگە قايتا – قايتا سالغان.

ئامېرىكا جەنۇبىي كورىيىگە ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغان بۇ قالقان سىستېمىسى بىر رايون خاراكتېرلىك مۇداپىئە سىستېمىسى ئىكەن. خىتاي بۇنىڭ جەنۇبىي كورىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئامېرىكىنىڭ شۇ خىلدىكى قالقان سىستېمىلىرىنى ئاسىيا قىتئەسىگە كۆلەملىك ئورۇنلاشتۇرۇش يولىنى ئېچىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.

خەۋەردىكى ئانالىزىغا قارىغاندا، خىتاي ئامېرىكىنىڭ بۇ خىلدىكى قالقان سىستېمىلىرى خىتاينىڭ يادرو قوراللىرى بىلەن قارىشى تۇرۇش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، دەپ قورقىدىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitay-amerika-koriye-03282015205309.html

Share
1742 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.