logo

trugen jacn

خىتاينىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولۇش مەسىلىسىدىكى مۇلاھىزىلەر

 

 ئىرادە

ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پروفېسسورى داۋىد شامباۋ شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتلىرى، خىتاينىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي مەسىلىلىرى تەرەققىياتلىرى تەتقىقاتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن بىر شەخس. ئۇنىڭ «دۆلەت مەنپەئەتى» ناملىق جۇرنالدا ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ خىيالىي قۇدرىتى» ناملىق مۇلاھىزىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان بولۇپ، قىسقىغىنە بىر قانچە كۈن ئىچىدە 3000 دىن ئارتۇق كىشى بۇ ماقالىگە ئىنكاس قايتۇرغان.

ئاپتور داۋىد شامباۋ مۇلاھىزىسىنىڭ بېشىدىلا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى زور تەرەققىياتىنىڭ ھازىر نۇرغۇن كىشىلەردە «خىتاي 21 – ئەسىرنىڭ ئەڭ چوڭ ئاكتىيورى، ئۇ بىر دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولىدۇ» دەيدىغان قاراشنى شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى، بۇنى چۈشىنىشكە بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل قاراشنى خاتا، دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇ، 1980 – يىللاردا ياپونىيىنىمۇ بىرىنچى كۈچ بولۇپ، دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ، دەپ پەرەز قىلغانلار بولغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتكە ئايلانمىغانلىقىنى، چۈنكى يالغۇز ئىقتىسادىي كۈچ بولۇش بىلەنلا دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان ۋە بۇنىڭغا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىنىمۇ مىسال قىلىپ ئۆتكەن.

ئۇ مۇلاھىزىسىدە، خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم يۈكسىلىۋاتقان كۈچ ئىكەنلىكىنىڭ شۈبھىسىزلىكى، ئۇنىڭدا دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت بولۇشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئامىللارغا، مەسىلەن: دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ نوپۇسقا، دۇنيادىكى ئىككىنچى زور ھەربىي راسخوتقا، ئەڭ كۆپ تاشقى پېرەۋوت زاپىسىغا، ئالەم تېخنىكىسىغا، ئاۋىئاماتكىغا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇزېيغا، دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى تېز سۈرئەتلىك پويىز قاتنىشى سىستېمىسىغا ۋە باشقىلارغا ئىگە بولغانلىقىدەك نۇرغۇن ئامىللارنىڭ مەۋجۇت بولسىمۇ، بىراق دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولۇش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان بىر نەرسە يەنى «تەسىر كۈچى» نىڭ يوقلىقىنى بايان قىلغان.

داۋىد شامباۋ بىر دۆلەتنىڭ ئەگەر تەسىر كۆرسىتىش كۈچى بولمىسا، ئۇنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت دەپ ھېسابلاشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە مۇنداق دېگەن :

– خىتاينىڭ دۇنيا سەھنىسىدىكى ئورنى ۋە پوزىتسىيىسىگە قارىغان ۋاقتىمىزدا، بىز ئۇنىڭ يۈزەكى كۆرۈنۈشىگىلە قاراپ قالماستىن، بەلكى خىتاي باشقىلارنىڭ ھەرىكىتىگە، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسىتەلەۋاتامدۇ – يوق؟ دەپ سوئال قويۇشىمىز كېرەك. بۇنىڭ جاۋابى قىسقا قىلىپ ئېيتقاندا ياق. خىتاينى باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، خەلقئارا ئۆلچەملەرنىڭ شەكىللىنىشىدە ۋە خەلقئارا مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشىدا رول ئويناۋاتىدۇ، دېيىش ئىنتايىن قېيىن. خىتاي – رىقابەتلەردىن ئۆزىنى ئۇزاق تۇتىدىغان، خەلقئارا كىرىزىسلەر يۈز بەرگەندە دەرھال يوشۇرۇنىۋالىدىغان پاسسىپ كۈچ. ئۇكرائىنادىكى كرىزىس ۋە سۈرىيە مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى بېيجىڭنىڭ پاسسىپلىقىنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئىسپاتى. خىتاينىڭ ئىقتىدارىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نۇرغۇن كۆرسەتكۈچلەر ساناقتا بار، سۈپەتتە يوق. خىتايدا «تېشى قاتتىق، ئىچى يۇمشاق» دەيدىغان. مانا بۇ بۈگۈنكى خىتاينى تەسۋىرلەيدىغان ياخشى سۆز. خىتايغا ئائىت پاقىراپ تۇرغان نۇرغۇن ئىستاتېسكىلارنىڭ ئاستىدىكى تارتۇقلارغا قارايدىغان بولساق، خىتاينىڭ ھەممە ساھەدىكى ئاجىزلىقلىرىنى، ئۇنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولالماسلىقىدىكى نۇرغۇن توساقلارنى كۆرەلەيمىز. خىتاي بەلكىم 21 – ئەسىرنىڭ قەغەز يولۋىسى، بولۇشى مۇمكىن.

داۋىد شامباۋ خىتاينى قەغەز يولۋاس دەپ ئاتىشىدىكى سەۋەبلەرنى دىپلوماتىيە، ھەربىي كۈچى، مەدەنىيىتى، ئىقتىسادىي كۈچى ۋە ئىچكى ئېلېمېنتلىرىدىن ئىبارەت 5 نوقتا بويىچە ئايرىم – ئايرىم تەھلىل قىلغان. ئۇ خەلقئارا دىپلوماتىيىدە خىتاينىڭ نۇرغۇن دۆلەت ۋە قۇرۇلۇشلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقى، دىپلوماتىيىلىك بېرىش – كېلىشىنىڭ ھەرقانداق دۆلەتتىن كۆپلۈكىنى، بىراق شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، دىپلوماتىيىسىنىڭ كۈچى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ب دت خەۋپژلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، گ – 20 تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى دېگەنگە ئوخشاش سالاھىيەتلەرگە ئىگە بولۇشنىڭ كەيپىنىلا تاماشا قىلىپ، خەلقئارالىق رىقابەتلەرگە كەلگەندە بولسا پاسسىپ ئورۇندا تۇرۇۋېلىشقا داۋام قىلماقتا.

داۋىد شامباۋ مۇنداق دەيدۇ : دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولۇش – زىددىيەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشۈشنى، تەرەپلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىش ۋە ئەلۋەتتە كېرەك بولغان يەردە بېسىم ئىشلىتىشنى بىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما بېيجىڭ بولسا ھازىرغىچە خەلقئارا مەسىلىلەردە بىر ياندا ئولتۇرۇۋېلىپ، دۆلەتلەرنى ئۆزىنىڭ مەسىلىسىنى تىنچلىق بىلەن «ھەر ئىككى تەرەپ پايدا ئېلىش» ئاساسىدا ھەل قىلىشقا چاقىرىپ كەلدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دەپ بايان قىلغان : بېيجىڭنىڭ ب د ت نىڭ جازا تەدبىرلىرىنى كۆرسىمۇ بېشى ئاغرىيدۇ، تەرەپ تۇتمىسا قەتئىي بولمايدىغان، خەلقئارادىكى ئوبرازى قاتتىق چۈشۈپ كېتىدىغان بىر شارائىت ئاستىدىلا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ جازا تەدبىرلىرىگە ئاۋاز قوشىدۇ. بۇ لىدىر بولىدىغان دۆلەتنىڭ ھەرىكىتى ئەمەس. خىتاينىڭ خەلقئارادىكى دىپلوماتىيىسى يەنىلا، ئۆز خەلقىگە كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ غەلىبىلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان تىياتىر ئويۇنىدىن ئىبارەت.

ئۇ مۇلاھىزىسىدە ئەسكەرتىپ «خىتاي دىپلوماتىيىسى پەقەت تەيۋەن، تىبەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق داۋالىرىغا كەلگەندىلا نورمالدىكىدىن ئالاھىدە پەرقلىق بولۇپ كېتىدۇ. بۇ مەسىلىلەردە خىتاي ھەددىدىن زىيادە گۇمانخور ۋە كۈچلۈك. بىراق ئۇنىڭ بۇ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئەخمىقانە ۋە ئۆزىنىڭ ئوبرازى ۋە نىشانى ئۈچۈن پايدىسىز» دېگەن.

داۋىد شامباۋ ئەپەندى مۇلاھىزىسىنىڭ داۋامىدا خىتاينىڭ ھەربىي قۇدىرىتى ئۈستىدە توختالغان. ئۇ خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ئاسىيادا كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دۇنياۋى كۈچ بولۇشقا يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي قۇدرىتى پەقەت ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ۋە ئامېرىكا ئارىلاشمىغان بىر شارائىت ئاستىدا تەيۋەننى كونترول قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك. بىراق ئۇ دۇنياۋى كۈچ بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەمەس. مەسىلەن، خىتاينىڭ چەتئەللەردە ھەربىي بازىسى يوق، ئۇزۇن مۇساپىلىق ئارقا سەپ خىزمەتلىرى ۋە ئالاقە تورى يوق، ۋە پۈتكۈل يەر شارىنى تەقىب قىلىدىغان سۈنئىي ھەمراسى يوق. دېڭىز ئارمىيىسى ئاساسەن ياقا رايونلارغا جايلاشقان بىرلىكلەردىن تەشكىللەنگەن. ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئۇزۇن مۇساپىغا زەربە بېرىش ئىقتىدارى يوق.

ئاپتور يەنە، خىتاينىڭ رايوندىكى «يالغۇز دەرەخلىكى» نى، ئۇنىڭ ھېچقانداق شېرىكى ياكى دوستى يوقلىقىنى، رۇسىيە بىلەن يېقىن بولسىمۇ بىراق ئىككى دۆلەتنىڭ بىر – بىرىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، پاكىستاندىن باشقا بىرمۇ دۆلەتنىڭ خىتاينى ئۆزىنى قوغدايدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى مىسال قىلىپ، بۇنىڭمۇ خىتاينىڭ تەسىر كۈچىنىڭ يوقلۇقى، يەنى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولۇش ئىقتىدارىنىڭ يوقلۇقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى، دەپ كۆرسەتكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/xitay-derijidin-tasqiri-07152014180944.html

Share
1713 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.