logo

trugen jacn

خىتاينىڭ يېڭى « تۇغۇت سىياسىتى » ھەققىدە ئىككى ئېغىز سۆز

(پارچە)

نەزەر

ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىدا  ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ بىرى بولغان ئادەم ئەمگەك كۈچى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى بىلەن  ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىشقا قاتناشقان ئادەم ئەمگەك كۈچى قانچە كۆپ بولسا، يارىتىلغان ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.  شۇڭلاشقا نۆۋەتتە خىتاي كومھۆكۈمىتى خىتايدىكى مىليون- مىليون ئەرزەن ئەمگەك كۈچى بىلەن دۆلەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى ئاشۇرۇپ كەلمەكتە.

پەن – تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئىشلەپچىقىرىش ماشىنىلىشىش، ئاپتوماتلىشىش ۋە ئادەم ماشىنا ئىشلىتىش دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن باشلاپ ئىشلاپچىقىرىش قىممىتىنىڭ ئادەم ئەمگەك كۈچىگە تايىنىش ئەھۋالىدا زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىپ، ئاز مىقداردىكى ئادەم ئەمگەك كۈچى ئىشلىتىپ نىسپىي ھالدا كۆپ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى يارتىشتىن ئىبارەت يېڭى ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى بارلىققا كەلدى. نۆۋەتتە سانائەتلەشكەن G7 دىكى دۆلەتلەردە بۇ يېڭى ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلماقتا. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى دۆلەت نوپۇس قورۇلمىسىدىكى « نوپۇسنىڭ قېرىلىق نىسپىتى » نىڭ تەسىرىگە ئانچە ئۆچراپ كەتمەيدۇ.

نۆۋەتتە خىتاي كومھۆكۈمىتى ئۆز دۆلىتىدىكى پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىغا بولغان تەسىرىنى نەزەردىن ساقىت  قىلىپ، نوقۇل ھالدا ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى نەزەرىيىسىگە ئاساسەن خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى ئادەم ئەمگەك كۈچىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن خىتاي دۆلىتىدە « ئۈچ بالىلىق بولۇش » دىن ئىبارەت يېڭى تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويدى. (ئەمەلىيەتتە خىتايدا ئادەم ئەمگەك كۈچى ئىشلەپچىقىرىش ۋاستلىرىنىڭ بىرى بولغان توراقلىق ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى – سانائەتتىكى زاۋۇت – كارخانىلار ۋە يېزا ئىگىلىكىدىكى ماشىنا- ئۈسكۈنلىرىغا نىسپەتەن غايەت زور دەرىجىدە كۆپ.) بۇ تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئىجرا  قىلىنىشى بىلەن ئۇزۇن بولمىغان كەلگۈسىدە خىتايدا نوپۇسنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق كۆپىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىشتىن تاشقىرى يەنە تۆۋەندىكىدەك ئېغىر بىر ئىجتىمائىي ئەھۋال سادىر بولۇشى مۇمكىن :

نۆۋەتتە ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتاي دۇنيا بۇيىچە ئىككىنچى ئورۇندىكى دۆلەت. خىتايدا پەن – تېخنىكىمۇ خىلى تەرەققىي قىلغان. كەلگۈسىدە خىتايدا پەن- تېخنىكىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىشىدىمۇ ماشىنىلىشىش، ئاپتوماتلىشىش ۋە ئادەم ماشىنا ئىشلىتىش  قەدەممۇ قەدەم ئومۇملىشىشقا باشلايدۇ. يەنە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى تۈپەيلى خىتاينىڭ دۇنيادىكى دۆلەتلەر  بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىدىمۇ ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن. يەنى خىتاي خەلقئارادا  يېتەرلىك سودا بازىرى تاپالماي قىلىشى مۇمكىن.

خىتايدا يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بىرىش ئېھتىماللىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى. خىتاي ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ يېڭى ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىغا ئومۇميۈزلۇك كۆچۈشى ۋە خىتاينىڭ خەلقئارالىق سودىدىكى ئورۇننىڭ تۆۋەنلىشى بىر تەرەپتىن خىتايدا يۈز مىليونلىغان ئىشسىزلىق قوشۇنىنى بارلىققا كەلتۇرسە، يەنە بىر تەرەپتىن  خىتاينىڭ تاشقىي سودىغا تايىنىپ تەرەققى قىلغان ئىقتىسادى ئېغىر زەربىگە ئۆچرايدۇ. مانا بۇ دەۋرگە كەلگەندە خىتاينىڭ نوپۇسى ۋە ئادەم ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئوشۇقچە ئىكەنلىكى جىددىي مەسىلگە ئايلىنىدۇ. خىتاي كومھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چەت ئەللەرگە نىسپەتەن كېڭەيمىچىلىك قىلىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى. نۆۋەتتە خىتاي كومھۆكۈمىتىنىڭ « بىر بەلۋاغ، بىر يول قۇرۇلۇشى » دەل بۇ ئىشنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر ئېھتىماللىق بولسا خىتايدا بىر سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بىرىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋال يۈز بەرسە، بىر بولسا شى جىنپىڭ تەخىتدىن چۈشۈشى مۇمكىن، ياكى بىر بولسا خىتاي كومھۆكۈمىتى ئاغدرۇلۇپ باشقا ھاكىمىيەت بارلىققا كېلىشى مۇمكىن.

2021- يىلى ئىيۇل

 

 

Share
1377 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.