logo

trugen jacn

خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» خەلقئارادا دىققەت ۋە مۇنازىرە قوزغىدى

e211972a-c05a-4664-8406-ec70e9e99023

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي ھۆكۈمىتى 27 ‏-دېكابىر كۈنى «تېررورلۇققا قارشى قانۇن» نى ماقۇللىدى ۋە 2016-يىل 1-يانۋاردىن باشلاپ ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. نۆۋەتتە خىتاي يولغا قويماقچى بولغان بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر ۋە ئۇنىڭ قانداق ھالەتتە ئىجرا قىلىنىشى، خەلقئارا تاراتقۇلاردا دىققەت ۋە مۇنازىرە تېمىسى بولدى.

بىر قانچە كۈندىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەرىپىدىن ماقۇللانغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ھەققىدە ئىنكاس ۋە مۇنازىرىلەر كۆپەيدى. ئامېرىكا ئاۋازى، ب ب س ئاگېنتلىقى، تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى قاتارلىقلاردا 28-دېكابىر بېرىلگەن خەۋەر، ئانالىزلاردا مەزكۇر قانۇن بەلگىلىمىلىرىنىڭ «پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، ئۇچۇر تېخنولوگىيەسى شىركەتلىرى ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى» ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى قانۇنى دىققەت قوزغىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئانالىزىدا، «خىتاي ھۆكۈمىتى ماقۇللىغان قانۇن، بەلگىلىمىلەردىكى كىشىلىك ھوقۇققا ۋە خەلقئارا ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئەنسىرەتتى» دېگەن بايانلار بېرىلدى. خەۋەردە يەنە «ئارمېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بۇندىن سەل ئىلگىرى، ئۆزىنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن خىتاينىڭ بۇ قانۇن بەلگىلىمىلىرى ھەققىدىكى ئەندىشىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى» دېگەن بايانلارمۇ بېرىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرىدە «خىتاي قانۇن چىقىرىش ئورگىنى، ئۇچۇر تېخنىلوگىيەسى شىركەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشىنى شەرت قىلىدىغان، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغان ۋە سودا مەنپەئەتلىرىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، بىر قىسىم ئەنسىرەشلەرنى پەيدا قىلىدىغان تۇنجى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ماقۇللىدى» دېگەن بايانلار بېرىلدى.

خىتاي خەۋەرلىرىدە يەنە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن» نىڭ 2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، خىتاي ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن چېن پوكۇڭ ۋە ئېلشات ھەسەن ئەپەندىلەر رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ خىتاينىڭ مەزكۇر قانۇنى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى دۈشەنبە كۈنى رادىئومىزغا بايانات بېرىپ، «كېلەر يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى› خەلقئارادىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنلىرىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. بۇ قانۇن يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن پۇقرالارنىڭ نارازىلىق، قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان ھەرقانداق نارازىلىقى ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى دۆلەت تېررورلۇقى ۋاسىتىسى بىلەن باستۇرۇشىنى قانۇنلاشتۇرۇش، سۆز-پىكىر ئەركىنلىكىنى يەنىمۇ چەكلەشنى مەقسەت قىلىدۇ» دېدى.

چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن چېن پوكۇڭ ئەپەندى بۇ قانۇن ھەققىدە توختىلىپ، خىتايدەك پەقەت كومپاتىيىدىن ئىبارەت بىرلا پارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان مۇستەبىت تۈزۈمدىكى دۆلەتتە چىقىرىلغان ئاتالمىش قانۇن، بەلگىلىمىلەرنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.

چېن پوكۇڭ: «خىتايغا ئوخشاش كومپارتىيىدىن ئىبارەت بىرلا پارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان مۇستەبىت دۆلەتتە، ئاتالمىش ‹تېررورلۇققا قارشى قانۇن› نىڭ ماقۇللىنىشىنىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي ئەھمىيىتى يوق. چۈنكى خىتاينىڭ قانۇنى باشقا دېموكراتىك، مەدەنىي دۆلەتلەردىكى شۇ خىل قانۇنلار بىلەن تامامەن ئوخشىمايدۇ. كومپارتىيىدىن ئىبارەت بىرلا پارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان مۇستەبىت تۈزۈمدىكى دۆلەتتە كومپارتىيىنىڭ دېگىنى ھېساب، بۇ دۆلەتتە مۇستەقىل قانۇن سىستېمىسىمۇ مەۋجۇت ئەمەس. خىتايدا قانۇن خەلق مەنپەئىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قورالغا ئايلانغان. ئەگەردە خىتايدا ھەقىقەتەن كوممۇنىست پارتىيىدىن مۇستەسنا بىر مۇستەقىل قانۇن سىستېمىسى مەۋجۇت بولسا، ئۇ ھالدا بۇ خىل قانۇن، بەلگىلىمىلەرنىڭ ئازراق ئۈنۈمى بولاتتى» دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇتۇش قانۇنى» ماقۇللىنىشتىن ئىلگىرىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئوخشاشلا قاتتىق باستۇرۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

چېن پوكۇڭ ئەپەندى يەنە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نىڭ قاراتمىقلىقى ھەققىدە توختىلىپ: «مېنىڭچە، بۇ قانۇن ئالدى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشقا قارىتىلغان دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشى نۆۋەتتە خەلقئارادا ئەيىبلەشكە ئۇچراۋاتقان پەيتتە، بۇ ھۆكۈمەت مۇشۇ خىلدىكى قانۇنىي بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ شەپقەتسىز باستۇرۇش قىلمىشىنى قانۇنلاشتۇرۇلماقچى» دېدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ۋە خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى چېن پوكۇڭ ئەپەندىلەر يەنە، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتى ۋە رايوندا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇرلانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە بۇندىن كېيىنكى ئەھۋالىغا خەلقئارانىڭ جىددىي دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى بايانىدا، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نى ۋاسىتە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشى ۋە بۇ خىل قىلمىشلارنى توسۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

چېن پوكۇڭ ئەپەندى بولسا،نۆۋەتتە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەمما ھەممىمىز شۇنى بىلىمىزكى، نۆۋەتتىكى شىنجاڭ مەسىلىسى ھەرگىزمۇ پۇقرالارنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ زوراۋانلىقى يەنى رايوندا دۆلەت تېررورلۇقى يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى. چۈنكى شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى باستۇرۇلۇۋاتىدۇ، ھەتتا مەدەنىيىتى تىلى قاتارلىقلار باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتىدۇ. بۇلارنى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت تېررورچىلىقىنى توختىتىشى كېرەك، شۇڭا مېنىڭچە، ئەگەر بۇ ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى› دۆلەت تېررورلۇقىنىمۇ چەكلىسە، ئۇ ھالدا بۇ قانۇننىڭ يەنە مەلۇم ئەھمىيىتى بولغان بولاتتى. ئەمما بۇ قانۇن، پەقەت ھۆكۈمەت ھاكىمىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەزىيەتكە بولغان نارازىلىقلارنى باستۇرۇشقا قارىتىلىدىكەن، ئۇ ھالدا بۇ قانۇننىڭ ھېچقانداق رولى بولمايلا قالماستىن، بەلكى تېخىمۇ زور بولغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/terrorgha-qarshi-12282015144204.html

Share
1472 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.