logo

trugen jacn

خىتاينىڭ 300 مىليون يۈۋەن مۇكاپاتى قاراقاشنىڭ ئەركىنلىك ئىرادىسىنى توسۇپ قالالامدۇ؟

8c89a58fbca5154943425e

خىتاي ھۈكۈمىتى 3.ئاۋغۇست كۈنى قاراقاشتا 10 مىڭ كىشىلىك يىغىن ئىچىپ،1.ئاۋغۇست كۈنى قاراقاش خەلقىنىڭ سۈيۈملۈك ۋە قەھرىمان پەرزەنتلىرىدىن 9 مۇجاھىتنىڭ شىھىت قىلىنىشىغا قاتناشقان خىتاي قۇراللىق قىسىملىرىغا ۋە ئۇلارغا ياردەملەشكەن بىر نەچچە ئۇيغۇر مۇناپىققا مۇكاپات تارقاتتى
قاراقاش 1850.يىللىرى مانجۇر ئەسكەرلىرىنى خوتەن دىيارىدىن قوغلاپ چىقىرىشتا تۇنجى ئوقنى ئاتقان،تۇنجى قورغاننى ئالغان،خوتەندە مۇستەقىل دۆلەت قورۇشتا قەھرىمانلارچە جەڭ قىلغان خەلق.بۇگۈنمۇ خوتەن خەلقى تەرىپىدىن قوشاقلاردا ئوقۇلىۋاتقان “ئابدۇراخمان پاشا” داستانى قاراقاش،خوتەن خەقىنىڭ بۇ ئەركىنلىك كۈرەشلىرىدىن قانچىلىك ئىپتىخار ھىس قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ
قاراقاش 1930.يىللىرى مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا،سابىت دامۇللامنىڭ يىتەكچىلىكىدە پۈتۈن ناھىيەنى بىر كۈن ئىچىدە ئازات قىلىپ، نىيەدىن باشلاپ يەركەنگىچە بولغان ھەممە يەردىكى دۇشمەن كۇچلىرىنى تازىلاپ ئازات قىلىشتا ئالدىنقى سەپتە پىداكارلىق كۆرسەتكەن خەلقتۇر.قاراقاشتىن قەشقەرگە ئىۋەتىلگەن ۋەكىل سابىت داموللام قەشقەردە “شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى”نى قۇرۇشقا يىتەكچىلىك قىلغان ئىدى
بۇگۈن قاراقاش ناھىيىسىدە 700 مىڭ ئۇيغۇر نۇپۇسى ياشىماقتا.خىتاينىڭ 300 مىليون يۈۋەن مۇكاپات بەردۇق دەپ دۋران سالغان پۇلدىن ئۇيغۇر مۇناپىقلارنىڭ قولىدىكى مۇكاپات لەۋھەسىدە 3000 يۈۋەن يىزىلغان.قالغىنىنى پارىخور خىتاي خوجايىنلىرى ئالىدۇ،ئەلبەتتە
ئۇزۇن يىللار مۇستەملىكە ئاستىدا ياشىغان مىللەتلەر ئارىسىدا بىر قىسىم خائىن،مۇناپىقلارنىڭ چىقىشى مۇمكىن.ئامما، قاراقاش خەلقى، شىھىتلەرنىڭ قىنى بىلەن بولغانغان بۇ پۇللارنى تارقاتقان ۋە ئالغانلارغا قانداق جازا بىرىشنى ياخشى بىلىدۇ
خىتاينىڭ 300 مىليون يۈۋەن مۇكاپاتى قارقاشنىڭ ئەركىنلىك ئىرادىسىنى توسۇپ قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.ئۇيغانغان ئۇيغۇر مىللىتىنى تەكرار ئۇخلۇتۇش مۇمكىن ئەمەس
بىر ھەپتە ئىچىدە  قاراقاش ۋە يەركەنتتە شىھىت بولغان قەھرىمان مۇجاھىتلىرىمىزنىڭ روھى ئاللانىڭ جەننىتىدە ئەڭ ئۈستۈن مەرتىۋىلەردە قەدىرلەنمەكتە بولغانلىقىغا ئىمانىمىز كامىل
زالىملارنىڭ كۇچى بار،بىزنىڭ ئاللاھىمىز بار
زالىملارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەم،زالىملارغا قارشى جەڭ قىلغۇچى مۇسۇلمانلارنىڭ بارىدىغان جايى جەننەتتۇر

مەنبە

http://uy.ts.cn/homepage/content/2014-08/04/content_366677.htm

Share
2022 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.