logo

trugen jacn

خىتاينىڭ «بىر مىليون مۇسۇلماننى يوقىتىشى» يېڭى زېلاندىيەدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ گۇماندارىغا ئىلھام بەرگەن

yeni zelanda da katliam ile ilgili görsel sonucu

يېڭى زېلاندىيەدىكى ئىككى مەسچىتتە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىق ۋەقەسىنىڭ گۇماندارى برېنتون تاررانت، خىتاينىڭ «بىر مىليون مۇسۇلماننى يوقىتىشى» ئۆزىدە ئۇنىڭغا قارىتا ئىخلاسمەنلىك قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

ئاۋسترالىيە گىراژدانى برېنتون تاررانت 16‏-مارت كۈنى يېڭى زېلاندىيەنىڭ كرىستچۇرچ شەھىرىدىكى ئىككى مەسچىتكە قوراللىق باستۇرۇپ كىرىپ، 49 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن، 50 تەك ئادەمنى يارىلاندۇرغان. كېيىنرەك ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 50 كە يەتكەن ئىدى. 28 ياشلىق برېنتون كرىستچۇرچ، ۋەقەدىن بۇرۇن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلغان 74 بەتلىك خىتابنامىسىدە «ئاق تەنلىكلەر ئۈستۈنلۈكى» نى تەشەببۇس قىلىپ، مۇسۇلمان كۆچمەنلىرىنى «تاجاۋۇزچىلىق» بىلەن ئەيىبلىگەن. 

ئۇ يەنە ئۆزىنى ئاق تەنلىك مىللەتچى، سوتسىيالىزمچى، ناتسىزىمچى، دەپ تەرىپلەپ، بۇ جەھەتتە خىتاي ئۆزىنىڭ غايىسىدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي قىممەت ئۆلچىمىگە ئەڭ يېقىن دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇنىڭ غايىسىدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي قىممەت قارىشىغا ئەڭ يېقىن دۆلەت بولۇشىدىكى سەۋەب، خىتاي «بىر مىليون مۇسۇلماننى يوقاتقان» ئىكەن. 

ئۇ، شۇڭا خىتاينىڭ دۇنيادىكى باشقۇرۇشقا ئەڭ قۇلايلىق دۆلەت ئىكەنلىكى، چۈنكى، ئۇنىڭ جەمئىيىتى «كۆپ قۇتۇپلۇق ئەمەس» لىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 

مەزكۇر ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتى 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى تۇتقۇن قىلىپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغان، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بۇ لاگېرلاردا مۇسۇلمانلارنى خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراپ، لاگېرلارنى تاقاش، تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا يۈز بەرگەن. 

بۇ ۋەقەنىڭ ھارپىسىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا «تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى. مەزكۇر قىرغىنچىلىق غەرب دۇنياسىدا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا نۇرغۇن كىشى گۇماندارغا ھېسداشلىق قىلغان. 

«كۋارتز» ناملىق تور ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي تور دۇنياسىدا باش كۆتۈرگەن ئىسلام دۈشمەنلىكى ئۇنىڭ مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/yeng-zellandiye-03182019152557.html

Share
2180 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.